شىنخۇا ئاگېنتلىقى خەۋرىگە ئاساسلانغاندا، نەنجىڭ شەھەر ئاھالىسى مېڭ ئەپەندىم، ئۆيىدە ئۆزى قاندىكى قەنت مىقدارىنى ئۆلچىگەندىن كېيىن، "نەنجىڭ تىببىي ئونۋىرستىتى ئىككىنچى دوختۇرخانىسى ئىنتىرنىت تور دوختۇرخانىسى" كىچىك پروگراممىسىنى ئېچىپ، "ئىنتىرنىت تورىدا كېسەل كۆرسىتىش" مۇلازىمىتىنى تاللىغان؛ چىراي تونۇتۇپ سالاھىيىتىنى جەزىملەشتۈرگەندىن كېيىن، ئۆزى كۆرۈنمەكچى بولغان دوختۇرنى تاللاپ، قاننىڭ قەنت مىقدارىنى ئۆلچەش نەتىجىسىنى توردا يوللاپ كېسەللىك ئەھۋالىغا قارىتا تەسۋىرلەش ئېلىپ بارغان ھەمدە كۆرسىتىش ۋاقتىنى تاللاپ، كېسەل كۆرسىتىش ھەققى ئۈچۈن توردا 35يۈەن تۆلىگەن.
مېڭ ئەپەندىمگە ئوخشاش، ھازىر ئاز بولمىغان بىمارلار ئىنتىرنىت تور دوختۇرخانىسىدا كېسەل كۆرسىتىشنى تاللايدۇ. بۇ يىل 5-ئايدا، دۆلەتلىك سەھىيە ساغلاملىق كومېتىتى، مەملىكەت ئىچىدىكى 158 ئىنتىرنىت تور دوختۇرخانىسىنىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى. يېقىندا، تىيەنجىن، ئەنخۇي، جىياڭسۇ قاتارلىق جايلاردا، يەنە كۆپلىگەن ئىنتىرنىت تور دوختۇرخانىلىرى ئارقا-ئارقىدىن مەيدانغا چىقتى. ئۇنداقتا، توردا كېسەل كۆرسىتىش ئىشەنچىلىكمۇ؟

ئاساسلىقى ئاستا خاراكتېرلىك كۆپ ئۇچرايدىغان كېسەللەرنى كۆرىدۇ
ئىگىلەشلەرگە ئاساسلانغاندا، نۆۋەتتە ئىنتىرنىت تور دوختۇرخانىلىرىنىڭ تەشكىلى ھالىتى ئۈچ تۈرلۈك: ھۆكۈمەت تەرەپ يىتەكچىلىك قىلىپ قۇرۇپ چىققان ئىنتىرنىت تور دوختۇرخانىلىرى؛ چوڭ تىپتىكى ھەقىقىي گەۋدىلىك دوختۇرخانىلار ئاساسغا قۇرۇلغان، يەككە بىر دوختۇرخانا باشقۇرىدىغان تىپتىكى ئىنتىرنىت تور دوختۇرخانىسى؛ ئىنتىرنىت تور كارخانىلىرى يىتەكچىلىك قىلىپ، كۆپلىگەن دوختۇرخانىلار بىلەن ھەمكارلىشىپ باشقۇرىدىغان تىپتىكى ئىنتىرنىت تور دوختۇرخانىلىرى.
مۇخبىرلارنىڭ كۆپ جايلاردىكى ئىنتىرنىت تور دوختۇرخانىلىرىدىن ئىگىلىشىچە، نۆۋەتتە، ئىنتىرنىت تور دوختۇرخانىلىرىنىڭ توردا كېسەل كۆرۈش مۇلازىمىتى، ئاستا خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر، كۆپ ئۇچرايدىغان كېسەللىكلەر ۋە كۆپ كۆرىلىدىغان كېسەللىكلەرنى ئاساس قىلىدىكەن.
ئۇنداقتا، توردا كېسەلنى كىم كۆرىدۇ؟ دۆلەتلىك سەھىيە ساغلاملىق كومېتىتىنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسىگە ئاساسلانغاندا، دوختۇرلار ئىنتىرنىت تورىدا كېسەل كۆرۈش كەسپىنى باشلاشتىن بۇرۇن، چوقۇم رويخەتكە ئېلىپ تىزىملانغان تىببى داۋالاش ئورگانلىرىنىڭ قوشۇلىشىدىن ئۆتىشى، ھەمدە بۇنىڭ بىلەن بىرگە، مۇناسىپ تۈردىكى كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىش سالاھىيىتىگە ئىگە بولغان بولۇشى ۋە ئۈچ يىلدىن ئارتۇق مۇستەقىل كىلىنكىلىق خىزمەت تەجرىبىسى بار بولۇشى كېرەك ئىكەن. كۆپلىگەن رايونلار، توردا كېسەل كۆرىدىغان دوختۇرلارغا قارىتا تەكشۈرۈپ ئەنگە ئېلىش خىزمىتى ئېلىپ بارىدىكەن.
