خوتۇن ئېلىشتا، پۇت قوللىرى سۇغۇق تۇرىدىغان ئايالغا ئۆيلىنىڭ
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 6843:قېتىم كورۇلدى
   نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ دېيىشىچە، پۇت قوللىرى مۇزدەك تۇرىدىغان ئايال كىشىنىڭ ئىللىقلىققا بولغان ئىنتىلىشى ئىنتايىن كۈچلۈك بولۇپ، بىر ئۆمۈر باشقىلارنىڭ ياخشى كۈيۈنىشىگە ئېھتىياجلىق بولىدىكەن.
   پۇت قوللىرى دائىم سۇغۇق تۇرىدىغان ئاياللار، ئىللىقلىققا ئىنتىلىپلا قالماي، ئۇلار يەنە باشقىلارنى قانداق ئىللىتىشنىمۇ ئوبدان بىلىدۇ.
   ئەگەر سىز پۇت قوللىرى دائىم سۇغۇق تۇرىدىغان ئايالدىن بىرنىڭغا ئۇچراشقان بولسىڭىز، ئۇنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىغا كۆپرەك نەزەر سېلىپ، ئۇنى قولدىن چىقىرىپ قويماڭ.
-1-
   پۇت قوللىرى سۇغۇق تۇرىدىغان ئاياللار مۇھەببەتكە ئىنتايىن سادىق بولۇپ، پەقەت بىرەرسىنى ياخشى كۆرۈپ قالسىلا، ئۇنىڭ ھەممە تەرەپلىرىنى ئىسىدە چىڭ ساقلىۋالىدۇ؛ مۇھەببەت ئۇلارنىڭ ئەڭ ياخشى ساۋۇتى بولالايدۇ، ئەمما بۇنىڭ بىلەن بىرگە، يەنە ئۇلارنىڭ ئەڭ چوڭ ئاجىزلىقى بولۇپ قالىدۇ.
   پۇت قوللىرى سۇغۇق تۇرىدىغان ئايال كىشى، ئاسانلا تەسىرلىنىپ كېتىدىغان بولۇپ، ئۇلار ئۆزى ياخشى كۆرگەن ئادەمنىڭ ھالىدىن ئىنچىكىلىك بىلەن خەۋەر ئالىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزىنى ئۇۋالچىلىق تارتقۇزۇشقا رازى بولىدۇ.
   پۇت قوللىرى سۇغۇق تۇرىدىغان ئايال كىشى قارىماققا بىپەرۋادەك كۆرىنىدۇ؛ ئەمما ئۇلار كۆڭلىدە ناھايىتى ئەستايىدىل ھەم ئىنچىكە، سەزگۈر كېلىدۇ. بەزىدە ئۇلارنىڭ بەك ئىنچىكە ھېسابلىشىپ كەتمەسلىكى، مۇھەببەت سەۋەبىدىن بولۇپ، ئۇلار يالغاندىن بىلمىگەن بولىۋالىدۇ.
   پۇت قوللىرى سۇغۇق تۇرىدىغان ئايال كىشى، ھېسسىياتقا ئالاھىدە ئېتىبار بىلەن قارايدىغان بولۇپ، پەقەت ئۇلار چىن كۆڭلىدىن ئېتىراپ قىلغان دوستى بولسىلا، ئارىدا ھەرقانداق ئىشلارنىڭ يۈز بىرىشىدىن قەتئىنەزەر، ئۇلارنى ئايرىۋېتەلمەيدۇ؛ ئۇلار باشقىلار بىلەن سەمىمىي نىيەت بىلەن دوستلىشىدۇ، جۆرىسىگە چىن يۈرەكتىن مۇئامىلە قىلىدۇ. بۇنداق ئاياللارنىڭ كۆڭلىنى يەردە قويۇشقا ھەرگىز بولمايدۇ.
-2-
   پۇت قوللىرى سۇغۇق تۇرىدىغان ئاياللار، ناھايىتى ئاق كۆڭۈل كېلىدۇ؛ ئۇلارنىڭ قىلغانلىرىنىڭ ھەممىسى، سىزگە ياخشى بولۇشى ئۈچۈندۇر. بۇ جەرياندا ئۇلار سىزدىن ھېچنىمە كۈتمەيدۇ، ئۇلار پەقەت سىزنى ياخشى كۆرگەنلىكى ئۈچۈنلا، يېنىڭىزدا سىزگە ھەمراھ بولىدۇ.
   پۇت قوللىرى سۇغۇق تۇرىدىغان ئاياللار، سىرتتىن قارىغاندا ناھايىتى كەسكىندەك كۆرىنىدۇ؛ ئەمما ئۇلار كۆڭلىدە، ھەمىشە ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان ئادەم ئۈچۈن، ئۆلچىمى ۋە ئاخىرقى چېكىنى تۆۋەنلىتىدۇ. ئەلۋەتتە، پىرىنسىپلىق مەسىلىلەردە، ئۇلارنىڭمۇ چىڭ ساقلايدىغان چېكى بار بولىدۇ.
   پۇت قوللىرى سۇغۇق تۇرىدىغان ئاياللار، ئۆز بېشىمچە ئىش كۆرىدىغان ئادەمدىن بىزار. ئۇلار پەقەت تىرىشچانلىق كۆرسەتسىلا جاۋابقا ئىرىشەلەيدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ؛ ئۇلار باشقىلارغا ھىيلە-نەيرەڭ ئىشلىتىشنى بىلمەيدۇ، خۇشامەت قىلىش تېخىمۇ بولمايدۇ.  ئۇلار باشقىلارغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن يېقىنلىشىپ خۇشامەت قىلمايدۇ؛ چۈنكى، ئۇلار ئۇنداق يۇمىلاق تاۋۇزلاردىن ئەمەس، قورسىقىغا جىن كىرىۋالغانلاردىنمۇ ئەمەس.

