مۇھەببەتكە ئاسىيلىق قىلغان ئادەم پەقەت ئۆزىنىلا ياخشى كۆرىدۇ
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 5833:قېتىم كورۇلدى
   سىز بەلكىم، مۇھەببەتكە ئاسىيلىق قىلغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسى، ئۆزىنىڭ توي تۇرمۇشىدىن رازى بولمىغانلىقتىن شۇنداق قىلىدۇ دەپ قارىشىڭىز مۇمكىن.
   سىز بەلكىم، مۇھەببەتكە ئاسىيلىق قىلغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسى، "ئۈچىنچى شەخىس مىنىڭ تەقدىرىم قوشۇلغان ئاشىقىم، مەن پەقەت خاتا ۋاقىتتا توغرا ئادەمگە ئۇچرىشىپ قالدىم" دېگەن پوزىتسىيەدە بولىدۇ دەپ قارىشىڭىز مۇمكىن.
   ئەمەلىيەتتە، ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس.
   مۇھەببەتكە ئاسىيلىق قىلغان ئادەم شۇنداق ئويلىسا بولىدۇ، ئەمما مۇھەببەتتە ئاسىيلىق قىلىشقا ئۇچرىغان ئادەم، ھەرگىز ئۇنداق ئويلىماسلىقى كېرەك.
نۇرغۇن كىشىلەر، ئاسىيلىق قىلغۇچىنىڭ پىسخىكىسىنى ئانالىز قىلىشنى ياخشى كۆرىدۇ؛ بۇ سەۋەبلىك، ئاتالمىش "تالاغا قاراش پىسخولوگىيەسى" شەكىللىنىپ چىققان. مۇھەببەتتە ئاسىيلىق قىلىشقا ئۇچرىغانلارغا نىسبەتەن، بۇ خىلدىكى "بىلىم"، شۈبھىسىزكى دەل ئۇلار شۇ پەيتتە ئېھتىياجلىق بولىۋاتقان نەرسە بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى، بۇ ۋاقىتتىكى ئۇلار، بىچارە ھالغا چۈشۈپ نېمە قىلارىنى بىلەلمەي قالغان، ئىچكى دۇنياسى ئەنسىزلىككە تولغان كېلىدۇ. شۇڭا ئۇلار ياردەمگە ئېرىشىشنى، بىرەرسىنىڭ ئۇلارغا يول كۆرسىتىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.
   بۇنداق ئەھۋالدا، پىسخولوگىيە ۋە نۇرغۇنلىغان ئاتالمىش ھېسسىيات مۇتەخەسسىسلىرى، بەزىبىر كەسپى ئاتالغۇلاردىن پايدىلىنىپ ئانالىز قىلىشنى ياخشى كۆرىدۇ؛ لېكىن، نۇرغۇنلىغان ئاسىيلىققا ئۇچرىغۇچىلارغا نىسبەتەن، بۇ ئۇقۇم ۋە "بىلىم"لەرنىڭ ئۆزى، ئۇلارنى قايىل قىلىشقا يىتىپ ئاشىدۇ.
   پىسخولوگىيە ۋە مۇتەخەسسىسلەرنىڭ چۈشەندۈرۈشى ئەلۋەتتە خاتا ئەمەس. بىراق، ئادەتتىكى كىشىلەرگە نىسبەتەن، ساداقەتسىزلىكنى ئانالىز قىلىش، ئەمەلىيەتتە بۇنچىلىك دەرىجىدە ئانالىز قىلىش كەتمەيدۇ.
   بىر ئادەم نېمە ئۈچۈن مۇھەببەتكە ئاسىيلىق قىلىشنى تاللايدۇ؟ ئەمەلىيەتتە، ئەھۋال ئۇنداق مۇرەككەپ ئەمەس. بۇنىڭ جاۋابى بولسا، بىر ئادەم شۇنىڭ ئۈچۈن مۇھەببەتكە ئاسىيلىق قىلىشنى تاللايدۇكى، ئۇنىڭ مۇھەببەتكە ئاسىيلىق قىلىش پۇرسىتى بار بولغان، شۇڭا ئۇ مۇھەببەتكە ئاسىيلىق قىلىشنى تاللايدۇ.
   مۇھەببەتكە ئاسىيلىق قىلغان كىشىلەر، توي تۇرمۇشى جەريانىدا، ناھايىتى ئۇزۇن بىر مەزگىل مۇھەببەتكە ئاسىيلىق قىلمايدۇ. سىز، كىمنىڭ راستتىنلا مۇھەببەتكە ئاسىيلىق قىلمايدىغانلىقىنى، يەنە كىملەرنىڭ مۇھەببەتكە ئاسىيلىق قىلىشقا ئىزچىل تۈردە پۇرسەت تاپالمىغانلىق سەۋەبىدىن ئۇنىڭدا ئاندىن مۇھەببەتكە ئاسىيلىق قىلىش قىلمىشى كۆرۈلمىگەنلىكىنى ئايرىيالامسىز؟
   بۇنىڭغا مۇناسىپ بولغىنى، بىر ئادەم مۇھەببەتكە ئاسىيلىق قىلغان ۋاقىتتا، ئۇ زادى ئۆزىنىڭ جۆرىسىدىن رازى بولمىغانلىق سەۋەبىدىن مۇھەببەتكە ئاسىيلىق قىلدىمۇ؟ ياكى مۇھەببەتكە ئاسىيلىق قىلغانلىق سەۋەبىدىن، ئاندىن جۆرىسىدىن نارازى بولۇپ قۇسۇر ئىزدەشكە باشلىدىمۇ؟ سىز بۇنى ئايرىيالامسىز؟
