مۇھەببەتتىكى بارلىق ساداقەتسىزلىكلەرنىڭ تۈپ سەۋەبى پەقەت بىرلا
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 5693:ئادەم ئۆگەندى
   مۇھەببەت دۇنياسىدا، ئادەمنىڭ كۆڭلىنى ھەممىدىن بەك ئازاپلايدىغىنى، سىز چوڭقۇ ياخشى كۆرگەن ھەمدە بارلىقىڭىزنى ئاتىغان ئاشۇ ئادەمنىڭ، كۈنلەرنىڭ بىرىدە سىزگە ئاسىيلىق قىلىشنى تاللاپ، رەھىمسىزلەرچە سىز بىلەن چەك-چىگرانى ئايرىپ كىتىپ قېلىشىدۇر.
   پىسخىلوگىيە نوقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئاسىيلىق قىلىش، بىر ئادەمنىڭ ئىچكى دۇنياسىدىكى ساداقەتسىزلىك بولۇپ، كۆز ئالدىدىكى ئادەمگە تۇلۇق ئىشەنچ قىلالمايدۇ ھەمدە پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئۇنىڭ يېنىدا ھەمرا بولۇپ، ئۇنىڭ بىلەن ئىسسىقتىمۇ سۇغۇقتىمۇ بىرگە بولالمايدۇ.
   ئەمىلىيەتتە، ئاسىيلىق قىلىشتىن ئىبارەت بۇ قىلمىشنىڭ بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزدا كۆرۈلۈش نىسبىتى تۆۋەن ئەمەس. بۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇنىڭ ۋەيران قىلىش كۈچىنىمۇ بوش چاغلىغىلى بولمايدۇ.
   بەزى كىشىلەر دوستى ياكى جۆرىسىنىڭ ئاسىيلىق قىلىش سەۋەپلىك، تۇرمۇشنىڭ تۆۋەن نوقتىسىغا چۈشۈپ قالىدۇ؛ بەزىلەر بولسا تۇرمۇشقا قارىتا قىزغىنلىقىنى يوقىتىپ ئادىمىيلىكتىن گۇمانلىنىدۇ. ئاسىيلىقنىڭ ئادەمنىڭ ئىچكى دۇنياسىغا ئېلىپ كىلىدىغان سەلبى تەسىرى، ئەمىلىيەتتە بىز ئويلىغاندىن كۆپ چوڭ بولىدۇ.
   نۇرغۇن كىشىلەر، ئاسىيلىق ئېلىپ كەلگەن ئازاپنى تارتىپ قىيىنىلىدۇ، ئەمما ئاسىيلىق قىلىشنىڭ تۈپ سەۋەبىنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ. ئەمىلىيەتتە، ئەڭ ئاساسلىق سەۋەپ پەقەت بىرلا مەسىلىدىن كىلىدۇ؛ ئۇ بولسىمۇ، ئاسىيلىق قىلغان تەرەپتە، مۇھەببەتكە قارىتا قىممەت پەرقى مەۋجۇت بولىشىدۇر.
   جاڭ ئەيلىڭ ئىلگىرى، ئۆزىنىڭ "يېرىم ئۆمۈرلۈك تەقدىر" ناملىق كىتابىدا مۇنداق دىگەن: "سىز مەندىن مەن ياخشى كۆرىشىڭىزگە ئەرزىيمەنمۇ دەپ سورايسىز، ئەمىلىيەتتە سىز بىلىشىڭىز كىرەك، مۇھەببەتنىڭ ئۆزى، ئەرزىيدىغان ياكى ئەرزىمەيدىغانلىقىنى سوراپ ئولتۇرماسلىق".
   مو زىيى بىلەن جوۋ چىفېي مۇھەببەتلەشكىلى ئۈچ يىل بولغان بولۇپ، بۇ ئۈچ يىل جەريانىدا، ئىككەيلەن نۇرغۇنلىغان جىدەل-ماجرا ۋە كۆڭۈل ئازارلىرىنى باشتىن ئۆتكۈزگەن.
   مو زىيىنىڭ نەزىرىدە، جوۋ چىفېي بولسا، مو زىيى ئارىلاشقان ئوبىكىتلارنىڭ ئارىسىدىكى شارائىتى ئەڭ ناچار ئەركىشى بولۇپ، ئالدىنقى ئوغۇل دوستىدەك قاملاشقان ئەمەس، ئائىلە شارائىتىمۇ ئىلگىرىكى ئوغۇل دوستلىرىنىڭكىدەك ياخشى ئەمەس.
   گەرچە بۇ ئەركىشى ھەر ئىشتا مو زىيىنىڭ رايىغا بېقىپ ئۇنىڭغا ئامراقلىق قىلسىمۇ، ئەمما موزىيى كۆڭلىدە ھامان بىر نەرسە كەم قالغاندەك ھىس قىلاتتى. كىيىنچە تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ساۋاقداشلار يېغىلىشىدا، موزىيى، ئىلگىرى كۈنلىرى ئۇنىڭكىدەك ياخشى ئۆتمەيدىغان قىز ساۋاقداشلىرىنىڭ ھازىر ھەممىسىنىڭ ھال-كۈنىنىڭ كۆپ ياخشىلىنىپ كەتكەنلىكىنى بايقىدى.
