قۇرۇق قازان بەرەڭگە قورىمىسى
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 5814:قېتىم كورۇلدى
   قۇرۇق قازان قورىمىسى، بەرەڭگە، قوي گۆشى، كۆكمۇچ قاتارلىق يېمەكلىك ماتېرىياللىرىنى ئىشلىتىپ ۋە سامساق، غولپىياز، زەنجىۋىل قاتارلىق خۇرۇچ ماتېرىياللىرىدىن پايدىلىنىپ تەييارلانغان بىر خىل قۇرۇق قازان قورىمىسى بولۇپ، تەمى ئاچچىق ھەم تەملىك كېلىدۇ. بۈگۈن كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە، قۇرۇق قازان بەرەڭگە قورىمىسى قورۇشنىڭ ئىككى خىل ئۇسۇلىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.

بىرىنچى خىل ئۇسۇل
   كېتەرلىك ماتېرىيال: ئىستېمال مېيى، بەرەڭگە، كۆكمۇچ، قىزىلمۇچ، غولپىياز، زەنجىۋىل، سامساق، پۇرچاق بوتقىسى
   تەييارلاش ئۇسۇلى
    1. بەرەڭگىنى پارچە ھالىتىدە توغراپ، سۇغا چىلاپ يۈز قىسىمىدىكى كىراخمالنى يۇۋىتىمىز ھەمدە ئاشخانىدا ئىشلىتىدىغان سۈرتكۈچ قەغەز بىلەن سىرتقى يۈزىدىكى سۇلارنى پاكىزە سۈرتىۋىتىمىز.
    2. قازانغا ماي قۇيۇپ، ماي 8-7ئۈلۈش قىزىغاندىن كېيىن بەرەڭگىنى سېلىپ داغلايمىز؛ بەرەڭگە داغلىنىپ ئالتۇن رەڭگە ئۆزگەرگەندە سۈزۈپ ئېلىۋالىمىز.
   3. قازاندا ئازراق ماي قالدۇرۇپ، زەنجىۋىل، سامساق ۋە غولپىياز قاتارلىقلارنى سېلىپ تەم چىقارغاندىن كېيىن، بەرەڭگە ياپراقچىسىنى سېلىپ قورۇيمىز؛ كەينىدىن كۆكمۇچ، قىزىلمۇچ، تۇز، پۇرچاق بوتقىسى، توخۇ تەم جەۋھىرى ۋە ئازراق سۇ قوشۇپ قورۇپ، سۈيى تۈگىگەندىن كېيىن ئوتنى ئۆچۈرۈپ، ئۈستىگە ئازراق غولپىياز مايسىسى سېپىۋەتسىڭىزلا ئۇسۇپ ئېلىشقا بولىدۇ.

ئىككىنچى خىل ئۇسۇل
   كېتەرلىك ماتېرىيال: بەرەڭگە، كۆكمۇچ، قوي گۆشى، سەۋزە، پۇرچاق بوتقىسى
   تەييارلاش ئۇسۇلى
   1. بەرەڭگىنى ياپراقچە ھالىتىدە توغراپ، سۇدا چايقىۋەتكەندىن كېيىن سۈيىنى پاكىزە ساقىتىۋىتىمىز. قازانغا ماينى كۆپرەك قۇيۇپ، ماي ئازراق قىزىغاندىن كېيىن بەرەڭگە ياپراقچىسىنى سالىمىز ھەمدە ئىككى تەرىپى ئالتۇن سېرىق رەڭگە كىرگۈچە داغلايمىز.
   2. كۆكمۇچنى يانتۇ ھالەتتە توغرايمىز، سەۋزىنى ياپراقچە ھالىتىدە توغرايمىز، گۆشنى نىپىز توغرايمىز.
   3. ئالدىدا بەرەڭگە داغلاپ ئېشىپ قالغان مايغا گۆش، كۆكمۇچ، سەۋزە قاتارلىقلارنى سېلىپ قورۇيمىز.
   4. پۇرچاق بوتقىسى سېلىپ قورۇپ قىزىل ماي چىقارغاندىن كېيىن، ئىككى چۈمۈچ سۇ قۇيۇپ، توخۇ تەم جەۋھىرى سالىمىز.
   5. بەرەڭگىنى سېلىپ، سۈيى قالمىغۇچە قورۇپ ئۇسۇپ ئالساق بولىدۇ.

ئەرلەر قانداق ئايال كىشىنى كۆڭلىدىن چىقىرۋىتەلمەيدۇ

نۇرغۇن ئاياللارنىڭ ئۆزىنىڭ مۇستەقىل تەپەككۇر بوشلۇقى بار بولۇپ، مۇھەببەت جەھەتتە ھىسياتقا ئۆزىنىڭ ئېڭى بويىچە مۇئامىلە قىلىدۇ؛ بۇ سەۋ

راك كىسەللىكىگە قارشى تۇرىدىغان يىمەكلىكلەر

ئاشقازان راكىنىڭ كۆرۈلىشى، يىمەك-ئىچمەك ئادىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك؛ ئەمىلىيەتتە ئاشقازان راكىلا ئەمەس، چوڭ ئۈچەي راكى، جىگەر راكى، ئاش

دىققەت! بۇ ئەھۋاللارمۇ ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدىگەنگە باراۋەر

لىكىن، بەزى ماشىنا ئىگىلىرى، تەلەي سىناش پىسخىكىسىدا بولۇپ، "ھاراقنى كۆپ ئىچمىدىم، ماشىنا ھەيدىسەم بولىۋىرىدۇ" دەپ قارايدۇ؛ نەتىجىدە،

تاماقتىن كىيىنكى يېرىم سائەت، كۈتۈنۈشتىكى ئالتۇن مەزگىل

تاماقتىن كىيىن 15مىنۇت ئارام ئېلىپ، بەزىبىر يىنىك مۇزىكالارنى ئاڭلاڭ ھەمدە ئازراق چاي ئىچىپ بىرىڭ، ئەمما كۆپ بولۇپ كەتمەسلىكى كېرەك.

ھەقىقىي ئىلمىي ئورۇقلاش ئۈچۈن چوقۇم 90 كۈن قەتئىي داۋاملاشتۇرىمىز

ئادەم تېنىدىكى ياغ ھۈجەيرىسىنىڭ خاتىرىسى بولۇپ، بۇ دەل تېز سۈرئەتتە ئورۇقلاپ بولغاندىن كېيىن ناھايىتى تېز ئەسلىگە كېلىپ قىلىشنىڭ ئاسا

ئادەم نېمىشقا بۇرنىنى كوچىلاشقا ئامراق كېلىدۇ

ئىگىلەشلەرگە ئاساسلانغاندا، %91 ئادەم بۇرنىنى كوچىلايدىكەن؛ قالغان %9 ئادەم بولسا، ھەر نېمە دېگەن بىلەنمۇ بۇرنىنى كوچىلايدىغانلىقىنى ئې

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号