دۇفۇنى ئىزىۋەتمەي قورۇش ئۇسۇلى
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 5810:قېتىم كورۇلدى
   دۇفۇ ئۆزى تەملىك ھەم ئۇزۇقلۇقى مول بىر خىل يېمەكلىك بولۇپ، بىراق ئۇنى پىشۇرغان ۋاقىتتا، بولۇپمۇ داغلىغان ياكى قورىغان ۋاقىتتا ئاسانلا ئىزىلىپ كېتىدۇ! ئەمەلىيەتتە، بەزىبىر تاكتىكىلارنى ئىشلىتىش ئارقىلىق، دۇفۇنى ئىزىۋەتمەي قورۇشقا بولىدۇ.
تۇز سۈيىگە چىلاپ قويۇش
   دۇفۇنى قاچىغا سېلىپ، ئۈستىگە دۇفۇنىڭ ئۈچتىن بىر قىسىمى چۆكۈشكىچىلىك سۇ قۇيغاندىن كېيىن، سۇغا ئازراق تۇز قوشۇپ دۇفۇنى 5مىنۇت چىلاپ قويساق، قولىمىزدا باسساقمۇ ئاسانلىقچە ئىزىلىپ كەتمەيدىغان بولىدۇ.

زەنجىۋىل سۈركەش ئۇسۇلى
   زەنجىۋىل ئارقىلىق دۇفۇنى قازانغا چاپلىشىۋالمايدىغان ھەمدە ئاسانلا ئىزىلىپ كەتمەيدىغان قىلىشقا بولىدۇ.
   زەنجىۋىلدىن ئازراق كىسىپ ئېلىپ، زەنجىۋىل ئېتى كۆرۈنۈپ تۇرغان يىرىنى قازاننىڭ تەگ قىسىمىغا سۈرتۈپ چىقىمىز.
   كەينىدىن ئاندىن قازانغا ماي قۇيۇپ دۇفۇنى سالىمىز.
   كەينىدىن ئوتتۇرا ھال ئوتتا ئاستا-ئاستا داغلىساق، بۇنىڭدا داغلاپ چىقارغان دۇفۇ قازانغا چاپلىشىۋالمايدۇ ھەمدە ئاسان ئىزىلىپمۇ كەتمەيدۇ.
چۆمۈچتە ئىتتىرمەسلىك
   بەزىدە دۇفۇ داغلىغان ۋاقىتتا، دۇفۇنى چۆمۈچتە مىدىرلىتىپ ئىتتىرسەكلا ئىزىلىپ كېتىدۇ.
   دۇفۇنى قازانغا سېلىپ بىردەم داغلىغاندىن كېيىن، قازاننى مىدىرلىتىپ باقساق، ئەگەر دۇفۇ ئورنىدىن قوزغىلىپ مىدىرلىسا، بۇ دۇفۇنىڭ داغلىنىپ بولغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، بۇ ۋاقىتتا چۆمۈچتە يۈزىنى ئۆرىسەك دۇفۇ ئىزىلىپ كەتمەيدۇ.
دۈملەپ پىشۇرۇۋىلىش
   دۇفۇنى ھوردا 15مىنۇت دۈملەپ پىشۇرۋالغاندىن كېيىن داغلىساق، دۇفۇنى قانداقلا قورىساقمۇ ئىزىلىپ كەتمەيدۇ.
   قانداق شەكىلدە توغرايمەن دېسەك بولىۋىرىدۇ، تەمىمى ناھايىتى ياخشى چىقىدۇ.

ئەرلەر قانداق ئايال كىشىنى كۆڭلىدىن چىقىرۋىتەلمەيدۇ

نۇرغۇن ئاياللارنىڭ ئۆزىنىڭ مۇستەقىل تەپەككۇر بوشلۇقى بار بولۇپ، مۇھەببەت جەھەتتە ھىسياتقا ئۆزىنىڭ ئېڭى بويىچە مۇئامىلە قىلىدۇ؛ بۇ سەۋ

راك كىسەللىكىگە قارشى تۇرىدىغان يىمەكلىكلەر

ئاشقازان راكىنىڭ كۆرۈلىشى، يىمەك-ئىچمەك ئادىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك؛ ئەمىلىيەتتە ئاشقازان راكىلا ئەمەس، چوڭ ئۈچەي راكى، جىگەر راكى، ئاش

دىققەت! بۇ ئەھۋاللارمۇ ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدىگەنگە باراۋەر

لىكىن، بەزى ماشىنا ئىگىلىرى، تەلەي سىناش پىسخىكىسىدا بولۇپ، "ھاراقنى كۆپ ئىچمىدىم، ماشىنا ھەيدىسەم بولىۋىرىدۇ" دەپ قارايدۇ؛ نەتىجىدە،

تاماقتىن كىيىنكى يېرىم سائەت، كۈتۈنۈشتىكى ئالتۇن مەزگىل

تاماقتىن كىيىن 15مىنۇت ئارام ئېلىپ، بەزىبىر يىنىك مۇزىكالارنى ئاڭلاڭ ھەمدە ئازراق چاي ئىچىپ بىرىڭ، ئەمما كۆپ بولۇپ كەتمەسلىكى كېرەك.

ھەقىقىي ئىلمىي ئورۇقلاش ئۈچۈن چوقۇم 90 كۈن قەتئىي داۋاملاشتۇرىمىز

ئادەم تېنىدىكى ياغ ھۈجەيرىسىنىڭ خاتىرىسى بولۇپ، بۇ دەل تېز سۈرئەتتە ئورۇقلاپ بولغاندىن كېيىن ناھايىتى تېز ئەسلىگە كېلىپ قىلىشنىڭ ئاسا

ئادەم نېمىشقا بۇرنىنى كوچىلاشقا ئامراق كېلىدۇ

ئىگىلەشلەرگە ئاساسلانغاندا، %91 ئادەم بۇرنىنى كوچىلايدىكەن؛ قالغان %9 ئادەم بولسا، ھەر نېمە دېگەن بىلەنمۇ بۇرنىنى كوچىلايدىغانلىقىنى ئې

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号