يۇمىلاق پىدىگەن بىلەن ئۇزۇنچاق پىدىگەننىڭ قانداق پەرقى بار
5 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 286742:ئادەم ئۆگەندى
   بۈگۈن كۆپچىلىك بىلەن بىللە، پىدىگەن توغرىسىدا توختىلىپ ئۆتەيلى! ئىشىنىمەنكى كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى پىدىگەن يەپ باققان، پىدىگەننىڭ ئۇزۇقلۇق تەركىبى مول بولۇپ، ئاقسىل، كاربون سۇ بىرىكمىلىرى قاتارلىقلار مول، ماي تەركىبى بولسا ئاز؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە باھاسى مۇۋاپىق، شۇڭا پىدىگەننى ياقتۇرۇپ ئىستېمال قىلىدىغان كىشىلەر بىر قەدەر كۆپ بولىدۇ.
   لېكىن بىز پىدىگەن سېتىۋالغان ۋاقىتتا، پىدىگەننىڭ يۇمىلاق ۋە ئۇزۇنچاق ئىككى خىل ئىكەنلىكىنى بايقايمىز؛ بۇ ئىككى خىل پىدىگەننىڭ سورتى ئوخشاش بولمايدۇ. ئۇنداقتا، بۇ ئىككى خىل پىدىگەننىڭ قانداق پەرقى بار؟
سورتى ئوخشىمايدۇ
   ئۇزۇنچاق پىدىگەن، دۆلەت سىرتىدىن كىرگۈزۈلگەن سورت، يۇمىلاق پىدىگەن بولسا دۆلىتىمىزنىڭ ئۆزىدە يىتىشتۈرۈلگەن سورت. بىراق، گەرچە دۆلىتىمىزنىڭ ئۆزىنىڭ سورتى دېگەن بىلەن، پىدىگەن ئەسلىدە دۆلىتىمىزدە يوق بولۇپ، خەن سۇلالىسى دەۋرىدە شەرقى جەنۇبى ئاسىيا، جەنۇبى ئاسىيادىن كىرگۈزۈلگەن. ئۇزۇنچاق پىدىگەن بولسا چەتئەلدىن كىرگۈزۈلگەن كۆكتات بولۇپ، فىرانسىيە پىدىگىنى، بىز ئادەتتە ئۇچرىتىدىغان ئۇزۇنچاق پىدىگەننىڭ ئەجدادىدۇر.
   مەھسۇلات قىممىتى جەھەتتە، ئۇزۇنچاق پىدىگەننىڭ مەھسۇلات مىقدارى، يۇمىلاق پىدىگەنگە قارىغان يۇقىرى ھەمدە توشۇشقىمۇ چىدايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئادەتتە بازاردا ئۇزۇنچاق پىدىگەننى كۆپرەك ئۇچرىتىمىز.
تەمى ئوخشىمايدۇ
   بەلكىم كۆپ قىسىم كىشىلەر بۇ ئىككى خىل پىدىگەننى ئىستېمال قىلىش جەريانىدا، ئۇلارنىڭ تەمى ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنى ھېس قىلىپ يەتكەن بولۇشى مۇمكىن؛ ئۇزۇنچاق پىدىگەننىڭ قاتتىقلىق دەرىجىسى نىسبەتەن يۇقىرى بولۇپ، تالا ماددىسى تەركىبى بىر قەدەر تۆۋەن، تەم جەھەتتە نىسبەتەن يۇمشاق كېلىدۇ؛ يۇمىلاق پىدىگەن بولسا تېخىمۇ بەكرەك يۇمشاق كىلىدىغان بولۇپ، يىگەندە تېخىمۇ كۈچەپرەك چايناش لازىم بولىدۇ.
سۇ تەركىبى ئوخشىمايدۇ
   سۇ تەركىبى جەھەتتە، يۇمىلاق پىدىگەننىڭ سۇ تەركىبى نىسبەتەن تۆۋەن بولۇپ، پىشۇرۇش جەريانىدا ئاسانلىقچە شەكلى ئۆزگىرىپ كەتمەيدۇ؛ ئۇزۇنچاق پىدىگەننىڭ بولسا سۇ تەركىبى نىسبەتەن يۇقىرى بولۇپ، پىشۇرماق تەس، تىمپىراتۇرا ئازراقلا يۇقىرى بولۇپ كەتسە شەكلى ئۆزگىرىپ كېتىدۇ.
   ئەمەلىيەتتە ئۇزۇقلۇق تەركىبى جەھەتتە، بۇ ئىككى خىل پىدىگەننىڭ ئۇزۇقلۇق تەركىبىدە كۆپ پەرق يوق بولۇپ، ئۇزۇقلۇق مەسىلىسىدىن ئەنسىرىمىسەكمۇ بولىدۇ.

ئەر كىشى بۇ بەش نەرسىسىنى سىزگە بەرسە

مۇھەببەتتە، ئايال كىشى قارشى تەرەپنىڭ كۆڭلىدە پەقەت ئۆزى يالغۇز بار بولۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ؛ بۇنىڭدا، ئۇلار ئۆزىنى بەخىتلىك ھىس قىلىدۇ ھە

تەتقىقاتچىلار قاغىنى تازىلىق ئىشچىلىقىغا كۆندۈرمەكچى بولۇشتى

ئىگىلەشلەرگە قارىغاندا، يېقىندا گوللاندىيەلىك ئىككى نەپەر سانائەت لايىھەلىگۈچى، قاغىنى تاماكا قالدۇقى تىرىش ئارقىلىق يىمەكلىك ئالماش

ئايال كىشى ئىرىنىڭ ئۆيىدىكى بۇ ئىشلارغا ئارىلاشماسلىقى كىرەك

بىتەرەپ قىلماق ئەڭ تەس بولغان قېيىنئانا-كىلىن مۇناسىۋىتىدە، كىلىن بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن، قېيىنئانىڭىزنىڭ گەرچە سىز بىلەن قانداشلىق مۇ

ئەر كىشىنىڭ كۆڭلىنى تۇتۇپ قېلىشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى

ئەركىشى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە، سىز بەلگىلىك تاكتىكىغا دىققەت قىلىشىڭىز كىرەك؛ بولمىغاندا، پەقەت بىر تەرەپلىمە ھالدا بەدەل تۆلەشنىل

ھەمراھلىق بولمىغان مۇھەببەت، نىمىگە ھىساب؟

شۇنداق، بەزىلەر قىممەتلىك سوۋغاتقا ئىرىشىشنى ئۈمىد قىلىدۇ، بەزىلەر بولسا ئۆي ۋە ماشىنىدىن غەم قىلماسلىقنى ئويلايدۇ، بەزىلەر بولسا تېخ

ئاياللار قايسى ۋاقىتتا ئىرىگە ئەڭ ئىھتىياجلىق بولىدۇ

مەيلى كۈچلۈك ئاياللار بولسۇن ياكى "ئەركەك زېدەك" ئاياللار بولسۇن، ئۇلار مەيلى قانچىلىك مۇستەقىل، قانچىلىك مۇنەۋۋەر بولۇشىدىن قەتئىنەز

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号