   ئۇ ساۋاقداشلىرى بىلەن پاراڭلىشىش جەريانىدا، ئۇلارنىڭ ئوغۇل دوستلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ يا ئائىلە شارائىتى ياخشى ياكى بولمىسا ئىقتىدارى بار پۇل تېپىشقا ماھىر ئىكەنلىكىنى بايقىدى؛ بەزى دوستلىرى ھەتتا ئوغۇل دوستى سېتىۋىلىپ بەرگەن قىممەت باھالىق سومكا، زەنجىر دىگەنلەرنى چىقىرىپ كۆز-كۆز قىلىشتى.
   بۇ ۋاقىتتا، مو زىيى ئوغۇل دوستى بىلەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى پەرقنى ئىنتايىن چوڭدەك ھىس قىلدى؛ بۇنداق ئەھۋالدا، ساۋاقداشلىرى ئۇنىڭدىن ئوغۇل دوستىنىڭ قانداقراق ئىكەنلىكىنى سورىغان ۋاقتىدا، موزىيى تېخى ئوغۇل دوستۇم يوق دەپ يالغان ئېيتتى، ھەمدە ئۇلارنىڭ ياردەملىشىپ لايىق تۇنۇشتۇرۇپ قويىشىنى ئۆتۈندى.
   بىر ئادەمنىڭ روھىيىتى ئاسىيلىق قىلىشقا باشلىغان ۋاقىتتا، رىئال تۇرمۇشتىكى ئاسىيلىق قىلمىشىمۇ بەك ئۇزۇنغا قالمايدۇ. ئەمما بىز شۇنى ئىنىق تۇنۇپ يىتىشىمىز كىرەككى، ئادەم بىلەن ئادەم ئوتتۇرسىدىكى پەرق، مەڭگۈ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ.
   بىر ئادەمنى ھەقىقى ياخشى كۆرۈش، ھەمىشە ئۇنى باشقىلار بىلەن سېلىشتۇرۇپ، ياخشىسىغا ئۇچرىسا ياخشىسىنىڭ كەينىدىن كىتىپ قېلىش ئەمەس. چۈنكى ئۇ ۋاقىتتا، سېلىشتۇرۇپ چىققىنىڭىز ئوتتۇرلىقىڭلاردىكى مۇھەببەت ئەمەس، بەلكى سىزنىڭ شەخسىي ئىستىكىڭىز بولىدۇ.
   ئىلگىرى دوۋ يىندا بىر زىيارەت ۋىدىئوسىنى كۆرگەن ئىدىم؛ زىيارەت قىلغۇچى بىر يولۇچى قىزدىن مۇنداق بىر سۇئال سورىغان: "ئەگەر سىز ھازىرقى ئوغۇل دوستىڭىزدىن تېخىمۇ مۇنەۋۋەر بولغان ئەركىشىنى ئۇچراتسىڭىز، سىز ھازىرقى ئوغۇل دوستىڭىزدىن ۋاز كىچەمسىز؟"
   زىيارەتنى قوبۇل قىلغان قىز بولسا مۇنداق جاۋاپ بەرگەن: "مەن ئۇنداق قىلمايمەن. چۈنكى، ئادەمنىڭ ئالغا ئىلگىرلىگەن يولى كۆپەيگەنسىرى، ئۇچرىتىدىغان ئادىمى كۆپىنچە بارغانسىرى مۇنەۋۋەر كىلىدۇ؛ بىراق سىز، كىيىنكىلەرنىڭ مۇنەۋۋەر بولغانلىق سەۋەبىدىن، ئاسىيلىق قىلىشنى تاللىسىڭىز بولمايدۇ، چۈنكى مۇھەببەت جەريانىدا، ئادەم يەنە مەسئۇل بولۇشنىمۇ ئۆگىنىش كىرەك."
   بىر ئادەمنى ياخشى كۆرگەن ئىكەنمىز، ئۇنىڭغا چوقۇم چىن كۆڭلىمىزدىن سەمىمىي مۇئامىلە قىلىشىمىز كىرەك. مەيلى مۇھەببەت بولسۇن ياكى دوستلۇق بولسۇن، ساداقەتمەن بولۇشنى بىلىشىمىز لازىم.
   بىر ئادەم ئەگەر ئالا كۆڭۈللۈك قىلىپ باشقا بىرسىگە كۆڭۈل بەرسە، دەسلىۋىدە بەلكىم ئىلگىرىكىگە قارىغاندا تېخىمۇ مۇنەۋۋەر ئادەم ئۇچراتقانلىقى ئۈچۈن خۇشال بولۇشى مۇمكىن. بىراق، ۋاقىتنىڭ ئۇزىرىشىغا ئەگىشىپ، ئەھۋالدا ئۆزگىرىش بولىدۇ.
   قارشى تەرەپ سىز بىلەن مۇھەببەتلىشىش جەريانىدا، تەدرىجى ھالدا سىزنىڭ ئەسلىدە ئۇنىڭ بىلەن چىن نىيەت بىلەن مۇھەببەتلىشىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى مەقسەتلىك ھالدا يېقىنلاشقانلىقىڭىزنى چۈشىنىپ يىتىدۇ؛ بۇنداق ئەھۋالدا، قارشى تەرەپ سىزگە قايتا ئىشىنىشكە ئامالسىز قالىدۇ. باشقىلارنىڭ ئىشەنچىسىدىن قېلىشنىڭ ئېلىپ كىلىدىغان ئاقىۋىتى ۋەيران قىلىش خارەكتىرلىك بولۇپ، سىزنىڭ ئىجتىمائى ئالاقە چەمبىرىكىڭىزگە زور تەسىر كۆرسىتىدۇ.
   شۇنىڭ ئۈچۈن، مەيلى مۇھەببەتتە بولسۇن ياكى دوستلۇق مۇناسىۋىتىدە بولسۇن، بىز سەمىمىي بولۇشنى ئۆگىنىۋىلىشىمىز كىرەك. چۈنكى، سىزنىڭ ساداقەتسىزلىكىڭىز ئاخىرىدا باشقىلارغا ئازاپ ئېلىپ كىلىپلا قالماي، بەزى ۋاقىتتا سىزنىمۇ ۋەيران بولۇشقا سۆرەيدۇ.
 

