زەھەرخەندە ئۆگەي ئانا بەش ياشلىق ئۆگەي قىزىنى خورلاپ...
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 17285:قېتىم كورۇلدى

  "دادا، ئاپام مېنى ئۇردى!"

  مەلۇم بىر كۈنى كېچىدە، يۈ موۋنىڭ قىزى ئۇنىڭ قۇلىقىغا ئاستاغىنا ئېيتتى. دەسلەپتە، يۈ موۋ قىزىنى چاقچاق قىلىۋاتىدۇ دەپ ئويلاپ بەك ئىرەنشىپ كەتمىگەن؛ لېكىن كىيىنچە، قىزى يۆ يۆنىڭ بەدەنلىرىنىڭ كۆپ قىسىمىدا كۆيۈك جاراھىتى بارلىقىنى بايقاپ ئاندىن ئەھۋالنى چۈشەنگەن.

  2019-يىلى 6-ئاينىڭ 12-كۈنى ئەتىگەندە، يۈ موۋ ۋە فىڭ موۋ ئەر-خوتۇن، بەش ياشلىق قىزى يۆ يۆنى ئېلىپ بالىلار دوختۇرخانىسىغا كەلگەن. ئەينى ۋاقىتتا، يۆيۆنىڭ بەدىنىنىڭ كۆپ قىسىمى كۆيۈپ زەخىملەنگەن بولۇپ، ئاغرىق ئازابىدىن كۆزلىرىدىن ياش توختىماي قۇيۇلىۋاتاتتى. تەكشۈرۈپ باھالاش ئارقىلىق، يۆيۆنىڭ پۈتكۈل بەدىنىدىكى ئىككىنچى دەرىجىدىن يۇقىرى كۈيۈپ زەخىملەنگەن قىسىمنىڭ يۈزى %31.5گە يەتكەن بولۇپ، زەخىملىنىش دەرىجىسى ئېغىر يارىلىنىش ئىككىنچى دەرىجىسىگە يەتكەن ئىدى.

  سىستېرا قىز شىياۋلى، يۆيۆنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىۋاتقان مەزگىلدە، ئۇنىڭ بەدىنىدە كۈيۈك زەخىمىسىدىن باشقا، يەنە تاپىنى، يوتىسى قاتارلىق ئورۇنلاردا يىڭنە سانجىغانغا ئوخشاش كىچىك تۆشۈكچىلەرنىڭ بارلىقىنى بايقاپ، ساقچىغا دىلو مەلۇم قىلغان.

  ساقچىلار تەكشۈرۈپ ئىنىقلاش ئارقىلىق، يۆ يۆنى دوختۇرخانىغا ئېلىپ كەلگەنلەرنىڭ، ئۇنى بېقىۋالغان ئاتا-ئانىسى ئىكەنلىكىنى بىلگەن. ئەسلىدە، يۈ موۋ بىلەن فىڭ موۋ، 2011-يىلى توي قىلغاندىن باشلاپ، ئىزچىل تۈردە پەرزەنتلىك بولالمىغان. 2019-يىلىنىڭ بېشىدا، ئەر خوتۇن ئىككەيلەن مەسلىھەتلىشىپ، تۇغقىنىنىڭ بالىسى يۆ يۆنى بېقىۋالغان.

  "يۆ يۆ گەپ ئاڭلىمىغانلىقى ئۈچۈن، مەن ئۇنى بىر نەچچە قېتىم ئۇردۇم ھەمدە ئۇنىڭغا مورچىن سانجىپ باققان. كۈيۈك زەخىمسى بولسا، يۆ يۆ ئۆزى تازىلىق ئۆيىگە يۈگرەپ كىرىۋالغان بولۇپ، مۇنچىنىڭ سۈيىنى قىزىق تەڭشىۋالغاچقا، قىزىق سۇدا كۆيۈپ قاپتۇ". ساقچىلارنىڭ سورىغان سوئاللىرىغا قارىتا، فىڭ موۋ ھېچقانداق ئىشنى بوينىغا ئالمىغان.

  كەينىدىن، ساقچىلار ۋەقەلىك نەخ مەيدانىغا بېرىپ تەكشۈرۈپ، فىڭ موۋنىڭ ئۆيىدىكى سۇ ئىسسىتىش ئۈسكۈنىسىنىڭ ئورنىنىڭ نىسبەتەن ئېگىز ئىكەنلىكىنى، يۆ يۆنىڭ بوي ئېگىزلىكىدە، سۇ ئىسسىتقۇچقا قولى يەتمەيدىغانلىقىنى بايقىغان. يۆ يۆنىڭ كۈيۈك جاراھىتى ياخشىلانغاندىن كېيىن، ئۇ ساقچىلارغا ئۆزىنىڭ قورقۇۋاتقانلىقىنى، ئانىسىنىڭ جوبو بىلەن ئۇنىڭ ئېغىزىنى يەملەپ قويغانلىقىنى ۋە قولىنى باغلاپ قويغانلىقىنى ھەمدە دادىسىغا دېگىلى قويمىغانلىقىنى ئېيتقان.

