قان بېسىم 130دىن ئېشىپ كەتسە دورا ئىچىش كېرەكمۇ؟
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 8941:قېتىم كورۇلدى
   يېڭى نۇسخىدىكى يۇقىرى قان بېسىم كۆرسەتمىسىدە، يۇقىرى قان بېسىمىنىڭ ئۆلچىمىنى  يۇقىرىسى 130غا، تۆۋىنى بولسا 80گە تەڭ ياكى چوڭ دەپ بىكىتكەندىن كېيىن، نۇرغۇن كىشىلەر دوختۇرخانىغا كىلىپ، قان بېسىمى 130 بىلەن 140 ئارىسىدا چىقسا، قان بېسىم چۈشۈرۈش دورىسى ئىچىش لازىم بولىدىغان ياكى بولمايدىغانلىقى ھەققىدە مەسلىھەت سورىغان.
   ئەمەلىيەتتە، قان بېسىمى بىر خىل فىزىلوگىيلىك كۆرسەتكۈچ بولۇپ، بىز بۇ سانلىق قىممەتكە ئەھمىيەت بىرىشىمىز كېرەك، ئەمما ئۇنىڭغا ھەددىدىن زىيادە كۆڭۈل بۆلۈپ كەتمىسەكمۇ بولىدۇ.
   قان بېسىمىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلىشى، بىزگە بەدىنىمىزدە بىنورماللىق كۆرۈلگەنلىكى ھەققىدە ئەسكەرتىش بەرگەنلىك بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
   ئادەتتە، تارىيىش بېسىمى 140-130 ئارىسىدا، كېڭىيىش بېسىمى 89-80ئارىسىدا بولغان كىشىلەرنىڭ ئەھۋالىنى، ئىككىگە بۆلۈپ ئانالىز قىلىشقا توغرا كېلىدۇ:
   بىرىنچىسى، ئۆز بەدىنىدىكى خەتەر سەۋىيەسىگە ئاساسەن ھۆكۈم قىلىش. مەسىلەن، بەزى كىشىلەر تاماكا چىكىدۇ ۋە ھاراق ئىچىدۇ، ياكى قاننىڭ ماي ۋە قەنت تەركىبى يۇقىرى بولىدۇ، ۋە ياكى تاجىسىمان يۈەك كېسەللىكى بار بولىدۇ؛ بۇ خىلدىكى كىشىلەرگە نىسبەتەن، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئارىلىشىش لازىم بولىدۇ. دۆلىتىمىزنىڭ يۇقىرى قان بېسىمى كۆرسەتمىسىدە، تاجىسىمان يۈرەك كېسەللىكى، دىئابىت كېسەللىكى ۋە يۈرەك زەئىپلىشىش كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغان كىشىلەرنىڭ، ئۆزىنىڭ قان بېسىمىنى 130دىن تۆۋەن ھالەتتە ساقلىشى تەۋسىيە قىلىنىدۇ؛ ئەگەر تۇرمۇش ئۇسۇلىدا تەڭشەش ئارقىلىق قان بېسىمىنى چۈشۈرگىلى بولمىسا، ئۇنداقتا دورا ئىچىش ئارقىلىق چۈشۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ.
   ئىككىنچىسى، كۆپ قاتلاملىق خەتەر ئامىللىرى ۋە ئەگەشمە كېسەللىكلىرى بولمىغانلار، يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكىگە گىرىپتار بولۇش خەتىرى تۆۋەن بولغان كىشىلەر توپى قاتارلىقلار، كۈندىلىك تۇز ۋە ئىنىرگىيە قوبۇل قىلىش مىقدارىنى كونترول قىلىش، ھەرىكەت قىلىشنى كۈچەيتىش، روھى بېسىم يۈكىنى يىنىكلىتىش قاتارلىق تۇرمۇش ئۇسۇللىرى ئارقىلىق داۋالاش قىلسا ياكى ئالدىنى ئېلىش چارىلىرىنى قوللىنىش ئارقىلىق قان بېسىمىنى ياخشىلىسا بولىدۇ، دورا ئىچىشكە ئالدىرمىسىمۇ بولىدۇ.
   ئەگەر ئۆيىمىزدە تۇنجى قېتىم قان بېسىمىنى ئۆلچىگەن بولساق، ئۇنداقتا ئۇدا بىر ھەپتە، ھەركۈنى تىنچى ھالەتتە ئەتىگىنى ئىككى قېتىم، كەچتە ئىككى قېتىم ئۆلچەپ، ئوتتۇرىچە قىممەتنى ئالساق بولىدۇ.
   ئەگەر قان بېسىمىمىز تۇراقلىق ھالەتتە بولسا، ئۇنداقتا ھەر ھەپتىسى ئۆيدە بىر قېتىم ياكى ئىككى كۈندە بىر قېتىم ئۆلچەپ تۇرساق بولىدۇ.
   دۆلىتىمىزنىڭ يۇقىرى قان بېسىمىغا تەۋە بولىدىغان ئۆلچەم، يەنىلا يۇقىرىسى 140تىن، تۆۋىنى 90دىن يۇقىرى بولۇشنى ئاساس قىلىدۇ؛ ئادەتتە، بەرداشلىق بىرىشكە بولغان ئەھۋال ئاستىدا، قان بېسىمنى تۆۋەنرەك ساقلىساق، بەدەنگە تېخىمۇ پايدىلىق بولىدۇ.
   بىراق، ياشانغان يۇقىرى قان بېسىمى بىمارلىرىغا نىسبەتەن، ئەگەر كۆپ خىل قان بېسىمىنى چۈشۈرۈش دورىلىرىنى ئىشلەتكەندىن كېيىنمۇ يەنىلا قان بېسىمىنى چۈشۈرگىلى بولمىسا،  ئادەتتە يۇقىرى قان بېسىمىنى 150 ئەتراپىدا كونتىرول قىلساق، بۇنىمۇ قوبۇل قىلىشقا بولىدۇ.

