چاي ھەققىدىكى بىلىۋىلىشقا تېگىشلىك ساۋاتلار
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 5823:قېتىم كورۇلدى
   بۈگۈن چاي ھەققىدە بەزىبىر ساۋاتلارنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.
   1. چاي، بەزىبىر كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئالالايدۇ؛ شۇنىڭ ئۈچۈن، ئوتتۇرا ياش ياشانغان كىشىلەر توپىنىڭ چاي ئىچىش ئادىتى، ناھايىتى ياخشى ئادەت ھېسابلىنىدۇ.
   2. چاينىڭ تەركىبىدىكى چاي پولېفىنولىنىڭ، ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇش، بەدەندىكى ئەركىن رادىكاللارنى تازىلاش رولى بار؛ ھەممىمىزگە مەلۇملۇق، بەدەندىكى ئەركىن رادىكاللار بەك كۆپ بولۇپ كېتىش، نۇرغۇن كېسەللىكلەرنىڭ سەۋەبى!
   3. چاي تەركىبىدىكى كوففىئىن، مېڭىنىڭ ھاياجانلىنىش دەرىجىسىنى ئاشۇرۇپ، ئەستە ساقلاش ئىقتىدارى ۋە دىققەتنى مەركەزلەشتۈرۈش ئىقتىدارىنى ئاشۇرىدۇ.
   4. چاينىڭ يەنە سۈيدۈك ھەيدەش رولى بار، شۇڭا بەدەندىكى زەھەرلىك ماددىلارنىڭ بەدەن سىرتىغا چىقىرىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
   5. بۇلاردىن باشقا، چاينىڭ ئۇرۇقلاش ۋە قاننىڭ ماي تەركىبىنى تۆۋەنلىتىشكە پايدىلىق رولى بار.
  چاينىڭ پايدىلىق تەرەپلىرى ھەقىقەتەن كۆپ، لېكىن چاي ئىچىشتىمۇ بەلگىلىك قائىدە-پىرىنسىپقا ئەمەل قىلىش كېرەك: چاينى قېنىق دەملىمەي سۇس دەملەپ ئىچىش كېرەك؛ بولمىغاندا، ئاشقازان كىسلاتاسىنىڭ زىيادە كۆپ ئاجرىلىپ چىقىشىنى پەيدا قىلىدۇ، بولۇپمۇ ئاچ قورساققا قېنىق دەملەنگەن چاي ئىچسەك، ئاشقازان چاپلاشقاق پەردىسىنى ئېغىر دەرىجىدە زىيانغا ئۇچرىتىدۇ. قېنىق دەملەنگەن چاي، زىيادە ھاياجانلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش سەۋەبلىك يۈرەك سوقۇشنى تېزلىتىپ، ئۇيقۇ قېچىشنى پەيدا قىلىدۇ. ئۇزۇن مەزگىل قېنىق دەملەنگەن چاي ئىچىپ ئادەتلەنگەندە، بەدەندىكى كالتسىي تەركىبىنىڭ ئېقىپ خوراپ كېتىشىنى پەيدا قىلىپ، سۆڭەك شالاڭشىش كېسەللىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
   ئومۇملاشتۇرۇپ ئېيتقاندا، چاي ئىچىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك، ئەمما ئىچىش ئۇسۇلىغا دىققەت قىلماق لازىمدۇر.

ئەرلەر قانداق ئايال كىشىنى كۆڭلىدىن چىقىرۋىتەلمەيدۇ

نۇرغۇن ئاياللارنىڭ ئۆزىنىڭ مۇستەقىل تەپەككۇر بوشلۇقى بار بولۇپ، مۇھەببەت جەھەتتە ھىسياتقا ئۆزىنىڭ ئېڭى بويىچە مۇئامىلە قىلىدۇ؛ بۇ سەۋ

راك كىسەللىكىگە قارشى تۇرىدىغان يىمەكلىكلەر

ئاشقازان راكىنىڭ كۆرۈلىشى، يىمەك-ئىچمەك ئادىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك؛ ئەمىلىيەتتە ئاشقازان راكىلا ئەمەس، چوڭ ئۈچەي راكى، جىگەر راكى، ئاش

دىققەت! بۇ ئەھۋاللارمۇ ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدىگەنگە باراۋەر

لىكىن، بەزى ماشىنا ئىگىلىرى، تەلەي سىناش پىسخىكىسىدا بولۇپ، "ھاراقنى كۆپ ئىچمىدىم، ماشىنا ھەيدىسەم بولىۋىرىدۇ" دەپ قارايدۇ؛ نەتىجىدە،

تاماقتىن كىيىنكى يېرىم سائەت، كۈتۈنۈشتىكى ئالتۇن مەزگىل

تاماقتىن كىيىن 15مىنۇت ئارام ئېلىپ، بەزىبىر يىنىك مۇزىكالارنى ئاڭلاڭ ھەمدە ئازراق چاي ئىچىپ بىرىڭ، ئەمما كۆپ بولۇپ كەتمەسلىكى كېرەك.

ھەقىقىي ئىلمىي ئورۇقلاش ئۈچۈن چوقۇم 90 كۈن قەتئىي داۋاملاشتۇرىمىز

ئادەم تېنىدىكى ياغ ھۈجەيرىسىنىڭ خاتىرىسى بولۇپ، بۇ دەل تېز سۈرئەتتە ئورۇقلاپ بولغاندىن كېيىن ناھايىتى تېز ئەسلىگە كېلىپ قىلىشنىڭ ئاسا

ئادەم نېمىشقا بۇرنىنى كوچىلاشقا ئامراق كېلىدۇ

ئىگىلەشلەرگە ئاساسلانغاندا، %91 ئادەم بۇرنىنى كوچىلايدىكەن؛ قالغان %9 ئادەم بولسا، ھەر نېمە دېگەن بىلەنمۇ بۇرنىنى كوچىلايدىغانلىقىنى ئې

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号