لەڭپۇڭنى قىشتا قانداق يىسە ياخشى بولىدۇ؟
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 5795:ئادەم ئۆگەندى
   لەڭپۇڭ، شىنجاڭدا كۆپ ئۇچرايدىغان يېمەكلىكنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇششاق يېمەكلىككە تەۋە. ھاۋا ئىسسىق كۈنلىرىدە، لەڭپۇڭنى ھەممە يەردىن تاپقىلى بولىدۇ؛ لېكىن قىش مەزگىلىدە لەڭپۇڭ يىسەك، يازدىكىدەك ئۇنداق بەك خوش يېقىپ كەتمەيدۇ. شۇڭا، بۈگۈن كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە، "ئىسسىق لەڭپۇڭ" تەييارلاش ئۇسۇلىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتمەكچىمىز.
   ئالدى بىلەن، لەڭپۇڭنى ئىككى سانتىمېتىر چوڭ-كىچىكلىكتە تۆت بۇرجەك پارچە قىلىپ توغرىۋالىمىز. ئۇندىن كېيىن، قاقمۇچ، زەنجىۋىل، غولپىياز، سامساق، پۇرچاق بوتقىسى قاتارلىق ماتېرىياللارنى تەييارلايمىز؛ غولپىيازنى يۇيۇپ بۆلەك ھالىتىدە توغرايمىز، زەنجىۋىل بىلەن سامساقنى ئۇششاق چاناپ توغرايمىز.
   قازان ئېسىپ ماي قۇيۇپ قىزىتقاندىن كېيىن، پۇرچاق بوتقىسى ۋە قاقمۇچنى سېلىپ تەم چىقىرىمىز؛ كەينىدىن سامساق، زەنجىۋىل، غولپىياز قاتارلىقلارنى سېلىپ قورۇپ تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ، مۇۋاپىق مىقداردا سۇ قۇيىمىز؛ سۇ قايناپ چىققاندىن كېيىن، ئىككى مىنۇت ساقلاپ، خۇرۇچلارنىڭ تەمىنى پۈتۈنلەي چىقىرىمىز(لەڭپۇڭنى سېلىشتىن بۇرۇن، تۇز تەمىنى تېتىپ تەڭشىۋىلىشنى ئۇنۇتماڭ)؛ ئىككى مىنۇت توشقاندىن كېيىن لەڭپۇڭنى سېلىپ، سۈيى قايناپ يېرىمى قالغاندا، ئۇسسۇپ ئالساق بولىدۇ.(سۇنى بەك كۆپ قۇشۇۋەتمەڭ، لەڭپۇڭنى ئۇزۇن قاينىتىۋەتسىڭىز، ئىزىلىپ ئوماچ بولۇپ كېتىدۇ)
   دوستانە تەكلىپ: سوغۇق يېمەكلىكلەرنى چوقۇم ئاز ئىستېمال قىلىڭ، ئاشقازان ۋە ئۈچەيگە زىيانلىق. پەقەت ساغلام يېمەك-ئىچمەك ئادىتى ۋە مۇۋاپىق تۈردىكى ھەرىكەتلىنىش بولغاندىلا، ئاندىن ساغلام بەدەنگە ئېرىشەلەيمىز.

ئەر كىشى بۇ بەش نەرسىسىنى سىزگە بەرسە

مۇھەببەتتە، ئايال كىشى قارشى تەرەپنىڭ كۆڭلىدە پەقەت ئۆزى يالغۇز بار بولۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ؛ بۇنىڭدا، ئۇلار ئۆزىنى بەخىتلىك ھىس قىلىدۇ ھە

ئايال كىشى ئىرىنىڭ ئۆيىدىكى بۇ ئىشلارغا ئارىلاشماسلىقى كىرەك

بىتەرەپ قىلماق ئەڭ تەس بولغان قېيىنئانا-كىلىن مۇناسىۋىتىدە، كىلىن بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن، قېيىنئانىڭىزنىڭ گەرچە سىز بىلەن قانداشلىق مۇ

مىۋە-چىۋىلەر نېمە ئۈچۈن بارغانسېرى تاتلىقلىشىپ كېتىۋاتىدۇ؟

تەمى تاتلىق مىۋە-چىۋىلەر بازاردا ئەلۋەتتە ئالقىشقا ئېرىشىدۇ، لېكىن يەنە نۇرغۇن كىشىلەر، زىيادە تاتلىق بولۇپ كەتكەن مىۋە-چىۋىلەرگە قارى

ئەتىگەندە ئىلمان قايناقسۇ ئىچىشنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرى

ئەتىگەندە ئورنىمىزدىن تۇرغاندىن كېيىن، بىر ئىستاكان ئىلمان قايناقسۇ ئىچىپ بەرسەك، بەدەنگە نۇرغۇنلىغان پايدىلىق تەسىرلەرنى كۆرسىتىدۇ.

مېڭىنى زىيانغا ئۇچرىتىدىغان يېمەكلىكلەر

ھەمىشە گازلىق سۇ، ئىقتىدارلىق ئىچىملىك ۋە قىسمەن مىۋە شەربەتلىرى قاتارلىق قەنت تەركىبى يۇقىرى ئىچىملىكلەرنى ئىچكەندە، ئاسانلا IIتىپلىق

تاماق يىيىشتىن راك كېسەللىكىنى ئالدىن بىلگىلى بولىدۇ

راك كېسەللىكى، ھەمىشە ئىنسانلار ساغلاملىقىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان "باش جىنايەتچى" دەپ قارىلىپ كەلمەكتە. راك كېسەللىكى تىلغا ئېلىنسا، كى

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号