ئېغىزىڭىزدا ئۈچ خىل سىگنال كۆرۈلسە ئاشقازىنىڭىزنى ئاسراڭ
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 5811:قېتىم كورۇلدى
   ھازىر كىشىلەر ناھايىتى غەلىتە بولۇپ قالغان، بىكاردىن بىكار ئاشقازىنىنى قىيناشنى ياخشى كۆرىدۇ. مەسىلەن، خىزمەت ئالدىراش دەپ ۋاقتىدا تاماق يېمەيدۇ؛ مۇھەببىتىدىن ئايرىلسا، ئازابلاندىم دەپ چوڭ يەپ چوڭ ئىچىدۇ؛ ئاخىرىقى نەتىجىدە، بۇ قىلمىشلار ئېلىپ كەلگەن ئاقىۋەتنى ئۇلارنىڭ ئاشقازىنى ئۈستىگە ئالىدۇ. لېكىن بۇنداق قىلىۋەرگەندە، ئاشقازان راكى ئىزدەپ كېلىپ قېلىشى مۇمكىن.
   ئەگەر ئېغىزىڭىزدا تۆۋەندىكىدەك ئۈچ خىل سىگنال كۆرۈلسە، ئاشقازىنىڭىزغا زىيان يەتكۈزىدىغان بارلىق قىلمىشلىرىڭىزنى توختىتىشىڭىز كېرەك.
دائىم ھېق تۇتۇپ قېلىش
   ناگاندا بىر ھېق تۇتۇپ قېلىش، بەلكىم بەك تويۇنۇپ كەتكەنلىكتىن ياكى سۇغۇق ھاۋا سۈمۈرىۋالغانلىقتىن بولۇشى مۇمكىن؛ لېكىن، ھەمىشە ئۆزىمىزنى توختىتالماي ھېق تۇتۇپ كەتسەك، ئۇنداقتا سىز بۇنىڭدىن ئېھتىيات قىلىشىڭىز كېرەك. چۈنكى بۇ، ئاشقازان چاپلاشقاق پەردىسىنىڭ زەخمىگە ئۇچراپ، نىرىپنى قايتا-قايتا غىدىقلىغانلىقنىڭ نەتىجىسى بولۇشى مۇمكىن.
ئېغىزغا ھەمىشە ئاچچىقسۇ يېغىلىپ قېلىش
   ئەگەر ئېغىزىڭىزغا ھەمىشە "ئاچچىق سۇ" يېغىلىۋالسا، ياكى ھەمىشە ئاشقازىنىڭىز ئېچىشقاندەك ھېس قىلسىڭىز، بۇ بەلكىم ئاشقازان سۇيۇقلۇقىنىڭ تەتۈر ئاققانلىقىنىڭ نەتىجىسى بولۇشى مۇمكىن بولۇپ، سىزنىڭ ئاشقازىنىڭىزدا كېسەللىك ئۆزگىرىشى بارلىقىنى بىلدۈرۈپلا قالماي، يەنە قىزىل ئۆڭگەچكىمۇ تەسىر يەتكۈزۈشى مۇمكىن.
ئېغىز پۇراپ قېلىش
   ئېغىزىڭىزنى ھەرقانچە چوتكىلىسىڭىزمۇ، ئېغىزىڭىزدىكى پۇراق يوقىمىسا، ئۇنداقتا سىز بەلكىم ئاشقازان چىقىش ئېغىزى بۇرمىسىمان تاياقچە باكتىرىيىسى بىلەن يۇقۇملانغان بولىشىڭىز مۇمكىن؛ بۇ بىر خىل ئاسانلا ئاشقازان راكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان كېسەللىك ۋىرۇسى بولۇپ، بۇنىڭ ئالامەتلىرىنىڭ بىرى دەل ئېغىز پۇراشتۇر.

ئەرلەر قانداق ئايال كىشىنى كۆڭلىدىن چىقىرۋىتەلمەيدۇ

نۇرغۇن ئاياللارنىڭ ئۆزىنىڭ مۇستەقىل تەپەككۇر بوشلۇقى بار بولۇپ، مۇھەببەت جەھەتتە ھىسياتقا ئۆزىنىڭ ئېڭى بويىچە مۇئامىلە قىلىدۇ؛ بۇ سەۋ

راك كىسەللىكىگە قارشى تۇرىدىغان يىمەكلىكلەر

ئاشقازان راكىنىڭ كۆرۈلىشى، يىمەك-ئىچمەك ئادىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك؛ ئەمىلىيەتتە ئاشقازان راكىلا ئەمەس، چوڭ ئۈچەي راكى، جىگەر راكى، ئاش

دىققەت! بۇ ئەھۋاللارمۇ ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدىگەنگە باراۋەر

لىكىن، بەزى ماشىنا ئىگىلىرى، تەلەي سىناش پىسخىكىسىدا بولۇپ، "ھاراقنى كۆپ ئىچمىدىم، ماشىنا ھەيدىسەم بولىۋىرىدۇ" دەپ قارايدۇ؛ نەتىجىدە،

تاماقتىن كىيىنكى يېرىم سائەت، كۈتۈنۈشتىكى ئالتۇن مەزگىل

تاماقتىن كىيىن 15مىنۇت ئارام ئېلىپ، بەزىبىر يىنىك مۇزىكالارنى ئاڭلاڭ ھەمدە ئازراق چاي ئىچىپ بىرىڭ، ئەمما كۆپ بولۇپ كەتمەسلىكى كېرەك.

ھەقىقىي ئىلمىي ئورۇقلاش ئۈچۈن چوقۇم 90 كۈن قەتئىي داۋاملاشتۇرىمىز

ئادەم تېنىدىكى ياغ ھۈجەيرىسىنىڭ خاتىرىسى بولۇپ، بۇ دەل تېز سۈرئەتتە ئورۇقلاپ بولغاندىن كېيىن ناھايىتى تېز ئەسلىگە كېلىپ قىلىشنىڭ ئاسا

ئادەم نېمىشقا بۇرنىنى كوچىلاشقا ئامراق كېلىدۇ

ئىگىلەشلەرگە ئاساسلانغاندا، %91 ئادەم بۇرنىنى كوچىلايدىكەن؛ قالغان %9 ئادەم بولسا، ھەر نېمە دېگەن بىلەنمۇ بۇرنىنى كوچىلايدىغانلىقىنى ئې

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号