بۇ ھەرىكەتلەر مېڭە ئىنكاسىنى تېخىمۇ تېز قىلىدۇ
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 13922:قېتىم كورۇلدى
   "ئامېرىكا تىبابەت ژورنىلى" ئىلگىرى ماقالە ئېلان قىلىپ مۇنۇلارنى كۆرسەتكەن: ئادەمنىڭ چوڭ مېڭىسى 30ياشتىن باشلاپ قېرىشقا باشلايدۇ؛ 40ياشتىن كېيىن، ئادەم بەدىنىنىڭ مىتابولىزىم سۈرئىتى ئاستىلاپ، چوڭ مېڭە ھۈجەيرە ئىقتىدارلىرى ئەگىشىپ كېمىيىدۇ، ماغدۇرى، ئەستە ساقلاش ئىقتىدارى، ئىنكاس تېزلىكى تۆۋەنلەيدۇ، بەدەننىڭ ماسلىشىش ئىقتىدارى ئىلگىرىكىگە يەتمەيدۇ؛ 60ياشتىن كېيىن، چوڭ مېڭە ھەر يىلى %15لىك سۈرئەت بىلەن يېگىلەيدۇ.
   يېقىندا، بېيجىڭ شىيېخى دوختۇرخانىسى چىقارغان "مېڭە ساغلاملىقى ھەرىكىتى"، توردا زول ئالقىشلارغا ئىرىشتى.
   بۇ تۆت تۈرلۈك ھەرىكەت، ئاددىيلا بارماق ھەرىكىتى بولۇپ، ھەر بىر ھەرىكەتنى كۈندە 20 قېتىمدىن ئىشلىسەك، مېڭە نىرىپلىرىنى چېنىقتۇرغىلى بولىدۇ.
   بىرىنچى ھەرىكەت: ئىككى قولىمىزنىڭ بەش بارمىقىنى، بىر-بىرىگە ماس كەلتۈرۈپ تەرتىپ بويىچە چىكىشتۈرۈپ بىرىمىز.
   ئىككىنچى ھەرىكەت: ئىككى قولىمىزنىڭ كۆرسەتكۈچ بارمىقى، ئوتتۇرا بارمىقى، نامسىز بارمىقى ۋە چىمچىلاق بارمىقى بىلەن، شۇ قولىمىزنىڭ باش بارمىقىنى تەرتىپ بويىچە چىكىپ چىقىمىز.
   ئۈچىنچى ھەرىكەت: ئىككى قولىمىزنىڭ بەش بارمىقىنى كېسىشتۈرۈپ مۇشت تۈگىمىز.
   تۆتىنچى ھەرىكەت: ئىككى قولىمىزنىڭ بەش بارمىقىنى رەت تەرتىپى بويىچە ئېچىپ، كەينىدىن رەت تەرتىپى بويىچە يېغىپ تۈگىمىز.
   مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، قولدىكى نۇرغۇنلىغان نىرىپلار چوڭ مېڭىگە ئۇلانغان بولۇپ، قول بارماق گىمناستىكىسى، بۇ نىرىپلارنى يىتەرلىك تۈردە غىدىقلاپ، مېڭە ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشكە پايدىلىق بولىدۇ ھەمدە تونۇش توسالغۇسى كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ياكى داۋاملىق تەرەققىي قىلىشىنى توسىدۇ.
   ئىلگىرى، تەتقىقاتچىلار بارماق گىمناسىتىكىسى ئىشلەيدىغان ساغلام ئەرلەرنىڭ چوڭ مېڭىسىگە قارىتا سىناق ئېلىپ بارغان بولۇپ، نەتىجىدە، ئۇلارنىڭ ئالدى پىشانە پوستلاق قەۋىتىدىكى(ئەستە ساقلاش، ئۆگىنىش قاتارلىق مېڭە ئىقتىدارلىرىنى كونترول قىلىدۇ) قان ئايلىنىش مىقدارى ئادەتتىكى ۋاقىتتىكىگە قارىغاندا كۆپ بولغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە، قول  گىمناستىكىسىنىڭ قاتتىقلىق دەرىجىسى تۆۋەن، مەيدانغا بولغان تەلەپمۇ تۆۋەن، شۇڭا كۆپچىلىكنىڭ ئادەتتە كۆپرەك ئىشلەپ بىرىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز.

ئەرلەر قانداق ئايال كىشىنى كۆڭلىدىن چىقىرۋىتەلمەيدۇ

نۇرغۇن ئاياللارنىڭ ئۆزىنىڭ مۇستەقىل تەپەككۇر بوشلۇقى بار بولۇپ، مۇھەببەت جەھەتتە ھىسياتقا ئۆزىنىڭ ئېڭى بويىچە مۇئامىلە قىلىدۇ؛ بۇ سەۋ

راك كىسەللىكىگە قارشى تۇرىدىغان يىمەكلىكلەر

ئاشقازان راكىنىڭ كۆرۈلىشى، يىمەك-ئىچمەك ئادىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك؛ ئەمىلىيەتتە ئاشقازان راكىلا ئەمەس، چوڭ ئۈچەي راكى، جىگەر راكى، ئاش

دىققەت! بۇ ئەھۋاللارمۇ ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدىگەنگە باراۋەر

لىكىن، بەزى ماشىنا ئىگىلىرى، تەلەي سىناش پىسخىكىسىدا بولۇپ، "ھاراقنى كۆپ ئىچمىدىم، ماشىنا ھەيدىسەم بولىۋىرىدۇ" دەپ قارايدۇ؛ نەتىجىدە،

تاماقتىن كىيىنكى يېرىم سائەت، كۈتۈنۈشتىكى ئالتۇن مەزگىل

تاماقتىن كىيىن 15مىنۇت ئارام ئېلىپ، بەزىبىر يىنىك مۇزىكالارنى ئاڭلاڭ ھەمدە ئازراق چاي ئىچىپ بىرىڭ، ئەمما كۆپ بولۇپ كەتمەسلىكى كېرەك.

ھەقىقىي ئىلمىي ئورۇقلاش ئۈچۈن چوقۇم 90 كۈن قەتئىي داۋاملاشتۇرىمىز

ئادەم تېنىدىكى ياغ ھۈجەيرىسىنىڭ خاتىرىسى بولۇپ، بۇ دەل تېز سۈرئەتتە ئورۇقلاپ بولغاندىن كېيىن ناھايىتى تېز ئەسلىگە كېلىپ قىلىشنىڭ ئاسا

ئادەم نېمىشقا بۇرنىنى كوچىلاشقا ئامراق كېلىدۇ

ئىگىلەشلەرگە ئاساسلانغاندا، %91 ئادەم بۇرنىنى كوچىلايدىكەن؛ قالغان %9 ئادەم بولسا، ھەر نېمە دېگەن بىلەنمۇ بۇرنىنى كوچىلايدىغانلىقىنى ئې

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号