تۆت يۈز جىڭلىق يىگىت ئۇرۇقلىدى، ئەمما ئازراقمۇ خۇشال بولالمىدى
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 5809:قېتىم كورۇلدى
   ئۇرۇقلاش، ھازىرقى جەمئىيەتتىكى قىزىق نوقتىلارنىڭ بىرىگە ئايلاندى. تۇرمۇش سەۋيىسىنىڭ ئۆزلۈكسىز ئېشىشىغا ئەگىشىپ، نۇرغۇن كىشىلەر سەمىرىپ كىتىشكە باشلىغان بولۇپ، كۆپ قىسىم كىشىلەر خىزمەت ۋاقتىدا ئورۇنداقتا ئولتۇرۇپ ئىشلىگەنلىكى ئۈچۈن، سېمىزلەرنىڭ سانى بارغانسىرى ئېشىپ كەتتى.
    ئۇرۇقلاش، ئەمىلىيەتتە مەلۇم بىر خىل ئىلمى ئۇسۇل ئارقىلىق يىمەكلىكنى ئازايتىپ، ساغلام ھالەتتە بەدەن ئېغىرلىقىنى تۆۋەنلىتىشنى كۆرسىتىدۇ.
    بىراق، چەتئەللىك بىر يىگىت، مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئۇرۇقلىغان بولسىمۇ، ئەكسىچە ئۆزىگە بىرمۇنچە كۆڭۈلسىزلىك تېپىۋالدى. بۇ يىگىت 16ياش ۋاقتىدا، ئۇنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى 400جىڭغا يەتكەن بولۇپ، ھەقىقى تۈردىكى بىر "بودەك" ھىسابلىناتتى؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئۇنىڭ تاماق مىقدارىمۇ ناھايىتى كۆپ بولغاچقا، نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنىڭدىن قاچاتتى ۋە ئۇنى ياراتمايتتى. كىيىنچە يەنە، سېمىزلىك ئۇنىڭ تۇرمۇشىغا كۆپ قولايسىزلىقلارنى ئېلىپ كەلگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇ ئۇرۇقلاشقا بەل باغلىدى.
    ئۇنىڭ ئۇرۇقلاش ئىرادىسى ئىنتايىن كۈچلۈك بولۇپ، تاماقنى ئازايتىش ۋە ھەرىكەت قىلىپ چېنىقىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، ئۈچ يىل ۋاقىت ئىچىدە 224جىڭ ئۇرۇقلىدى. ئەسلىدە بۇ ئىنتايىن خۇشال قىلارلىق بىر ئىش بولسىمۇ، ئەمما بۇ يىگىت مايكىسىنى سېلىۋىتىپ ئەينەكتىكى بەدەن شەكلىگە قاراپ، ئازراقمۇ خۇشاللىق ھىس قىلالمىدى.
    ئۇنىڭ كۆڭلىنى بىئارام قىلغىنى، ئۇرۇقلىغاندىن كىيىن قېلىپ قالغان قېلىن بىر قات ساڭگىلىما تىرە ئىدى. ئىلگىرى ئۇنىڭ بەدىنىدىكى ماي ۋە ئارتۇق گۆشلەر زىيادە كۆپ بولغاچقا، ئۇنىڭ تىرىسى بوشىشىپ ئىلاستىكىلىقىنى يوقاتقان بولۇپ، ئۇرۇقلىغاندىن كىيىن بولسا، ئۇنىڭ تىرىلىرى ساڭگىلاپ خالتا ھالەتكە كىلىپ قالغان. يىگىتنىڭ رەسىمدىكى بۇ ھالىتىنى كۆرۈپ سىزمۇ قورقۇپ كەتكەنسىز ھەقىچان؟ بۇنداق بەدەن شەكلى ئۇنىڭ كۆڭلىنى ناھايىتى بىئارام قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭدا سېمىز ۋاقتىدىكىگە ئوخشاشلا ئۆزىنى كەمسىتىش پىسخىكىسى پەيدا قىلىپ قويغان. كىيىنچە بۇ يىگىت، ئوپراتسىيە قىلدۇرۇش ئارقىلىق بۇ ساڭگىلاپ قالغان تىرىلەرنى كىسىپ ئېلىۋىتىش ئامالىنى ئويلاپ تاپقان بولۇپ، ھازىر توردا ئوپراتسىيە ھەققى ئۈچۈن ئىئانە توپلىماقتا.

ئەرلەر قانداق ئايال كىشىنى كۆڭلىدىن چىقىرۋىتەلمەيدۇ

نۇرغۇن ئاياللارنىڭ ئۆزىنىڭ مۇستەقىل تەپەككۇر بوشلۇقى بار بولۇپ، مۇھەببەت جەھەتتە ھىسياتقا ئۆزىنىڭ ئېڭى بويىچە مۇئامىلە قىلىدۇ؛ بۇ سەۋ

راك كىسەللىكىگە قارشى تۇرىدىغان يىمەكلىكلەر

ئاشقازان راكىنىڭ كۆرۈلىشى، يىمەك-ئىچمەك ئادىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك؛ ئەمىلىيەتتە ئاشقازان راكىلا ئەمەس، چوڭ ئۈچەي راكى، جىگەر راكى، ئاش

دىققەت! بۇ ئەھۋاللارمۇ ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدىگەنگە باراۋەر

لىكىن، بەزى ماشىنا ئىگىلىرى، تەلەي سىناش پىسخىكىسىدا بولۇپ، "ھاراقنى كۆپ ئىچمىدىم، ماشىنا ھەيدىسەم بولىۋىرىدۇ" دەپ قارايدۇ؛ نەتىجىدە،

تاماقتىن كىيىنكى يېرىم سائەت، كۈتۈنۈشتىكى ئالتۇن مەزگىل

تاماقتىن كىيىن 15مىنۇت ئارام ئېلىپ، بەزىبىر يىنىك مۇزىكالارنى ئاڭلاڭ ھەمدە ئازراق چاي ئىچىپ بىرىڭ، ئەمما كۆپ بولۇپ كەتمەسلىكى كېرەك.

ھەقىقىي ئىلمىي ئورۇقلاش ئۈچۈن چوقۇم 90 كۈن قەتئىي داۋاملاشتۇرىمىز

ئادەم تېنىدىكى ياغ ھۈجەيرىسىنىڭ خاتىرىسى بولۇپ، بۇ دەل تېز سۈرئەتتە ئورۇقلاپ بولغاندىن كېيىن ناھايىتى تېز ئەسلىگە كېلىپ قىلىشنىڭ ئاسا

ئادەم نېمىشقا بۇرنىنى كوچىلاشقا ئامراق كېلىدۇ

ئىگىلەشلەرگە ئاساسلانغاندا، %91 ئادەم بۇرنىنى كوچىلايدىكەن؛ قالغان %9 ئادەم بولسا، ھەر نېمە دېگەن بىلەنمۇ بۇرنىنى كوچىلايدىغانلىقىنى ئې

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号