ھازىرقى كۈندە قانداق مىۋىلەرنى يىيىش كېرەك؟
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 9631:قېتىم كورۇلدى
   گەرچە كەچ كۈز كىرىپ قالغان بولسىمۇ، ئەمما بازاردا يېڭى مىۋىلەر ئاز ئەمەس. بۈگۈن بىز كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە، مىۋە-چىۋىلەرنىڭ بەزىبىر "كىچىك مەخپىيەتلىكلىرى"نى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز؛ سىز بۇنىڭغا ئاساسەن، قايسى مىۋىلەرنى يىيىشنى قارار قىلسىڭىز بولىدۇ.
بۆلجۈرگەن بولسا ئۇرۇقلىتىش مىۋىسى
   ئەگەر سىزنىڭ تاتلىق يېمەكلىكلەرنى يىگۈڭىز كىلىپ قالسا، بۇنىڭ بىلەن بىرگە سەمىرىپ قېلىشتىن قورقسىڭىز، ئۇنداقتا بۆلجۈرگەن سىزنىڭ ئەڭ ياخشى تاللىشىڭىز بولىدۇ.
   بۆلجۈرگەن تەركىبىدىكى مىۋە شېكىرى نىسبەتەن يۇقىرى، ھەتتا بۆلجۈرگەننى، ئەڭ تاتلىق مىۋە دېيىشكە بولىدۇ. بىراق، بۆلجۈرگەن گەرچە تاتلىق بولسىمۇ، ئەمما ئېنېرگىيە مىقدارى تۆۋەن بولۇپ، بىر قېتىمدا بىراقلا كۆپلەپ يەۋالمىسىڭىزلا، پۈتۈنلەي "ئۇرۇقلىتىش يېمەكلىكى" بولالايدۇ.
لىموننىڭ تازىلاش ئىقتىدارى كۈچلۈك
   لىموننىڭ ۋىيتامىنC تەركىبى ھەقىقەتەنمۇ يۇقىرى ئەمەس، ھەتتا يىسىۋىلەككىمۇ يەتمەيدۇ. ئەگەر سىز لىمونغا تايىنىپلا ۋىيتامىنC تولۇقلايمەن دېسىڭىز، ھەر كۈنى ئاز دېگەندىمۇ 8-7تال لىمون يىيىش لازىم بولىدۇ؛ بىراق بۇنداق قىلسىڭىز، ۋىيتامىنC تۇلۇقلىنىپ بولغۇچە، چىشىڭىز ئاۋۋال كاردىن چىقىدۇ.
   لېكىن، لىموننىڭ باشقا مىۋىلەردە يوق بىر خىل ئىقتىدارى بار: توڭلاتقۇ ۋە مىكرو دولقۇنلۇق ئوچاق ئىچىدىكى غەلىتە پۇراقنى يوقىتىش.
تەرخەمەكنىڭ %90دىن يۇقىرى قىسمى ھەممىسى سۇ
   تاغقا يامىشىش، باھار سەيلىسى دېگەنگە ئوخشاش پائالىيەتلەردە، تەرخەمەك ئىنتايىن ياخشى بىر خىل ئۇششاق يېمەكلىك ھېسابلىنىدۇ. تەرخەمەك يىگەندە، قوساق تويۇنۇش تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇپلا قالماي، يەنە بەدەندىكى خوراپ كەتكەن سۇ تەركىبىنى تۇلۇقلىيالايدۇ.
كۈزلۈك چىلان، ھەقىقىي تۈردىكى ۋىيتامىن C شاھى
   گەرچە جۇغى كىچىك بولسىمۇ، ئەمما ھەر 100گىرام كۈزلۈك چىلان تەركىبىدىكى ۋىيتامىن Cنىڭ مىقدارى، 243مىللىگىرامغا يېتىدىغان بولۇپ، ئالمىنىڭ 60ھەسسىسىگە، لىموننىڭ 10 ھەسسىسىگە، مايمۇن شاپتۇلىنىڭ 4ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ؛ شۇڭا، كۈزلۈك چىلان ئىسمى-جىسمىغا لايىق ۋىيتامىن C شاھىدۇر.
ئاق قىراۋ چۈشكەن ئۈزۈم تېخىمۇ تەملىك
   ئاق رەڭلىك قىراۋ، ئۈزۈمنىڭ ئۆزى ئاجرىتىپ چىقارغان گىلىكول تىپىدىكى ماددا بولۇپ، ئادەم بەدىنىگە زىيىنى يوق؛ ئەمما سىرتقى يۈزىدە ئاق قىراۋ بار بولغان ئۈزۈم، تېخىمۇ تەملىك بولىدۇ.
مىۋە يىيىش، ئەمما مىۋە شەربىتى ئىچمەسلىك
   ئىسىڭىزدە بولسۇنكى، قويۇلدۇرۇلغاننىڭ ھەممىسى جەۋھەر قىسىمى بولىدۇ. ئاپلىسىننى مىسالغا ئالساق، بىر ئىستاكان ئاپلىسىن شەربىتىدە، بەش ئاپلىسىنغا تەڭ كېلىدىغان شېكەر ۋە ئېنېرگىيە بار. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئاپلىسىندىن بەشنى يىسەك ئاسانلا تويۇپ قالىمىز؛ لېكىن، بىر ئىستاكان ئاپلىسىن شەربىتى ئىچسەك، ھېچنىمىگە كار قىلمايدۇ. شۇڭا، كۆپچىلىكنىڭ مىۋىنى كۆپرەك يەپ، مىۋە شەربىتىنى ئازراق ئىچىشى تەۋسىيە قىلىنىدۇ.
قەۋزىيەتكە بانان يىگەن بىكار
   بانان گەرچە يىيىشلىك بولسىمۇ، ئەمما ئۇ قەۋزىيەتنى ياخشىلىيالمايدۇ. چۈنكى، باناننىڭ تالا ماددىسى تەركىبى ئۇنچە يۇقىرى ئەمەس، شۇڭا ئۈچەينى غىدىقلاپ قىمىرلىشىنى ئىلگىرى سۈرەلمەيدۇ. بۇندىن باشقا، ئەگەر توڭراق بانان يەپ سالسىڭىز، ئەكسىچە ئاسانلا قەۋزىيەت قىلىپ قويىدۇ.
ھەيىز مەزگىلىدىمۇ ماڭگو يىيىشكە بولىدۇ
   ماڭگونىڭ ئالاھىدە بىر ئۈنۈملىرى يوق، ئەمما ھەيىز مەزگىلىگىمۇ ھېچقانداق تەسىر كۆرسەتمەيدۇ. پەقەت بىئاراملىق ھېس قىلىمىسىڭىزلا ياكى ماڭگو سىزگە رىئاكسىيە قىلمىسلا، يىگىڭىز كەلگەندە خاتىرجەم يەۋىرىڭ.

