چۈمۈچ تۇتقانلار دىققەت: ياغ تەركىبى راستىنلا قورقۇنچلۇقمۇ؟
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 5811:قېتىم كورۇلدى
   ھازىر، "ياغ تەركىبلىرىدىن يېراق تۇرۇش"، كۆپچىلىك ئورتاق ئىتراپ قىلىدىغان بىر خىل كۈتۈنۈش قارىشىغا ئايلىنىپ قالدى.
   "ماينى ئازراق ئىستىمال قىلىڭ، ئىستىمال قىلماسلىققا ئىمكانىيەت بولسا ئىستىمال قىلماڭ"
   "قاتتىق پوستلۇق مىۋىلەرنىڭ ياغ تەركىبى بەدەنگە پايدىلىق، شۇڭا كۆپرەك ئىستىمال قىلساق بولىدۇ"
   "زەيتۇن مېيى يامان ئەمەس، كۆپرەك ئىستىمال قىلغاندا، كۈتۈنۈشتە ياخشى ئۈنۈم كۆرگىلى بولىدۇ"
      .... ....
   بۇلاردىن قارىغاندا، ياغ تەركىبى كۆپچىلىكنىڭ ئورتاق دۈشمىنىگە ئايلىنىپ قالغاندەك قىلاتتى؛ ئاز بولمىغان گۈزەللىكنى سۆيگۈچى كىشىلەر، گۆش تۈرىدىن تېخىمۇ قاچىدىغان بولۇپ، ھەرقېتىم غىزالىنىدىغان ۋاقىت كەلگەندە، ئۇلار يىمەكلىكنى تەپسىلى تەشكۈرۈپ چىقىپ، ئەگەر ياغ تەركىبى بولسا قەتئى ئىستىمال قىلمايدۇ ھەمدە ياغ تەركىبىنى ساغلاملىقنىڭ ئەڭ چوڭ دۈشمىنى دەپ قارايدۇ.
ياغلار ياخشى نەرسە، پەقەت سىز بۇنى بىلمەيسىز خالاس
   يېقىنقى يىللاردىن بويان، كىشىلەرنىڭ ماددى تۇرمۇش شارائىتىنىڭ ياخشىلىنىشىغا ئەگىشىپ، بارغانسىرى كۆپ كىشىلەر، قاننىڭ ماي تەركىبى يۇقىرى بولۇش، ياغ ئۆسمىسى، جىگەرنى ماي قاپلىۋىلىش قاتارلىق كىسەللىكلەرگە گىرىپتار بولۇپ، سالامەتلىكىدىن ئەنسىرەيدىغان بولۇپ قالدى. شۇنىڭ ئۈچۈن، بەزىبىر مەھسۇلات ئېلانلىرى چەك-پىرىنسىپنى يوقاتقان ھالدا تەشۋىقات ئېلىپ بېرىپ، كىشىلەرنى ياغ تەركىبلىرىدىن يېراق تۇرۇپ، ياغ تەركىبى يوق يىمەكلىكلەرنى ئىستىمال قىلىشقا چاقىرىق قىلدى.
    ئۆسەك سۆزلەر يامراپ كەتسە، توسۇپمۇ توسۇپ قالغىلى بولمايدۇ.
   ياغ، ئادەم بەدىنىدىكى ئۈچ چوڭ ئاساسلىق ئۇزۇقلۇق ماددىلىرىنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ھۈجەيرە پەردىسىنىڭ ئاساسلىق تەركىبى قىسمىدۇر؛ ئۇ، ۋىيتامىنA، ۋىيتامىنE قاتارلىق ياغدا ئىرىشچان ۋىيتامىنلارنىڭ بەدەنگە سۈمۈرۈلۈش نىسبىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش بىلەن بىرگە، يەنە تېخى سۇغۇققا قارشى تۇرۇپ بەدەننى ئىللىق ساقلايدۇ، ئادەم بەدىنىنى قوغداش رولىنى ئوينايدۇ.
   بۇندىن باشقا، ھورمۇنمۇ بىر خىل ئالاھىدە بولغان ياغ بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئىچكى ئاجرالمىلارنى تەڭشەپ، مىتابولىزىمنى ئىلگىرى سۈرۈش رولىنى ئوينايدۇ.
   ئەمدى ئۇرۇقلاشقا كەلسەك، ئۇرۇقلاشتا ئەڭ مۇھىم بولغىنى يەنىلا يىمەك-ئىچمەكنىڭ تەڭپۇڭ بولىشىغا كاپالەتلىك قىلىش بولۇپ، ياغ، ئاقسىل ۋە كاربون سۇ بىرىكمىلىرىنىڭ ھەممىسى بىر خىل تەڭپۇڭ ھالەتنى ساقلىشى، يەنى ئۈچ خىل ماددىنىڭ ھەممىسى بەلگىلىك بىر مىقدارنى ساقلىشى كىرەك.
   شۇڭا، سىز ياغ تەركىبىنى قەتئى ئىستىمال قىلمىغان تەقدىردىمۇ، ئەگەر كاربون سۇ بىرىكمىلىرىنى كۆپ ئىستىمال قىلىۋالسىڭىز، سەمىرىشكە تىگىشلىك يەرلىرىڭىز ئوخشاشلا سەمىرىۋىرىدۇ.
دوختۇرلار تۆۋەندىكىدەك مايلارنى ئاز ئىستىمال قىلىشنى تەكىتلەيدۇ
   ياغ ماي تەركىبلىك يىمەكلىكلەرنى ئىستىمال قىلىشقا بولىدۇ؛ ئەمما بىزمۇ، يۇقىرى سۈپەتلىك تويۇنمىغان ياغ كىسلاتالىرى(زەيتۇن مېيى، قىچا مېيى) قوبۇل قىلىشنى ۋە تۆۋەن ياغ تەركىبلىك يىمەكلىكلەرنى ئسىتىمال قىلىشقا ئادەتلىنىشنى تەۋسىيە قىلىمىز.
    ئەمما تۆۋەندىكىدەك "پالما مايلىرى"نى ئىمكان قەدەر ئاز ئىستىمال قىلىش كىرەك.
   تويۇنغان ياغ كىسلاتا تەركىبى تويۇنمىغان ياغ كىسلاتا تەركىبىدىن يۇقىرى بولغان
   ئادەتتە، تويۇنغان ياغ كىسلاتالىرى كۆپىنچە ھايۋانات مېيىنى كۆرسىتىدۇ؛ بىراق، يەنە بەزىبىر ئۆسۈملۈك مايلىرىمۇ تويۇنغان ياغ كىسلاتالىرى دائىرسىگە كىرىدۇ. مەسىلەن، كوكۇس(椰子)، پالما(棕榈) قاتارلىقلار.