  يۆ يۆنىڭ شىكايەت قىلىشى ۋە زور مىقداردىكى ئەمەلىيەت ئالدىدا، فىڭ موۋ ئاخىرىدا قىلمىشىنى ئىقرار قىلغان؛ چۈنكى ئىرى يۈ موۋ بالىغا زىيادە ئامراقلىق قىلغاچقا، ئۇ بۇنىڭغا ھەسەت قىلىپ، ئاچچىقىنى يۆيۆدىن چىقارغان ئىكەن.

  2019-يىلى 5-ئايدىن 6-ئايغىچە بولغان ئارىلىقتا، فىڭ موۋ ئىرى خىزمەتكە پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، يۆ يۆ كەپسىزلىك قىلسا، ئوغۇرلۇقچە ئۇنىڭ يوتىسى ۋە تاپىنىغا مورچىن سانجىغان؛ ئەگەر يۆ يۆ قارشىلىق كۆرسەتسە، ئاياغ بوغقۇچ بىلەن ئۇنىڭ قولىنى باغلاپ، ئېغىزىغا سۇلياۋ جوبۇ چاپلاپ قويغان ھەم ئۆرە تۇرغۇزۇپ قويۇپ جازالىغان. كەينىدىن، ئۇ ئىرىنىڭ بايقاپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ، يۆيۆگە دادىسىغا ئېيتماسلىقنى دەپ تەھدىت سېلىپ قورقۇتقان.

  ئاخىرىدا، خاڭجۇ شەھىرى شىياۋ شەن رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسى، بالىلارنى خورلاش جىنايىتى بىلەن، فىڭ موۋغا ئالتە ئايلىق قاماق جازاسى بەرگەن؛ قەستەن ئادەم يارىلاندۇرۇش جىنايىتى بىلەن 3يىل 4ئايلىق قاماق جازاسى بەرگەن؛ ئىككى جازانى بىرلەشتۈرۈپ، 3يىل 4ئايلىق قاماق جازاسى ئىجرا قىلىشنى قارار قىلغان.

مۇھەببىتى ساختا ئەرلەر سىزنى بۇ ئۈچ يەرگە باشلايدۇ

ئەر-ئاياللار مۇناسىۋىتىدە، ئۇچرىشىشقا چىقىش ناھايىتى مۇھىم بىر ئىش بولۇپ، ئەگەر سورۇن ياخشى تاللانغان، مۇھىت كەيپىياتىمۇ توغرا بولغان

سېلىشتۇرمىسا كۆڭۈل ئاغرىمايدۇ

بىرەر مەسىلىنى ئەڭ ئوبرازلىق ھالدا تەسۋىرلەپ بىرىشتە، ئۇنى باشقا بىر نەرسە بىلەن سېلىشتۇرۇپ تەسۋىرلەش، ئەڭ ئۈنۈملۈك بىر ئۇسۇلدۇر.

تۆت يۈز جىڭلىق يىگىت ئۇرۇقلىدى، ئەمما ئازراقمۇ خۇشال بولالمىدى

نۇرغۇن كىشىلەر سەمىرىپ كىتىشكە باشلىغان بولۇپ، كۆپ قىسىم كىشىلەر خىزمەت ۋاقتىدا ئورۇنداقتا ئولتۇرۇپ ئىشلىگەنلىكى ئۈچۈن، سېمىزلەرنىڭ س

ئاياللارنىڭ قەلبى ئۆزگەرسە بۇ ئۈچ ئىشتا ئاشكارىلاپ قويىدۇ

دەسلەپ باشقىلارنىڭ ئېغىزىدىن، "ئەرلەرنىڭ تالاغا قارىشى پەقەت نۆل قېتىم ۋە نۇرغۇن قېتىم بولىدۇ" دىگەنلىكىنى ئاڭلىغان ۋاقتىمدا ئازراق ئ

چۈمۈچ تۇتقانلار دىققەت: ياغ تەركىبى راستىنلا قورقۇنچلۇقمۇ؟

ئاز بولمىغان گۈزەللىكنى سۆيگۈچى كىشىلەر، گۆش تۈرىدىن تېخىمۇ قاچىدىغان بولۇپ، ھەرقېتىم غىزالىنىدىغان ۋاقىت كەلگەندە، ئۇلار يىمەكلىكنى

مۇھەببەتتىكى بارلىق ساداقەتسىزلىكلەرنىڭ تۈپ سەۋەبى پەقەت بىرلا

مۇھەببەت دۇنياسىدا، ئادەمنىڭ كۆڭلىنى ھەممىدىن بەك ئازاپلايدىغىنى، سىز چوڭقۇ ياخشى كۆرگەن ھەمدە بارلىقىڭىزنى ئاتىغان ئاشۇ ئادەمنىڭ، كۈ

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号