ئەرلەر قانداق ئايال كىشىنى كۆڭلىدىن چىقىرۋىتەلمەيدۇ

نۇرغۇن ئاياللارنىڭ ئۆزىنىڭ مۇستەقىل تەپەككۇر بوشلۇقى بار بولۇپ، مۇھەببەت جەھەتتە ھىسياتقا ئۆزىنىڭ ئېڭى بويىچە مۇئامىلە قىلىدۇ؛ بۇ سەۋ

راك كىسەللىكىگە قارشى تۇرىدىغان يىمەكلىكلەر

ئاشقازان راكىنىڭ كۆرۈلىشى، يىمەك-ئىچمەك ئادىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك؛ ئەمىلىيەتتە ئاشقازان راكىلا ئەمەس، چوڭ ئۈچەي راكى، جىگەر راكى، ئاش

دىققەت! بۇ ئەھۋاللارمۇ ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدىگەنگە باراۋەر

لىكىن، بەزى ماشىنا ئىگىلىرى، تەلەي سىناش پىسخىكىسىدا بولۇپ، "ھاراقنى كۆپ ئىچمىدىم، ماشىنا ھەيدىسەم بولىۋىرىدۇ" دەپ قارايدۇ؛ نەتىجىدە،

تاماقتىن كىيىنكى يېرىم سائەت، كۈتۈنۈشتىكى ئالتۇن مەزگىل

تاماقتىن كىيىن 15مىنۇت ئارام ئېلىپ، بەزىبىر يىنىك مۇزىكالارنى ئاڭلاڭ ھەمدە ئازراق چاي ئىچىپ بىرىڭ، ئەمما كۆپ بولۇپ كەتمەسلىكى كېرەك.

ھەقىقىي ئىلمىي ئورۇقلاش ئۈچۈن چوقۇم 90 كۈن قەتئىي داۋاملاشتۇرىمىز

ئادەم تېنىدىكى ياغ ھۈجەيرىسىنىڭ خاتىرىسى بولۇپ، بۇ دەل تېز سۈرئەتتە ئورۇقلاپ بولغاندىن كېيىن ناھايىتى تېز ئەسلىگە كېلىپ قىلىشنىڭ ئاسا

ئادەم نېمىشقا بۇرنىنى كوچىلاشقا ئامراق كېلىدۇ

ئىگىلەشلەرگە ئاساسلانغاندا، %91 ئادەم بۇرنىنى كوچىلايدىكەن؛ قالغان %9 ئادەم بولسا، ھەر نېمە دېگەن بىلەنمۇ بۇرنىنى كوچىلايدىغانلىقىنى ئې

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号