كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ياخشىلاشتا قانداق ئۇزۇقلۇقلارنى تولۇقلاش كېرەك
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 18225:قېتىم كورۇلدى
   كۆرۈش قۇۋۋىتىنىڭ يېتىلىشى، ئۇزۇقلۇق بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك؛ بۈگۈن كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە، قايسى خىل يېمەكلىكلەرنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئاشۇرۇشقا پايدىلىق ئىكەنلىكىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.
سېلىن ماددىسى تولۇقلاش
   يەر شارىدىكى ھايۋاناتلارنىڭ ئىچىدە، تاغ بۈركۈتىنىڭ كۆزى ئەڭ ئۆتكۈر. بىئولوگلارنىڭ ئۇزۇن مەزگىللىك تەتقىقاتىدا بايقىلىشىچە، تاغ بۈركۈتىنىڭ كۆزىنىڭ ئۆتكۈر بولۇشىدىكى سەۋەب، ئۇنىڭ كۆزىدە سېلىن ماددىسىنىڭ مول بولغانلىقىدا بولۇپ، ئادەمگە قارىغاندا يۈز نەچچە ھەسسە ئارتۇق بولىدىكەن. سېلىن ماددىسى، كۆرۈش سىزىمى ئەزالىرىنىڭ ئىقتىدارىغا نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، كۆز قارىچۇقى پائالىيىتىنى باشقۇرىدىغان مۇسكۇللارنىڭ يېغىلىپ تارىيىشىنى، كۆز چانىقىنىڭ يوغىناپ كىچىكلىشىنى كونترول قىلىدۇ، كۆزنىڭ رەڭ پەرقلەندۈرۈش پائالىيىتىگە قاتنىشىدۇ. ئەگەر ئادەم بەدىنىدە ئۇزۇن مۇددەت سېلىن ماددىسى كەمچىل بولسا، كۆرۈش قۇۋۋىتى تۆۋەنلەش، كۆزگە ئاق چۈشۈش، كۆرۈش تورى پەردىسى كېسەللىكى، كېچىسى كۆرەلمەسلىك كېسەللىكى قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، كۈندىلىك يېمەك-ئىچمەكتە سېلىن تۇلۇقلاشقا دىققەت قىلىش كېرەك. ئادەتتە، ھايۋاناتلارنىڭ جىگىرى، ئۇرۇق گۆش، كۆممىقوناق، پىياز، سامساق، دېڭىز بىلىقى قاتارلىقلارنى ئىستېمال قىلغاندا، سېلىن قوبۇل قىلىش مىقدارىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ.
ۋىتامىن A تەركىبى مول بولغان يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىش
   ۋىتامىن A، كۆزدە كەم بولسا بولمايدىغان ماددا بولۇپ، ئۇ كۆرۈش تور پەردىسى ئىچىدىكى رودوپسىن ماددىسىنىڭ(视紫红质) شەكىللىنىشىگە بىۋاستە قاتنىشىدۇ. بۇندىن باشقا، ۋىتامىن Aنىڭ يەنە كۆز مۈڭگۈز پەردىسىنىڭ نەملىكىنى ساقلاپ قۇرغاقلىشىپ قالماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش رولى بار. ۋىتامىن A تولۇقلاشتا، ھايۋاناتلارنىڭ جىگىرى، كالا سۈتى، تۇخۇم سېرىقى ۋە كاروتىن تەركىبى مول بولغان يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك ئىستېمال قىلساق بولىدۇ.
ۋىتامىن B1 ۋە نىك كىسلاتا تولۇقلاش
   بۇ ئىككى خىل ۋىتامىن كەمچىل بولسا، كۆز قارىچۇقى تىتىرەش، كۆرۈش سىزىم ئىنكاسى ئاستىلاش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. ئادەتتە، بوغداي، كۆممىقوناق، بېلىق ۋە گۆش تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىش ئارقىلىق بۇ ئىككى خىل ۋىتامىنلارنى قوبۇل قىلىش مىقدارىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ.
ۋىتامىن B2 تولۇقلاش
   ۋىتامىن B2، كۆرۈش تور پەردىسى ۋە مۈڭگۈز پەردىسىنىڭ نورمال مىتابولىزىمىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ. ئەگەر بەدەندە ۋىتامىن B2 كەمچىل بولسا، ئاسانلا كۆز ياشاڭغۇراش، كۆز قىزىرىش، قىچىشىش، كۆز مۇسكۇللىرى تارتىشىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. ۋىتامىن B2، كالا سۈتى، تۇخۇم تۈرى، ئۇرۇق گۆش،  ھايۋاناتلارنىڭ بۆرەك، جىگەر قاتارلىق ئىچكى ئەزالىرىدا نىسبەتەن مول بولىدۇ.
ئاقسىل تولۇقلاش
   كۆز، ئادەم بەدىنىدىكى مۇھىم ئەزالارنىڭ بىرى، كۆزنىڭ ئىقتىدارىنىڭ نورمال بولۇشى، ئاقسىلدىن ئايرىلالمايدۇ. ئەگەر ئۇزۇن مۇددەت ئاقسىل كەمچىل بولۇش ھالىتىدە تۇرسا، كۆز ئىقتىدارىنىڭ كەينىگە چېكىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، كۆرۈش قۇۋۋىتىنى تۆۋەنلىتىۋىتىدۇ ھەمدە ھەر خىل كۆز كىسەللىكلىرىنى، ھەتتا كۆرمەش بولۇپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