   نەزەرىيە جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، بۇلارنىڭ ئېنىق بىر جاۋابى يوق.
   تالاغا قاراشنىڭ يۈز بىرىشى، ئادەتتە بەزىبىر تاساددىبىي ئەھۋاللار سەۋەبىدىن بولىدۇ؛ ئەلۋەتتە، بۇ تاساددىبىي ئەھۋاللار ئارىسىغا، قىسمەن قەستەنلىك يۇشۇرۇنغان بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئاسىيلىق قىلىشنىڭ ئۆزى، چوقۇم قەستەنلىك بولىدۇ؛ ھەرگىز ئىختىيارسىز ياكى مەقسەتسىز ھالدا كۆرۈلۈپ قالمايدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئاسىيلىق قىلىشنى تاللىغان ۋاقىتتا، ئاسىيلىق قىلغۇچى ئۆزىنىڭ قىلمىشىنىڭ جۆرىسىگە ئازاب ئېلىپ كىلىدىغانلىقىنى ئېنىق بىلىپ تۇرۇپ، ئۇ يەنىلا شۇنداق قىلىشنى تاللايدۇ. ئۇنداقتا، جاۋاب ناھايىتى ئېنىق، بۇنى يەنە ئارتۇقچە چۈشەندۈرۈپ ئولتۇرۇش كېتەمدۇ؟
   شۇنداق، چۈشۈندۈرۈش لازىم بولىدۇ.
   نۇرغۇن كىشىلەر، رىياللىققا يۈزلىنىشنى خالىمايدۇ، ياكى "ھەقىقەت ھەرقانچە كۆپ بەس مۇنازىرىنى بېسىپ چۈشىدۇ" دېگەن يەكۈننى قوبۇل قىلىشنى خالىمايدۇ، شۇڭا ئۇلار مەسىلىنى مەڭگۈ ھەل قىلالمايدۇ.
   بۇنىڭ جاۋابى بولسا، بىر ئادەم ئۆزىنىڭ قىلمىشىنىڭ سىزگە ئازاب ئېلىپ كىلىدىغانلىقىنى ئېنىق بىلىپ تۇرۇپمۇ، يەنە شۇ قىلمىشىنى داۋاملاشتۇرۇشنى تاللىسا، بۇنىڭ بىردىنبىر چۈشۈندۈرۈلۈشى، ئۇ ئادەم ناھايىتى شەخسىيەتچى بولغان بولىدۇ؛ بۇ بويىچە تەھلىل قىلغاندا، ئەگەر ئىككىڭلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا راستتىنلا مەنپەئەت توقۇنۇشى كۆرۈلۈپ قالسا، ئۇ سىزدىن ۋاز كېچىپ، پەقەت ئۆزىنىڭ تۇيغۇسىنىلا ئويلىشىدۇ.
   بۇ خىلدىكى لوگىكىلىق تەپەككۇر، ئۇنىڭ توي تۇرمۇشى ئىچىدە تالاغا قاراش قىلمىشىغىمۇ ئوخشاشلا ماس كېلىدۇ.
   بۇ نېمە دېگەن گەپ؟
   مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئۇنىڭ مۇھەببەتكە ئاسىيلىق قىلىشىدىكى سەۋەب، ئۇنىڭ ئۈچىنچى شەخسنى ياخشى كۆرگەنلىكى ھەمدە ياخشى كۆرگەنلىكتىن ھەتتا ئۆزىنى ئاسىيلىق قىلغۇچى ئورۇنغا چۈشۈرۈپ قويۇشتىنمۇ باش تارتمىغانلىقىدىن ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ ھەقىقىي تۈردە ياخشى كۆرىدىغىنى يەنىلا ئۆزى بولغانلىقىدىن بولىدۇ؛ بۇنىڭدىن، ئەگەر ئۇنىڭ تالاغا قاراش قىلمىشى ئۇنىڭغا پايدىسىز ئەھۋال ئېلىپ كەلسە، ئۇنىڭ چوقۇم تالاغا قاراش قىلمىشىدىنمۇ ۋاز كېچىدىغانلىقىنى كۆرۈپ يېتىشكە بولىدۇ.
   باشقا بىر نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، بىر ئادەم مۇھەببەتكە ئاسىيلىق قىلىشنى تاللىغان ۋاقىتتا، ئەمەلىيەتتە ئۇ مۇھەببەتتىن ۋاز كەچكەن بولىدۇ، ئۇنىڭ مۇھەببەت توغرىلىق قايتا ئېغىز ئېچىش سالاھىيىتى قالمىغان بولىدۇ. مۇھەببەت، بىر خىل سەمىمىي نىيەت، بىر خىل مەسئۇلىيەت بولۇشى كېرەك؛ لېكىن ئاسىيلىق قىلىش قىلمىشى، ئاسىيلىق قىلغۇچىنىڭ ئەمەلىيەتتە پەقەت ئۆزىگىلا ئېتىبار بىرىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
   بىر قانچە ئادەمنى ياخشى كۆرەلىگەن ئادەم، تەبىئىيلا بىر قانچە ئادەملەرنىڭ ھەممىسىدىن ۋاز كېچەلەيدۇ. قارىماققا مۇھەببەت ۋە ھېسسىياتى مول كۆرىنىدىغان ئاشۇ كىشىلەر، ئۇلارنىڭ ھەقىقىي ياخشى كۆرىدىغىنى، ئەمەلىيەتتە پەقەت ئۇلارنىڭ ئۆزىلا بولىدۇ.

