سۈەنتەيزىنىڭ تەن ساغلاملىقىغا بولغان پايدىلىق تەرەپلىرى
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 16921:قېتىم كورۇلدى

  ھەر قېتىم كۆكتات بازىرىغا بارغان ۋاقتىمدا، ھەر خىل يېڭى كۆكتاتلارنى ئۇچرىتىمەن، ئەمما مېنىڭ ئەڭ ياقتۇرىدىغىنىم، يەنىلا پاقىراپ تۇرىدىغان ھەم تەملىك بولغان سۈەنتەيزىدۇر. سۈەنتەيزى(蒜薹) بولسا سامساقنىڭ بىخلاپ چىققا غولى بولۇپ، بەزى جايلاردا سامساق نوتىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇنداقتا، سۈنتەيزىنىڭ تەن ساغلاملىقىغا قارىتا قانداق پايدىلىق رولى بار؟

  سۈەنتەيزى تەركىبىدە ساخارىدلار، ئاقسىل، ياغلار، كالتسىي، فوسفور، تۆمۈر، ماگنىي، نىك كىسلاتاسى، ۋىتامىن B قاتارلىق ئۇزۇقلۇق ماددىلار بار بولۇپ، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئادەم بەدىنىدە كەم بولسا بولمايدىغان ئۇزۇقلۇق ماددىلاردۇر. تەتقىقاتلاردا بايقىلىشىچە، سۈەنتەيزىنىڭ ئادەم بەدىنىگە قارىتا تۆۋەندىكىدەك پايدىلىق تەرەپلىرى بار ئىكەن:

نىسبەتەن كۈچلۈك بولغان باكتىرىيە ۋىرۇس ئۆلتۈرۈش ئۈنۈمى بار

  سۈەنتەيزى تەركىبىدە زور مىقداردا سامساق ماددىسى بار، شۇڭا بەلگىلىك دەرىجىدە باكىتىرىيە يوقىتىش ئۈنۈمىگە ئىگە. تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، سۈەنتەيزىنىڭ باكىتىرىيە ئۆلتۈرۈش ئىقتىدارى، پىنتسىللىننىڭ ئوندىن بىرىگە يىتىدىغان بولۇپ، باكتىرىيە ۋە پارازىنت قۇرتلارغا قارىتا نىسبەتەن ياخشى بولغان ئۆلتۈرۈش رولى بار ئىكەن. ھەممىمىزگە مەلۇملۇق، پىنتسىللىننىڭ رىئاكسىيە قىلىش ئېھتىماللىقى بار، شۇڭا پىنتسىللىن ئۇرۇشتىن ئاۋۋال سىناق قىلىدۇ؛ لېكىن سۈەنتەيزىدە بۇنداق مەسىلەن ساقلانمايدىغان بولۇپ، ھېچقانداق رىئاكسىيە پەيدا قىلمايدۇ، شۇڭا خاتىرجەم ئىستېمال قىلىش كېرەك.

ئوكسىدلىنىشقا ۋە قېرىشقا قارشى تۇرۇش

  سۈەنتەيزى تەركىبىدە، ئىرىشچان تىپىدىكى توزۇشچان ماددا ۋە SOD (سۇپىر ئوكسىد دىسمۇتازا) بار بولۇپ، نىسبەتەن ياخشى بولغان ئوكسىدلىنىشقا ۋە قېرىشقا قارشى تۇرۇش ئۈنۈمىگە ئىگە.

قاندىكى ماي مىقدارىنى تۆۋەنلىتىشتە ياردەمچى رول ئويناش

  سۈەنتەيزىنىڭ يەنە بەلگىلىك دەرىجىدە قاندىكى ماينىڭ مىقدارىنى تۆۋەنلىتىش رولى بار بولۇپ، تاجىسىمان ئارتىرىيە قېتىشىش تىپىدىكى يۈرەك كېسەللىكى، ئارتىرىيە قېتىشىش ۋە مېڭە قان تومۇر نۆچىسى قاتارلىق كېسەلىكلەرنى داۋالاشتا ۋە ئالدىنى ئېلىشتا ياردەمچى رول ئوينايدۇ.

قەۋزىيەتنى ياخشىلاش

  سۈەنتەيزىنىڭ تاشقى پوستى قىسىمىدا تالا ماددىلىرى مول بولۇپ، ئاشقازان ئۈچەينى غىدىقلاپ قىمىرلىتىپ، قەۋزىيەتنى ياخشىلايدۇ.

بۇۋاسىرنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ
      سۈەنتەيزىنى كۆپرەك ئىستېمال قىلغاندا، بۇۋاسىرنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا بولۇپ، بۇۋاسىرنىڭ قايتا قوزغىلىش قېتىم سانىنى ئازايتىپ، يېنىك دەرىجىدىكى بۇۋاسىرغا قارىتا، بەلگىلىك دەرىجىدە ياردەملىشىپ داۋالاش رولىنى ئوينايدۇ.

مۇھەببىتى ساختا ئەرلەر سىزنى بۇ ئۈچ يەرگە باشلايدۇ

ئەر-ئاياللار مۇناسىۋىتىدە، ئۇچرىشىشقا چىقىش ناھايىتى مۇھىم بىر ئىش بولۇپ، ئەگەر سورۇن ياخشى تاللانغان، مۇھىت كەيپىياتىمۇ توغرا بولغان

سېلىشتۇرمىسا كۆڭۈل ئاغرىمايدۇ

بىرەر مەسىلىنى ئەڭ ئوبرازلىق ھالدا تەسۋىرلەپ بىرىشتە، ئۇنى باشقا بىر نەرسە بىلەن سېلىشتۇرۇپ تەسۋىرلەش، ئەڭ ئۈنۈملۈك بىر ئۇسۇلدۇر.

تۆت يۈز جىڭلىق يىگىت ئۇرۇقلىدى، ئەمما ئازراقمۇ خۇشال بولالمىدى

نۇرغۇن كىشىلەر سەمىرىپ كىتىشكە باشلىغان بولۇپ، كۆپ قىسىم كىشىلەر خىزمەت ۋاقتىدا ئورۇنداقتا ئولتۇرۇپ ئىشلىگەنلىكى ئۈچۈن، سېمىزلەرنىڭ س

ئاياللارنىڭ قەلبى ئۆزگەرسە بۇ ئۈچ ئىشتا ئاشكارىلاپ قويىدۇ

دەسلەپ باشقىلارنىڭ ئېغىزىدىن، "ئەرلەرنىڭ تالاغا قارىشى پەقەت نۆل قېتىم ۋە نۇرغۇن قېتىم بولىدۇ" دىگەنلىكىنى ئاڭلىغان ۋاقتىمدا ئازراق ئ

چۈمۈچ تۇتقانلار دىققەت: ياغ تەركىبى راستىنلا قورقۇنچلۇقمۇ؟

ئاز بولمىغان گۈزەللىكنى سۆيگۈچى كىشىلەر، گۆش تۈرىدىن تېخىمۇ قاچىدىغان بولۇپ، ھەرقېتىم غىزالىنىدىغان ۋاقىت كەلگەندە، ئۇلار يىمەكلىكنى

مۇھەببەتتىكى بارلىق ساداقەتسىزلىكلەرنىڭ تۈپ سەۋەبى پەقەت بىرلا

مۇھەببەت دۇنياسىدا، ئادەمنىڭ كۆڭلىنى ھەممىدىن بەك ئازاپلايدىغىنى، سىز چوڭقۇ ياخشى كۆرگەن ھەمدە بارلىقىڭىزنى ئاتىغان ئاشۇ ئادەمنىڭ، كۈ

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号