   ئەگەر ئۇزۇن مەزگىل نورمىدىن ئارتۇق پالما مېيى قوبۇل قىلغاندا، قاندىكى خولىستىرىننىڭ مىقدارىنىڭ ئېشىپ كىتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، قاننىڭ ماي تەركىبى يۇقىرى بولۇش، تاجىسىمان يۈرەك كىسەللىكى، ئارتىريە قېتىشىش قاتارلىق يۈرەك قان تۇمۇر كىسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولۇش خەتىرىنى ئاشۇرۋىتىدۇ. شۇڭلاشقا، پالما مېيىنى ئىمكان قەدەر ئىستىمال قىلماسلىق تەۋسىيە قىلىنىدۇ.
   تەركىبىدە تەتۈر ياغ كىسلاتارلىرى بار بولۇش ئىھتىماللىقى بار بولغان
   پالما مېيىنىڭ سۈپىتىنىڭ ئۆزگىرىپ كىتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، بەزى ئىنساپسىز سودىگەرلەر، ھىدروگىن قوشۇپ قاتۇرۇپ، ساقلاش ۋاقتىنى ئۇزارتماقچى بولىدۇ. ھىدروگىنلاشتۇرۇش جەريانىدا، پالما مېيى تەركىبىدە تەتۈر ياغ كىسلاتاسى شەكىللىنىپ قېلىش مۇمكىنچىلىكى ئىنتايىن يۇقىرى. بىلىشىڭىز كىرەككى، تەتۈر ياغ كىسلاتالىرى، ئادەمنىڭ سالامەتلىكىگە ئىنتايىن پايدىسىز.
   بۇ خىل ماينى كۆپلەپ ئىستىمال قىلغاندا، يىنىك بولغاندا سەمىرىش، ئەستە ساقلاش ئىقتىدارى چىكىنىش قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؛ ئېغىر بولغاندا، تاجىسىمان يۈرەك كىسەللىكى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ھەمدە كۆپىيىش ئىقتىدارىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ.
لايىقىدا بولۇش، ساغلاملىققا كاپالەتلىك قىلىشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى
   21-ئەسىر، "ئىنتىرنىت تورى دەۋرى" دەپ ئاتالغان بولۇپ، يىڭىچە ئىجتىمائى ئالاقە ئۇسۇلىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ خەلق ئاممىسىنىڭ ھىسيات جەھەتتىكى ئىھتىياجىنى قاندۇرۇپلا قالماي، يەنە تېخى ساغلاملىق كۈتۈنۈش مەدىنىيىتىنىڭ تارقىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ساغلاملىق ئىدىيىسىنى بەلگىلىك دەرىجىدە يۇقىرى كۆرتۈردى ھەمدە جەمئىيەتتە بىر مەيدان "ئۇرۇقلاپ بەدەندىكى ماينى ئازايتىش" ئېقىمىنى قوزغىدى.
   بىراق، ئىنتىرنىت تورى بىر خىل قوش بىسلىق خەنجەر بولۇپ، بەزىبىر سودىگەرلەر پايدا مەنپەئەتنى قوغلىشىپ، توردا ھەرخىل ساغلاملىق ھەققىدىكى ئۆسەك سۆزلەرنى تارقاتماقتا ھەمدە خەلق ئاممىسىنىڭ جىسمانى ساغلاملىقىنى قەتئى ئويلاشماي، پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئاتالمىش" ئۇرۇقلىتىدىغان خىسلەتلىك دورا"لارنى كەڭ تەشۋىق قىلماقتا.
   ئەمىلىيەتتە، ماي ياغ تەركىبلىك يىمەك-ئىچمەك جەھەتتە ئارتۇق ئويلىنىپ كىتىش كەتمەيدۇ؛ ئادەم بەدىنى ئىھتىياجلىق بولىدىغان ئۇزۇقلۇق ماددىلار مىڭ خىلدىن ئاشىدىغان بولۇپ، مەيلى قايسى بىر خىلى كەم بولمىسۇن، ئوخشاشلا تەڭپۇڭ ھالەتكە يەتكىلى بولمايدۇ. شۇڭا، لايىقىدا نورمال ئىستىمال قىلىشقا ۋە ئۇسۇل جەھەتتە ساغلام بولۇشقا كاپالەتلىك قىلساقلا بولىدۇ.
   ياغ تەركىبلىرى قورقۇنچلۇق بالايى ئاپەت ئەمەس، ئادەم بەدىنى ۋە تەم جەھەتتىكى قوغلىشىش، ھەممىسى مۇۋاپىق مىقداردىكى ياغدىن ئايرىلالمايدۇ.
   شۇنىڭ ئۈچۈن، بىز پەقەت تاماق تەييارلىغان ۋاقىتتىكى ماي ئىشلتىش مىقدارىنى ياخشى كونتىرول قىلساقلا، ۋە قاتتىق پوستلۇق مىۋە، ئۇرۇق گۆش قاتارلىقلارنى مۇۋاپىق ئىستىمال قىلساقلا بولىدۇ. بۇندىن باشقا يەنە، بەرەڭگە ياپراقچىسى، ماروژنا قاتارلىق سۈنئى ئۇسۇلدا ياغ تەركىبى قوشۇلغان يىمەكلىكلەرنى ئاز ئىستىمال قىلىش كىرەك.
   ئاخىرىدا، قوي ۋە كالا گۆشى قاتارلىق قىزىل گۆشكە كەلسەك، پەقەت ھەر ۋاخنىڭ ھەممىسىدە ئىستىمال قىلمىساقلا، ئارىلاپقىنا ئېغىزىمىزنىڭ خۇمارىنى چىقىرۋالساق، ھېچقانداق مەسىلە كۆرۈلمەيدۇ.

