نېمىشقا بەزىلەر شۇنچە كۆپ سۇ ئىچسىمۇ كىچىك تەرىتى قىستىمايدۇ
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 5810:قېتىم كورۇلدى
   ئادەم بىلەن ئادەمنىڭ پەرقى ھەرقايسى جەھەتلەردە گەۋدىلىنىدىغان بولۇپ، ھەتتا ھاجەتكە ئولتۇرۇشمۇ بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەس.
   مەسىلەن، بەزى كىشىلەر شۇنچە كۆپ سۇ ئىچسىمۇ كىچىك تەرىتى قىستىمايدۇ، ئەمما يەنە بەزىلەر ئازراق سۇ ئىچىپ بولغىچە كىچىك تەرىتى قىستاپ كېتىدۇ. ئەمەلىيەتتە، بۇنداق بولۇشنىڭ سەۋەبى ئۇنداق مۇرەككەپ ئەمەس.
   سۈيدۈكنىڭ ئاساسلىق تەركىبى سۇ، ئەمما مىتابولىزىم جەريانىدا، ئۇنىڭغا بەزىبىر مىتابولىزىم ھاسىلاتلىرى قوشۇلۇپ كېتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، سۇ ئىچسەك چوقۇم سۈيدۈك قىستايدۇ، پەقەت ئاز ياكى كۆپلۈك مەسىلىسىلا مەۋجۇت بولىدۇ. ھەربىر ئادەمنىڭ بەدىنىنىڭ مىتابولىزىم سەۋيىسىدە پەرق بار بولغاچقا، سۇ ئىچكەندىن كىيىن دەرھاللا كىچىك تەرىتى قىستاش مەسىلىسىدىمۇ پەرق ساقلىنىدۇ؛ ئادەتتە مىتابولىزىم سۈرئىتى تىز بولغان كىشىلەر، سۇ ئىچىپ بولغۇچە كىچىك تەرىتى قىستاپ كېتىدۇ، ئەكسىچە بولسا قىسقا ۋاقىت ئىچىدە كىچىك تەرىتى قىستىمايدۇ. بىراق، بۇ ئەھۋالدىن ئەنسىرەش كەتمەيدۇ؛ پەقەت سۇ ئىچىپ بولغاندىن كىيىنكى 3-2سائەت ئىچىدە كىچىك تەرەت قىلساق ھەمدە بىر كۈنلۈك سۈيدۈك ئومۇمى مىقدارى 2000مىللىلىتىر ئەتراپىدا بولسىلا، ئەنسىرەشنىڭ ھاجىتى يوق.
   ئەلۋەتتە، سۇ ئىچىپ بولغاندىن كىيىن دەرھال كىچىك تەرەت قىستاش ياكى قىستىماسلىق، يەنە بەدەندە سۇ كەمچىل بولۇش بولماسلىق بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك. كۈز ۋە قىش پەسلىدە، ئەتىياز ۋە ياز پەسلىدىكىگە قارىغاندا ھاۋا تېخىمۇ قۇرغاق بولۇپ، بەدەندە تېخىمۇ ئاسان سۇ كەمچىللىك كېلىپ چىقىدۇ. نۇرغۇن كىشىلەر ئۇسسىغاندىن كىيىن ئاندىن سۇ ئىچىشكە ئادەتلەنگەن بولۇپ، بۇ ۋاقىتتا تۇلۇقلانغان سۇ گەرچە مىتابولىزىمغا قاتناشسىمۇ، ئەمما قىسقا ۋاقىت ئىچىدە سۈيدۈك شەكىللەندۈرمەيدۇ؛ ئەكسىچە، بەدەندە سۇ تەركىبى كەمچىل بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا كۆپ مىقداردا سۇ ئىچسەك، ئارتۇق سۇنىڭ ھەممىسى بىۋاستە سۈيدۈككە ئايلىنىپ كېتىدۇ، سۈيدۈك مىقدارىمۇ تەبىئىيلا كۆپىيىدۇ. ئەگەر سۇ ئىچىپ بولغۇچە كىچىك تەرەت قىستايدىغان ئەھۋالنى ياخشىلايمەن دېسەك، ئەڭ ياخشىسى ھەركۈنى مۇقىم ۋاقىتتا سۇ ئىچىش ئادىتى يىتىلدۈرۈپ، بەدەندە سۇ تەركىبى يىتەرلىك بولۇشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
   بۇندىن باشقا، سۇ ئىچىپ بولغاندىن كىيىن دەرھال كىچىك تەرەت قىستاش ياكى قىستىماسلىق، يەنە ياشنىڭ چوڭ كىچىكلىكى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك، ھەتتا شۇ كۈندىكى يىگەن يېمەكلىكلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئەگەر ھەركۈنلۈك كىچىك تەرەت مىقدارى 2000مىللىلىتىردىن ئېشىپ كەتسە ۋە بىر كۈنلۈك كىچىك تەرەت قېتىم سانى ئون قېتىمدىن ئېشىپ كەتسە، ساغلاملىق جەھەتتىكى مەسىلىلەرنى ئويلىشىپ، ۋاقتىدا تەكشۈرتۈپ  بېقىش لازىم.
    قايسى خىل ئەھۋال بەدەنگە تېخىمۇ زىيانلىق دېگەن مەسىلىگە كەلسەك، بۇنىڭ جاۋابى بەلكىم سىز ئويلىغاندەك چىقماسلىقى مۇمكىن.
  نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە، ئازراق سۇ ئىچىپ بولغۇچە كىچىك تەرەت قىستاپ كەتسە، بۇ بەلكىم مىتابولىزىم زىيادە تىز بولۇپ كېتىش ياكى بۆرەكتە مەسىلە كۆرۈلگەنلىك سەۋەبىدىن بولۇشى، ھەتتا تېخىمۇ ئېغىر بولغان كېسەللىك ھالىتى بولۇپ ھېسابلىنىشى، ئەكسىچە سۇ ئىچكەندىن كىيىنمۇ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە كىچىك تەرەت قىستىماسلىق، نىسبەتەن بىخەتەر ھالەت ھېسابلىنىشى مۇمكىن. ئەمەلىيەتتە بولسا، بۇنداق بولۇشى ناتايىن بولۇپ، سۇنى كۆپ ئىچىپ تۇرۇپمۇ كىچىك تەرەت قىستىمىسا، بەدەنگە تېخىمۇ زىيانلىق بولىدۇ. بەدەندىكى زەھەرلىك ماددىلار ۋە مىتابولىزىم ئەخلەتلىرى، سۈيدۈك ئارقىلىق بەدەن سىرتىغا چىقىرىلىشقا موھتاج، بىز بۇ ئەخلەتلەرنى ۋاقتىدا بەدەن سىرتىغا چىقىرىپ تۇرغان ۋاقتىمىزدىلا، ئاندىن بەدەن ئورگانىزىمىنىڭ نورمال ئايلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلالايمىز. بەدەندە ھېچقانداق ساغلاملىق مەسىلىسى بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا، سۇ ئىچكەندىن كىيىن كىچىك تەرەت كۆپىيىش بەدەنگە تېخىمۇ پايدىلىق بولۇپ، خۇددى بەدەننى بىر قېتىم تازىلاپ چىققانغا ئوخشايدۇ. بۇندىن باشقا، سۈيدۈك كۆپ بولۇش، مىتابولىزىم سۈرئىتىنىڭ تىز ئىكەنلىكىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان بولۇپ، بۇنداق كىشىلەر تېخىمۇ ساغلام كېلىدۇ.
   سۇ، ھاياتلىق مەنبەسى؛ سۇ ئىچكەندىن كىيىن دەرھال كىچىك تەرەت قىستىسۇن ياكى قىستىمىسۇن، سۇ ئىچىشنى ھەرگىز نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدۇ. ئادەتتە، ھەر كۈنى مۇقىم ۋاقىتتا سۇ ئىچىش ئادىتىنى يىتىلدۈرۈپ، سۇ ئىچىش سۈرئىتىمىزنى ئاستىراق قىلىشىمىز، بىر قېتىمدا بەك كۆپ ئىچىۋالماسلىقىمىز كېرەك. ئەڭ ياخشىسى ئەتىگىنى ۋە كەچتە ئۇخلاش ئالدىدا بىر ئىستاكان ئىلمان قايناقسۇ ئىچىپ بەرسەك، بەدەندىكى زەھەرنى ھەيدەپ، ئۇيقۇنى ياخشىلاشقا پايدىلىق بولىدۇ.

