ئاياللارنىڭ قەلبى ئۆزگەرسە بۇ ئۈچ ئىشتا ئاشكارىلاپ قويىدۇ
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 5812:قېتىم كورۇلدى
   دەسلەپ باشقىلارنىڭ ئېغىزىدىن، "ئەرلەرنىڭ تالاغا قارىشى پەقەت نۆل قېتىم ۋە نۇرغۇن قېتىم بولىدۇ" دىگەنلىكىنى ئاڭلىغان ۋاقتىمدا ئازراق ئەجەبلەنگەن؛ بىراق، كىيىنچە ئەستايىدىل ئويلاپ باقسام، بۇ گەپنىڭ بەلگىلىك ئاساسى بار ئىكەن. بىر قېتىم ساداقەتسىزلىك قىلغان ئىكەن، ئىككىنچىلەپ ئۇنىڭغا ئىشەنمەك ھەقىقەتەن تەس بولىدۇ. ئەلۋەتتە، ئەرلەرلا ئەمەس، ئاياللارمۇ ئوخشاش بولۇپ، ئەگەر ئايال كىشىنىڭ قەلبى ئۆزگىرىپ باشقا بىرسىنى ياخشى كۆرۈپ قالسا، ئۇلار ھەرقانچە يۇشۇرغان بىلەنمۇ، تۆۋەندىكى ئۈچ ئىشتا چاندۇرۇپ قويىدۇ.
مەقسەتلىك ھالدا سىز بىلەن بەلگىلىك ئارىلىقنى ساقلايدۇ
   ھەممىمىزگە مەلۇملۇق، ئەگەر بىر ئايال كىشى سىزنى ھەقىقى ياخشى كۆرسە، ئۇنداقتا ئۇ سىزگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن يېقىنلىشىدۇ؛ يات جىنىسلىقلار ئۆز-ئارا بىر-بىرىنى جەلپ قىلىدىغان بولغاچقا، بۇنىڭغا سىلەرنىڭ ئۆز-ئارا ياخشى كۆرىشىڭلار قوشۇلۇپ، سىز تەشەببۇسكار بولمىغان تەقدىردىمۇ، ئايال كىشى تەشەببۇسكار بولۇپ سىزگە يېقىنلىشىدۇ. بۇ ئۇلارنىڭ تەبىئى ئىنكاسى بولۇپ، ئۆزىنى كونتىرول قىلالمىغان ھالدا سىزگە يېقىنلىشىپ قالىدۇ.
   بىراق، ئەگەر بىر ئايال كىشى سىز بىلەن مۇھەببەتلەشكەندىن كىيىن، ئۇ تۇيۇقسىزلا سىز بىلەن بەلگىلىك ئارىلىق ساقلايدىغان بولۇپ قالسا، ئۇنداقتا بۇ ۋاقىتتا سىز ھۇشيارلىقىڭىزنى ئۆستۈرۈشىڭىز كىرەك؛ چۈنكى، ئۇ ئايال كىشىنىڭ كۆڭلى ئۆزگىرىپ، باشقا بىرسىنى ياخشى كۆرۈپ قالغان بولۇشى مۇمكىن.
سىزدىن تەدرىجى يېراقلىشىپ، سىزگە قايتا كۆڭۈل بۆلمەس بولۇپ قالىدۇ
   بىلىشىڭىز كىرەككى، بىر ئايال كىشى سىزنى ھەقىقى ياخشى كۆرسە، ئۇنىڭ پۈتكۈل ئەس-يادى سىزدە بولۇپ، سىز مۇنداقلا بىر ھۆتىلىپ سالسىڭىزمۇ، ئۇ ئىنتايىن جىددىلىشىپ سىزنى كىسەل بولۇپ قالدىمىكىن دەپ ئەنسىرەپ كىتىدۇ. ئەگەر سىز راستىنلا كىسەل بولۇپ قالسىڭىز ياكى بىرەر ئوڭۇشسىزلىقلارغا دۇچ كەلسىڭىز، ئۇنداقتا ئۇ يېنىڭىزدىن ئايرىلماي سىزدىن خەۋەر ئالىدۇ. ئۇ سىزنى پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ياخشى كۆرگەچكە شۇنداق قىلىدۇ.
   بىراق، ئەگەر ئايال كىشى سىزنى ياخشى كۆرمەيدىغان بولۇپ قالسا، ئۇنداقتا، ئۇ سىزدىن ئايرىلىپ كىتىشنىڭ كويىغا چۈشىدىغان بولۇپ، سىزدىن تەدرىجى يېراقلىشىدۇ؛ ھەتتا سىز ئاغرىپ يېتىپ قالغان تەقدىردىمۇ، سىز بىلەن قىلچىلىك چاتىغى بولمايدۇ، سىزدىن ئەنسىرەپ جىددىلىشىدىغان ئەھۋال تېخىمۇ بولمايدۇ. ئەگەر ئايال كىشىدە بۇ خىل ئۆزگىرىشلەر كۆرۈلسە، ئۇنداقتا ئەڭ ياخشىسى ئۆزىڭىزنى ئالداپ يۈرمىگىنىڭىز تۈزۈك.
سىزدىن ئىشلارنى يۇشۇرۇشقا باشلايدۇ
   ئەگەر بىر ئايال كىشى سىزنى چىن دىلىدىن ياخشى كۆرسە، ئۇنداقتا، ئۇ سىزنى كۆڭلىدە بىرىنچى ئورۇنغا قويىدۇ؛ شۇڭا، ئادەتتە بىرەر مەسىلىگە دۇچ كەلسە، بىرىنچى بولۇپ سىزنى ئىزدەشنى ئويلايدۇ ھەمدە بۇنىڭ ئۈچۈن خىجىل بولۇپمۇ يۈرمەيدۇ. ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ، بۇ ئۇنىڭ ئادىتىگە ئايلىنىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭدا سىزگە تايىنىش ئىدىيىسى شەكىللىنىدۇ. بۇ ئەھۋال دەل ئۇنىڭ سىزنى ھەقىقى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ.
   بىراق، ئەگەر ئايال كىشى تۇيۇقسىزلا سىزدىن بىر ئىشلارنى يۇشۇرىدىغان بولۇپ قالسا ياكى بىرەر مەسىلىگە دۇچ كەلگەندە سىزگە ئېيتمايدىغان بولۇپ قالسا ھەمدە سىزگە ئىھتىياجلىق بولغان ۋاقىتتىمۇ سىزنى ئىزدىمىسە، ئۇنداقتا بۇ ئايال كىشى ئىنىقلا سىزنى ياخشى كۆرمەس بولۇپ قالغان بولىدۇ.