-3-
   پۇت قوللىرى سۇغۇق تۇرىدىغان ئاياللار، ئېغىزى قاتتىق دىلى يۇمشاق كېلىدۇ. ئۆزى ياخشى كۆرگەن ئادەمنىڭ ئۆرۈلگىنىچە كېتىپ قالغانلىقىغا قاراپ تۇرسىمۇ، ئېغىز ئېچىپ ئۇنى تۇتۇپ قېلىشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ؛ كۆڭلىدە ئېنىقلا ئازابلىنىپ تۇرسىمۇ، ئەمما يەنىلا يۈز ئاياپ ئۆزىنى ئازابقا قويىدۇ.
   پۇت قوللىرى ئاسان مۇزلايدىغان ئاياللارنىڭ كۆڭلى ئاسانلا ئازار يەيدۇ، ئەمما ئۇلار ھەمىشە ئۆزىنى نىقابلىۋالىدىغان بولغاچقا، باشقىلار ئۇلارنىڭ ھەقىقىي كۆڭلىنى كۆرۈپ يىتەلمەيدۇ.
   پۇت قوللىرى سۇغۇق تۇرىدىغان ئاياللار بەلكىم ناھايىتى جاھىل كېلىشى، ياكى كىچىك بالىلاردەك مىجەزى بار بولۇشى مۇمكىن؛ لېكىن ئۇلار، پەقەت ئەڭ يېقىن ئادەملىرى ئالدىدىلا بۇنداق سەبىيلەرچە تەرەپلىرىنى ئاشكارىلاپ چىقىرىدۇ.
   پۇت قوللىرى سۇغۇق تۇرىدىغان ئاياللار ئاداۋەت ساقلىمايدۇ، بۇ بەلكىم ئۇلارنىڭ كۆڭلىنىڭ بەك يۇمشاق بولغانلىقىدىن بولۇشى مۇمكىن؛ باشقىلار پەقەت ئۇلارغا ئازراق بوي ئەگسىلا، ئۇلار ئىلگىرىكى تالاش-تارتىشلارنىڭ ھەممىنى پاك-پاكىزە ئۇنتۇپ كېتىدۇ.
   پۇت قوللىرى سۇغۇق تۇرىدىغان ئاياللار، ئۆزىنىڭ ھېسسىياتىنى ئىپادىلەشكە ماھىر ئەمەس؛ ئەمما ئۇلار ئۆزىگە ياخشى مۇئامىلە قىلغان بارلىق كىشىلەرنى ئېسىدە ياخشى ساقلايدۇ، ياخشىلىقنى چوقۇم قايتۇرىدۇ. ئۇلار كۈندىلىك تۇرمۇشتا بەلكىم جىمغۇر كېلىشى مۇمكىن، ئەمما توغرا-خاتانى، ئۇلار كۆڭلىدە ئېنىق ئايرىپ ساقلايدۇ.
   پۇت قوللىرى سۇغۇق تۇرىدىغان ئايال كىشى، بەلكىم ئەتراپىمىزدىكى دوستىمىز، ياكى جۆرىمىز بولۇشى مۇمكىن. ئۇلار سىرتتىن قارىماققا ناھايىتى قەيسەردەك كۆرىنىدۇ، ئەمما ئىچكى دۇنياسى ئىنتايىن ئاجىز كېلىدۇ؛ ئۇلار تۇرمۇشقا قارىتا ناھايىتى خىرەلىك ھېس قىلغان تەقدىردىمۇ، يەنىلا ئۈمىدكە تولغان ھالدا ئالغا قاراپ ئىلگىرلەشنى داۋاملاشتۇرىدۇ.
   ئەگەر يېنىڭىزدا بۇنداق پۇت قوللىرى سۇغۇق تۇرىدىغان ئايال كىشى بار بولسا، ئۇنى چوقۇم ياخشى قەدىرلەڭ؛ چۈنكى، ئۇلار ياخشى كۆرۈپ سۈيۈشكە ئەرزىيدۇ.