ئەرلەر قانداق ئايال كىشىنى كۆڭلىدىن چىقىرۋىتەلمەيدۇ

نۇرغۇن ئاياللارنىڭ ئۆزىنىڭ مۇستەقىل تەپەككۇر بوشلۇقى بار بولۇپ، مۇھەببەت جەھەتتە ھىسياتقا ئۆزىنىڭ ئېڭى بويىچە مۇئامىلە قىلىدۇ؛ بۇ سەۋ

راك كىسەللىكىگە قارشى تۇرىدىغان يىمەكلىكلەر

ئاشقازان راكىنىڭ كۆرۈلىشى، يىمەك-ئىچمەك ئادىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك؛ ئەمىلىيەتتە ئاشقازان راكىلا ئەمەس، چوڭ ئۈچەي راكى، جىگەر راكى، ئاش

دىققەت! بۇ ئەھۋاللارمۇ ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدىگەنگە باراۋەر

لىكىن، بەزى ماشىنا ئىگىلىرى، تەلەي سىناش پىسخىكىسىدا بولۇپ، "ھاراقنى كۆپ ئىچمىدىم، ماشىنا ھەيدىسەم بولىۋىرىدۇ" دەپ قارايدۇ؛ نەتىجىدە،

تاماقتىن كىيىنكى يېرىم سائەت، كۈتۈنۈشتىكى ئالتۇن مەزگىل

تاماقتىن كىيىن 15مىنۇت ئارام ئېلىپ، بەزىبىر يىنىك مۇزىكالارنى ئاڭلاڭ ھەمدە ئازراق چاي ئىچىپ بىرىڭ، ئەمما كۆپ بولۇپ كەتمەسلىكى كېرەك.

ھەقىقىي ئىلمىي ئورۇقلاش ئۈچۈن چوقۇم 90 كۈن قەتئىي داۋاملاشتۇرىمىز

ئادەم تېنىدىكى ياغ ھۈجەيرىسىنىڭ خاتىرىسى بولۇپ، بۇ دەل تېز سۈرئەتتە ئورۇقلاپ بولغاندىن كېيىن ناھايىتى تېز ئەسلىگە كېلىپ قىلىشنىڭ ئاسا

ئادەم نېمىشقا بۇرنىنى كوچىلاشقا ئامراق كېلىدۇ

ئىگىلەشلەرگە ئاساسلانغاندا، %91 ئادەم بۇرنىنى كوچىلايدىكەن؛ قالغان %9 ئادەم بولسا، ھەر نېمە دېگەن بىلەنمۇ بۇرنىنى كوچىلايدىغانلىقىنى ئې

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号