ئەرلەر قانداق ئايال كىشىنى كۆڭلىدىن چىقىرۋىتەلمەيدۇ

نۇرغۇن ئاياللارنىڭ ئۆزىنىڭ مۇستەقىل تەپەككۇر بوشلۇقى بار بولۇپ، مۇھەببەت جەھەتتە ھىسياتقا ئۆزىنىڭ ئېڭى بويىچە مۇئامىلە قىلىدۇ؛ بۇ سەۋ

راك كىسەللىكىگە قارشى تۇرىدىغان يىمەكلىكلەر

ئاشقازان راكىنىڭ كۆرۈلىشى، يىمەك-ئىچمەك ئادىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك؛ ئەمىلىيەتتە ئاشقازان راكىلا ئەمەس، چوڭ ئۈچەي راكى، جىگەر راكى، ئاش

دىققەت! بۇ ئەھۋاللارمۇ ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدىگەنگە باراۋەر

لىكىن، بەزى ماشىنا ئىگىلىرى، تەلەي سىناش پىسخىكىسىدا بولۇپ، "ھاراقنى كۆپ ئىچمىدىم، ماشىنا ھەيدىسەم بولىۋىرىدۇ" دەپ قارايدۇ؛ نەتىجىدە،

تاماقتىن كىيىنكى يېرىم سائەت، كۈتۈنۈشتىكى ئالتۇن مەزگىل

تاماقتىن كىيىن 15مىنۇت ئارام ئېلىپ، بەزىبىر يىنىك مۇزىكالارنى ئاڭلاڭ ھەمدە ئازراق چاي ئىچىپ بىرىڭ، ئەمما كۆپ بولۇپ كەتمەسلىكى كېرەك.

دادىنىڭ قىزلىرىنىڭ تۇرمۇشىنى خاتىرىلىگەن ئىجادىي سۈرەتلىرى

ئۇلارنى بېلىق بىلەن بىللە يۇيۇنغىلى ۋە بۆرە بىلەن بىللە ھۇۋلىغىلى قويۇپ بەرگەن؛ بۇ قىزلارنىڭ تۇرمۇشى ئىزچىل تۈردە ناھايىتى قىزىقارلىق

ناچار تۇرمۇش ئادەتلىرى ئادەمنى دۆتلەشتۈرۈپ قويىدۇ

ھازىرقى جەمئىيەتتە، رىقابەت كەسكىنلىشىپ روھى بېسىم ئېشىپ كەتكەنلىك سەۋەبىدىن، كىشىلەرنىڭ چوڭ مېڭىسى ئومۇميۈزلۈك ھالدا ھارغىنلىق ھالە

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号