مۇخبىرلار زىيارەت قىلغان كۆپلىگەن بىمارلارنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، دوختۇرخانىغا بېرىپ كېسەل كۆرسىتىشكە قارىغاندا، ئىنتىرنىت تور دوختۇرخانىسىدا كېسەل كۆرسەتسە، بىمارنىڭ زېھىنى ۋە ۋاقتى تىجىلىپ قالىدىكەن.
بەزى ئىنتىرنىت تور دوختۇرخانىلىرىدا، بىمارغا خالىغانچە دورا بۇيرۇش ئەھۋاللىرى مەۋجۇت
مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، نۆۋەتتە ھەرقايسى جايلاردىكى ئىنتىرنىت تور دوختۇرخانىلىرى تەرەققىياتى تەڭپۇڭ ئەمەس بولۇپ، بەزىبىر تەرەققىي قىلغان رايون ئۆلكىلەردىكى ئىنتىرنىت تور دوختۇرخانىلىرى، توردا رىتسىپ يېزىش ۋە دورا يەتكۈزۈپ بىرىش كەسپىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ بولغان؛ ئەمما ئوتتۇرا ۋە غەربى قىسىم رايونلاردىكى ئاز بولمىغان ئىنتىرنىت تورى دوختۇرخانىلىرى، تېخىچى دورا يەتكۈزۈپ بىرىش ئىقتىدارىنى يىتىلدۈرۈپ بولالمىغان.
ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسلانغاندا، مەيلى توردا ئېچىلغان دورىخانا بولسۇن ياكى ھەقىقىي گەۋدىلىك دوختۇرخانا بولسۇن، بىمار ئەگەر رىتسىپلىق دورا سېتىۋالماقچى بولسا، چوقۇم دوختۇرنىڭ يازغان رىتسىپىنى تەمىنلەپ بىرىشى كېرەك. لېكىن مۇخبىرنىڭ تەكشۈرۈپ بايقىشىچە، بەزىبىر ئىنتىرنىت تورى دوختۇرخانىلىرىنىڭ دوختۇرلىرى، رىتسىپنى خالىغانچە يازىدىكەن.
مۇخبىر چىڭدۇ شەھىرىدىكى بىر زەنجىرسىمان دورا دوكىنىغا بېرىپ رىتسىپلىق دورا سېتىۋالماقچى بولغان؛ بۇ دۇكان خادىمى مۇخبىرغا، ئىنتىرنىت تور دوختۇرخانىسىدا كېسەل كۆرىدىغان دوختۇرلاردىن رىتسىپ سورىسا بولىدىغانلىقىنى، ھەقىقىي كېسەل ئادەم بولمىسىمۇ، خالىغانچە ئىسىمدىن بىرنى تەمىنلەپ بەرسىلا رىتىسىپ يازغۇزغىلى بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان. مۇخبىر شۇ دوكاندىلا تورغا چىقىپ، ئۈچىنچى تەرەپ ئىنتىرنىت تورى دوختۇرخانىسى توردا كېسەل كۆرۈش سەھنىسى بىلەن ئالاقىلاشقان؛ نەتىجىدە، توردىكى دوختۇر ئاددىيلا قىلىپ ئۇنىڭ ئاساسلىق ئەھۋالىنى سورىغاندىن كېيىن، بىۋاستىلا مۇخبىر تەلەپ قىلغان دورا تۈرى ۋە مىقدارى بويىچە رىتسىپ يېزىپ بەرگەن.
ساھە ئىچىدىكى زاتلارنىڭ تەكلىپ بىرىشىچە، توردا كېسەل كۆرۈش سانلىق مەلۇماتلىرىنى ئانالىز قىلىش، توردا بەلگىلىمىگە خلاپ ھالدا كېسەل كۆرۈش قىلمىشلىرىنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، توردا رىتسىپ يېزىشنىڭ ھەقىقىي بولۇشىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كېرەك ئىكەن.