ئەرلەر قانداق ئايال كىشىنى كۆڭلىدىن چىقىرۋىتەلمەيدۇ

نۇرغۇن ئاياللارنىڭ ئۆزىنىڭ مۇستەقىل تەپەككۇر بوشلۇقى بار بولۇپ، مۇھەببەت جەھەتتە ھىسياتقا ئۆزىنىڭ ئېڭى بويىچە مۇئامىلە قىلىدۇ؛ بۇ سەۋ

راك كىسەللىكىگە قارشى تۇرىدىغان يىمەكلىكلەر

ئاشقازان راكىنىڭ كۆرۈلىشى، يىمەك-ئىچمەك ئادىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك؛ ئەمىلىيەتتە ئاشقازان راكىلا ئەمەس، چوڭ ئۈچەي راكى، جىگەر راكى، ئاش

دىققەت! بۇ ئەھۋاللارمۇ ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدىگەنگە باراۋەر

لىكىن، بەزى ماشىنا ئىگىلىرى، تەلەي سىناش پىسخىكىسىدا بولۇپ، "ھاراقنى كۆپ ئىچمىدىم، ماشىنا ھەيدىسەم بولىۋىرىدۇ" دەپ قارايدۇ؛ نەتىجىدە،

تاماقتىن كىيىنكى يېرىم سائەت، كۈتۈنۈشتىكى ئالتۇن مەزگىل

تاماقتىن كىيىن 15مىنۇت ئارام ئېلىپ، بەزىبىر يىنىك مۇزىكالارنى ئاڭلاڭ ھەمدە ئازراق چاي ئىچىپ بىرىڭ، ئەمما كۆپ بولۇپ كەتمەسلىكى كېرەك.

ھەقىقىي ئىلمىي ئورۇقلاش ئۈچۈن چوقۇم 90 كۈن قەتئىي داۋاملاشتۇرىمىز

ئادەم تېنىدىكى ياغ ھۈجەيرىسىنىڭ خاتىرىسى بولۇپ، بۇ دەل تېز سۈرئەتتە ئورۇقلاپ بولغاندىن كېيىن ناھايىتى تېز ئەسلىگە كېلىپ قىلىشنىڭ ئاسا

ئادەم نېمىشقا بۇرنىنى كوچىلاشقا ئامراق كېلىدۇ

ئىگىلەشلەرگە ئاساسلانغاندا، %91 ئادەم بۇرنىنى كوچىلايدىكەن؛ قالغان %9 ئادەم بولسا، ھەر نېمە دېگەن بىلەنمۇ بۇرنىنى كوچىلايدىغانلىقىنى ئې

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号