مۇھەببىتى ساختا ئەرلەر سىزنى بۇ ئۈچ يەرگە باشلايدۇ

ئەر-ئاياللار مۇناسىۋىتىدە، ئۇچرىشىشقا چىقىش ناھايىتى مۇھىم بىر ئىش بولۇپ، ئەگەر سورۇن ياخشى تاللانغان، مۇھىت كەيپىياتىمۇ توغرا بولغان

سېلىشتۇرمىسا كۆڭۈل ئاغرىمايدۇ

بىرەر مەسىلىنى ئەڭ ئوبرازلىق ھالدا تەسۋىرلەپ بىرىشتە، ئۇنى باشقا بىر نەرسە بىلەن سېلىشتۇرۇپ تەسۋىرلەش، ئەڭ ئۈنۈملۈك بىر ئۇسۇلدۇر.

تۆت يۈز جىڭلىق يىگىت ئۇرۇقلىدى، ئەمما ئازراقمۇ خۇشال بولالمىدى

نۇرغۇن كىشىلەر سەمىرىپ كىتىشكە باشلىغان بولۇپ، كۆپ قىسىم كىشىلەر خىزمەت ۋاقتىدا ئورۇنداقتا ئولتۇرۇپ ئىشلىگەنلىكى ئۈچۈن، سېمىزلەرنىڭ س

ئاياللارنىڭ قەلبى ئۆزگەرسە بۇ ئۈچ ئىشتا ئاشكارىلاپ قويىدۇ

دەسلەپ باشقىلارنىڭ ئېغىزىدىن، "ئەرلەرنىڭ تالاغا قارىشى پەقەت نۆل قېتىم ۋە نۇرغۇن قېتىم بولىدۇ" دىگەنلىكىنى ئاڭلىغان ۋاقتىمدا ئازراق ئ

چۈمۈچ تۇتقانلار دىققەت: ياغ تەركىبى راستىنلا قورقۇنچلۇقمۇ؟

ئاز بولمىغان گۈزەللىكنى سۆيگۈچى كىشىلەر، گۆش تۈرىدىن تېخىمۇ قاچىدىغان بولۇپ، ھەرقېتىم غىزالىنىدىغان ۋاقىت كەلگەندە، ئۇلار يىمەكلىكنى

مۇھەببەتتىكى بارلىق ساداقەتسىزلىكلەرنىڭ تۈپ سەۋەبى پەقەت بىرلا

مۇھەببەت دۇنياسىدا، ئادەمنىڭ كۆڭلىنى ھەممىدىن بەك ئازاپلايدىغىنى، سىز چوڭقۇ ياخشى كۆرگەن ھەمدە بارلىقىڭىزنى ئاتىغان ئاشۇ ئادەمنىڭ، كۈ

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号