قورۇما قورىغاندا تۇزنى قايسى ۋاقىتتا قوشۇش كىرەك

يىمەكلىك تۇزى، تۇرمۇشىمىزدىكى كەم بولسا بولمايدىغان خۇرۇچ ماتىريالى بولۇپ، ئەگەر تۇز قوشۇلمىسا، ھەرقانچە يىيىشلىك يىمەكلىكمۇ تەمسىز ت

چەتئەللىك ئايال ئوڭۇشلۇق ھالدا بەشكىزەك قىز تۇغدى

ئىگىلەشلەرگە قارىغاندا، ئامىرىكا خىيوستوندىكى بىر دوختۇرخانىدا، بىر ھامىلدار ئايال بەشكىزەك قىز تۇغقان بولۇپ، بۇ، يېقىنقى 50يىلدىن بىر

بىر ئايالنىڭ يازغان يىللىق "خىزمەت" خۇلاسىسى

يىللار ئاتقان ئوققا ئوخشايدۇ. ئاياللارغا تەۋە بولغان ۋاقىت تېخىمۇ رەھىمسىزرەك بولۇپ، بولۇپمۇ 30ياشتىن ئاشقان ئاياللار بىر تەرەپتىن خىزم

كۈنلىرىڭىز قانچە تەسلەشكەنسىرى، بۇ تۆت ئىشتا شۇنچە چىڭ تۇرۇڭ

قىيىنچىلىققا تولغان كۈنلەر، قوش بىسلىق پىچاققا ئوخشايدىغان بولۇپ، ئۈمىدۋار كىشىلەرگە نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئۇ بىر خىل ھەرىكەتلەند

قان بېسىمنى كونتىرول قىلىشتىكى خاتا قاراشلار

بۇنداق ئەھۋالدا، قان تۇمۇرلىرىدا كۆپۈپ قېلىش ۋە ئاجىز نوقتىلار كۆرۈلۈش ئىھتىماللىقى بار بولۇپ، بۇ جايلاردا ھەر ۋاقىت يېرىلىش ۋە توسۇلۇ

"كۆڭلى" نامرات ئەرگە ياتلىق بولسىڭىز، بىر ئۆمۈر جاپا تارتىسىز

ئاياللار ئۆزىگە لايىق تاللىغاندا، كۆپىنچە ئاياللارنىڭ ئويلىشىدىغىنى، ئۇنىڭ ئىقتىسادى ئاساسى بار يوقلۇقى ئەمەس، بەلكى ئۇ ئەركىشىنىڭ كە

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号