ئەرلەر قانداق ئايال كىشىنى كۆڭلىدىن چىقىرۋىتەلمەيدۇ

نۇرغۇن ئاياللارنىڭ ئۆزىنىڭ مۇستەقىل تەپەككۇر بوشلۇقى بار بولۇپ، مۇھەببەت جەھەتتە ھىسياتقا ئۆزىنىڭ ئېڭى بويىچە مۇئامىلە قىلىدۇ؛ بۇ سەۋ

راك كىسەللىكىگە قارشى تۇرىدىغان يىمەكلىكلەر

ئاشقازان راكىنىڭ كۆرۈلىشى، يىمەك-ئىچمەك ئادىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك؛ ئەمىلىيەتتە ئاشقازان راكىلا ئەمەس، چوڭ ئۈچەي راكى، جىگەر راكى، ئاش

دىققەت! بۇ ئەھۋاللارمۇ ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدىگەنگە باراۋەر

لىكىن، بەزى ماشىنا ئىگىلىرى، تەلەي سىناش پىسخىكىسىدا بولۇپ، "ھاراقنى كۆپ ئىچمىدىم، ماشىنا ھەيدىسەم بولىۋىرىدۇ" دەپ قارايدۇ؛ نەتىجىدە،

تاماقتىن كىيىنكى يېرىم سائەت، كۈتۈنۈشتىكى ئالتۇن مەزگىل

تاماقتىن كىيىن 15مىنۇت ئارام ئېلىپ، بەزىبىر يىنىك مۇزىكالارنى ئاڭلاڭ ھەمدە ئازراق چاي ئىچىپ بىرىڭ، ئەمما كۆپ بولۇپ كەتمەسلىكى كېرەك.

ھەقىقىي ئىلمىي ئورۇقلاش ئۈچۈن چوقۇم 90 كۈن قەتئىي داۋاملاشتۇرىمىز

ئادەم تېنىدىكى ياغ ھۈجەيرىسىنىڭ خاتىرىسى بولۇپ، بۇ دەل تېز سۈرئەتتە ئورۇقلاپ بولغاندىن كېيىن ناھايىتى تېز ئەسلىگە كېلىپ قىلىشنىڭ ئاسا

ئادەم نېمىشقا بۇرنىنى كوچىلاشقا ئامراق كېلىدۇ

ئىگىلەشلەرگە ئاساسلانغاندا، %91 ئادەم بۇرنىنى كوچىلايدىكەن؛ قالغان %9 ئادەم بولسا، ھەر نېمە دېگەن بىلەنمۇ بۇرنىنى كوچىلايدىغانلىقىنى ئې

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号