ئەرلەر قانداق ئايال كىشىنى كۆڭلىدىن چىقىرۋىتەلمەيدۇ

نۇرغۇن ئاياللارنىڭ ئۆزىنىڭ مۇستەقىل تەپەككۇر بوشلۇقى بار بولۇپ، مۇھەببەت جەھەتتە ھىسياتقا ئۆزىنىڭ ئېڭى بويىچە مۇئامىلە قىلىدۇ؛ بۇ سەۋ

راك كىسەللىكىگە قارشى تۇرىدىغان يىمەكلىكلەر

ئاشقازان راكىنىڭ كۆرۈلىشى، يىمەك-ئىچمەك ئادىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك؛ ئەمىلىيەتتە ئاشقازان راكىلا ئەمەس، چوڭ ئۈچەي راكى، جىگەر راكى، ئاش

دىققەت! بۇ ئەھۋاللارمۇ ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدىگەنگە باراۋەر

لىكىن، بەزى ماشىنا ئىگىلىرى، تەلەي سىناش پىسخىكىسىدا بولۇپ، "ھاراقنى كۆپ ئىچمىدىم، ماشىنا ھەيدىسەم بولىۋىرىدۇ" دەپ قارايدۇ؛ نەتىجىدە،

تاماقتىن كىيىنكى يېرىم سائەت، كۈتۈنۈشتىكى ئالتۇن مەزگىل

تاماقتىن كىيىن 15مىنۇت ئارام ئېلىپ، بەزىبىر يىنىك مۇزىكالارنى ئاڭلاڭ ھەمدە ئازراق چاي ئىچىپ بىرىڭ، ئەمما كۆپ بولۇپ كەتمەسلىكى كېرەك.

قولنى توغرا يۇغاندا، كېسەل بولۇش خەتىرى بىر ھەسسە تۆۋەنلەيدۇ

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى قاتارلىق ئورگانلارنىڭ تەتقىقاتلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، قولنى توغرا ئۇسۇلدا يۇغاندا، %50-%30 كېسەللىك خەۋپىنى ئازايت

ھەقىقىي ئىلمىي ئورۇقلاش ئۈچۈن چوقۇم 90 كۈن قەتئىي داۋاملاشتۇرىمىز

ئادەم تېنىدىكى ياغ ھۈجەيرىسىنىڭ خاتىرىسى بولۇپ، بۇ دەل تېز سۈرئەتتە ئورۇقلاپ بولغاندىن كېيىن ناھايىتى تېز ئەسلىگە كېلىپ قىلىشنىڭ ئاسا

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号