سەمىرىپ قالغان كىشىلەرنىڭ قانداق ئادەتلىرى بار
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 6302:قېتىم كورۇلدى
   قىش پەسلى كېتىپ باھار يىتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرماقتا، "قىشتا بەدەنگە ماي يېغمىسا سوغۇققا توڭۇپ قالىدۇ" دەپ باھانە كۆرسىتىپ سەمىرىۋالغانلار، ئەمدى ئۇرۇقلاشقا تەييارلىق  كۆرىدىغان ۋاقتىڭىز كەلدى.
   سەمىرىپ قالغان كىشىلەرنىڭ قانداق ئادەتلىرى بار؟
تەخسە قۇرۇقداش
   مەيلى تەخسە ياكى قاچا قانچىلىك چوڭ بولسۇن، تەخسە ياكى قاچىغا ئۇسۇلغان تاماق قانچىلىك بولسۇن، قورسىقى تويۇپ بولغان بولسىمۇ، ئىسراپ قىلماسلىق پىرىنسىپىغا ئاساسەن ھەممىنى يەپ تۈگىتىۋىتىپ ئاندىن ئورنىدىن تۇرىدۇ.
تاماقنى تېز يىيىش
   تاماق يىگەن ۋاقىتتا شىردىن قېلىشمايدۇ، خۇددى مۇشۇ ئالدىدىكى تاماقنى يەپ بولغاندىن كېيىن قايتا تاماق يىيەلمەيدىغاندەك ھالەتتە يەيدۇ. گەرچە قورسىقى تويۇپ تومپىيىپ چىققان بولسىمۇ، ئەمما يەنە ئازراق يىيەلەيدىغاندەك ھېس قىلىپ، بارغانسېرى كۆپ يەيدىغان بولۇپ كېتىدۇ...
ئىچىملىك ئىچىشكە ۋە تاتلىق تۈرۈم يېيىشكە ئامراق
   كاۋاپ يىگەندە ئىچىملىك بولمىسا يىيەلمەيدۇ، تېلىۋىزور كۆرگەندە سۈت چاي بولمىسا كۆرەلمەيدۇ؛ تەبرىكلەيدىغان بىرەر ئىش بولسا، ئىچىملىك ۋە سۈت چاينىڭ ھەر ئىككىسى بولمىسا بولمايدۇ. تاماقتىن كېيىن، چوقۇم تاتلىق تۈرۈم بولمىسا بولمايدۇ.
   بىلىشىڭىز كېرەككى، ئىچىملىك ۋە تاتلىق تۈرۈملەرنىڭ تەركىبىدە زور مىقداردا قەنت ماددىلىرى بار بولۇپ، تاتلىق تەم ئادەمنى خۇمار قىلىپ قويۇپ، چوڭ مېڭىنىڭ ئۆزلۈكسىز تۈردە "قەنت تەركىبى قوبۇل قىلغىن" دەپ بۇيرۇق چىقىرىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
تاماق تاللىماسلىق
   گەرچە كىچىك ۋاقتىمىزدا ئاتا-ئانىمىز تاماق تاللىماسلىق كېرەك دەپ تەربىيە ئىشلىسىمۇ، ئەمما لېكىن.... لېكىن سېمىز كىشىلەر، مەيلى ئاچچىق ياكى مەيلى تاتلىق، مەيلى سوغۇق ياكى مەيلى قىزىق بولسۇن، ۋە ياكى تۇزلۇق مايلىق بولسۇن، ھېچقايسىسىنى تاللىمايدۇ؛ يەيدىغان نەرسە قالماي ئېغىزى بىكار تۇرۇپ قالسا، ئۇلار سۇدا پىشۇرغان ياڭيۇنىمۇ ناھايىتى تەملىك ھېس قىلىپ ئىستېمال قىلىدۇ.
تاماق يەپ بولۇپلا ئۇخلاش
   تاماق يەپ بولۇپلا مىدىرلىغۇسى كەلمەيدۇ، ئۈستەلدىكى قاچىلارنى ئاشخانىغا ئەكىرىۋىتىشمۇ خۇشياقمايدۇ. يېمەكلىكلەر ئۇلارنىڭ ئاشقازىنىدا يېغىلىپ، ھەزىم بولمىغانلىرى مايغا ئايلىنىدۇ...

ئەرلەر قانداق ئايال كىشىنى كۆڭلىدىن چىقىرۋىتەلمەيدۇ

نۇرغۇن ئاياللارنىڭ ئۆزىنىڭ مۇستەقىل تەپەككۇر بوشلۇقى بار بولۇپ، مۇھەببەت جەھەتتە ھىسياتقا ئۆزىنىڭ ئېڭى بويىچە مۇئامىلە قىلىدۇ؛ بۇ سەۋ

راك كىسەللىكىگە قارشى تۇرىدىغان يىمەكلىكلەر

ئاشقازان راكىنىڭ كۆرۈلىشى، يىمەك-ئىچمەك ئادىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك؛ ئەمىلىيەتتە ئاشقازان راكىلا ئەمەس، چوڭ ئۈچەي راكى، جىگەر راكى، ئاش

دىققەت! بۇ ئەھۋاللارمۇ ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدىگەنگە باراۋەر

لىكىن، بەزى ماشىنا ئىگىلىرى، تەلەي سىناش پىسخىكىسىدا بولۇپ، "ھاراقنى كۆپ ئىچمىدىم، ماشىنا ھەيدىسەم بولىۋىرىدۇ" دەپ قارايدۇ؛ نەتىجىدە،

تاماقتىن كىيىنكى يېرىم سائەت، كۈتۈنۈشتىكى ئالتۇن مەزگىل

تاماقتىن كىيىن 15مىنۇت ئارام ئېلىپ، بەزىبىر يىنىك مۇزىكالارنى ئاڭلاڭ ھەمدە ئازراق چاي ئىچىپ بىرىڭ، ئەمما كۆپ بولۇپ كەتمەسلىكى كېرەك.

ھەقىقىي ئىلمىي ئورۇقلاش ئۈچۈن چوقۇم 90 كۈن قەتئىي داۋاملاشتۇرىمىز

ئادەم تېنىدىكى ياغ ھۈجەيرىسىنىڭ خاتىرىسى بولۇپ، بۇ دەل تېز سۈرئەتتە ئورۇقلاپ بولغاندىن كېيىن ناھايىتى تېز ئەسلىگە كېلىپ قىلىشنىڭ ئاسا

ئادەم نېمىشقا بۇرنىنى كوچىلاشقا ئامراق كېلىدۇ

ئىگىلەشلەرگە ئاساسلانغاندا، %91 ئادەم بۇرنىنى كوچىلايدىكەن؛ قالغان %9 ئادەم بولسا، ھەر نېمە دېگەن بىلەنمۇ بۇرنىنى كوچىلايدىغانلىقىنى ئې

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号