ئەرلەر قانداق ئايال كىشىنى كۆڭلىدىن چىقىرۋىتەلمەيدۇ

نۇرغۇن ئاياللارنىڭ ئۆزىنىڭ مۇستەقىل تەپەككۇر بوشلۇقى بار بولۇپ، مۇھەببەت جەھەتتە ھىسياتقا ئۆزىنىڭ ئېڭى بويىچە مۇئامىلە قىلىدۇ؛ بۇ سەۋ

راك كىسەللىكىگە قارشى تۇرىدىغان يىمەكلىكلەر

ئاشقازان راكىنىڭ كۆرۈلىشى، يىمەك-ئىچمەك ئادىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك؛ ئەمىلىيەتتە ئاشقازان راكىلا ئەمەس، چوڭ ئۈچەي راكى، جىگەر راكى، ئاش

دىققەت! بۇ ئەھۋاللارمۇ ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدىگەنگە باراۋەر

لىكىن، بەزى ماشىنا ئىگىلىرى، تەلەي سىناش پىسخىكىسىدا بولۇپ، "ھاراقنى كۆپ ئىچمىدىم، ماشىنا ھەيدىسەم بولىۋىرىدۇ" دەپ قارايدۇ؛ نەتىجىدە،

تاماقتىن كىيىنكى يېرىم سائەت، كۈتۈنۈشتىكى ئالتۇن مەزگىل

تاماقتىن كىيىن 15مىنۇت ئارام ئېلىپ، بەزىبىر يىنىك مۇزىكالارنى ئاڭلاڭ ھەمدە ئازراق چاي ئىچىپ بىرىڭ، ئەمما كۆپ بولۇپ كەتمەسلىكى كېرەك.

ھەقىقىي ئىلمىي ئورۇقلاش ئۈچۈن چوقۇم 90 كۈن قەتئىي داۋاملاشتۇرىمىز

ئادەم تېنىدىكى ياغ ھۈجەيرىسىنىڭ خاتىرىسى بولۇپ، بۇ دەل تېز سۈرئەتتە ئورۇقلاپ بولغاندىن كېيىن ناھايىتى تېز ئەسلىگە كېلىپ قىلىشنىڭ ئاسا

ئادەم نېمىشقا بۇرنىنى كوچىلاشقا ئامراق كېلىدۇ

ئىگىلەشلەرگە ئاساسلانغاندا، %91 ئادەم بۇرنىنى كوچىلايدىكەن؛ قالغان %9 ئادەم بولسا، ھەر نېمە دېگەن بىلەنمۇ بۇرنىنى كوچىلايدىغانلىقىنى ئې

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号