گازىر بىلەن خاسىڭنىڭ بىرسى ئۇرۇقلىتىدۇ بىرسى سەمىرتىدۇ
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 5872:قېتىم كورۇلدى
   ئۆيدە ئارام ئالغاچ تېلىۋىزور كۆرگەن ۋاقىتلىرىمىزدا، گازىر ياكى خاسىڭ، بىزنىڭ ئەڭ ياخشى ھەمراھىمىزغا ئايلىنىدۇ. گازىر بىلەن خاسىڭ نۇرغۇن ئۆيلەردە زاپاس ساقلىنىدىغان ئۇششاق يېمەكلىك بولۇپ، بىزنىڭ بوش ۋاقىتلىرىمىزنى زىرىكمەي ئۆتكۈزۈشىمىزگە ياردەمچى بولالايدۇ.
   لېكىن، ئۇرۇقلاۋاتقان دوستلارغا نىسبەتەن، گازىر بىلەن خاسىڭنى خالىغانچە ئىستىمال قىلىشقا بولمايدۇ؛ چۈنكى، بۇ ئىككىسىنىڭ ئىچىدىكى بىرسى ئادەمنى ئۇرۇقلىتىدۇ، ئەمما يەنە بىرسى ئادەمنى سەمىرتىپ قويىدۇ. ئۇرۇقلاۋاتقان دوستلار بۇنى ۋاقتىدا بېلىۋېلىشى كېرەك.
   گازىر بىلەن خاسىڭنى ئاددىي چاغلاپ قالماڭ، بۇ ئىككى خىل يېمەكلىكنىڭ ھەر ئىككىسىدىن ياغ چەككىلەپ ئېلىشقا بولىدۇ. گازىر بىلەن خاسىڭ ئارىسىدا، گازىرنىڭ ئۇزۇقلۇق تەركىبى نىسبەتەن مول بولۇپ، ياغ تەركىبلىرى تېخىمۇ يۇقىرى، شۇڭا ئۇ يۇقىرى ئېنىرگىيەلىك يېمەكلىككە تەۋە؛ ھەر 100گىرام گازىر مېغىزى تەركىبىدە، 50گىرام ياغ تەركىبى بار بولۇپ، بۇ مىقدار، ئادەم بەدىنى بىر كۈندە ئىھتىياجلىق بولىدىغان ياغ تەركىبى مىقدارىدىن ئېشىپ كېتىدۇ. لىكىن بىز ئادەتتە، بىردەم ئولتۇرۇپ چاققان گازىر، 100گىرامدىن خېلىلا ئېشىپ كېتىدۇ.
   ئۇنىڭ ئۈستىگە، بەزى تىجارەتچىلەر گازىر مېغىزىنى تېخىمۇ تەملىك قىلىپ خېرىدار جەلپ قىلىش ئۈچۈن، گازىر مېغىزىغا شىكەر ياكى باشقا ماددىلارنى قوشۇۋىتىدۇ، بۇنىڭدا گازىرنىڭ ياغ تەركىبى تېخىمۇ يۇقىرىلاپ كېتىدۇ؛ بۇنىڭغا كۈندە يەيدىغان ئۈچ ۋاخ تامىقىمىزدىن قوبۇل قىلىدىغان ئېنىرگىيە قوشۇلسا، بەدەن ئېغىرلىقىمىز تەبىئىيلا ئېشىپ كېتىدۇ.
   لېكىن، خاسىڭ گازىرغا ئوخشىمايدۇ. خاسىڭ تەركىبىدە كۆپ خىل تويۇنمىغان ياغ كىسلاتالىرى بار بولۇپ، خاسىڭنى كۆپرەك يەپ بەرگەندە، بەدەندىكى ئېنىرگىيەنىڭ تارقىلىشى ۋە ياغلارنىڭ كۈيۈپ خورىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە، خاسىڭ تەركىبىدىكى تويۇنمىغان ياغ كىسلاتالىرى، بەدەندىكى خولىستىرىننىڭ ئاجرىلىپ پارچىلىنىشىنى ۋە بەدەن سىرتىغا چىقىرۋېتىلىشىنى تىزلىتىدۇ. بۇندىن باشقا، خاسىڭ تەركىبىدە يەنە كۆپ خىل تالا ماددىلىرى بار بولۇپ، ئۈچەيدىكى ئەخلەتلەرنى تازىلاپ ئۇرۇقلاشقا پايدىلىق بولىدۇ.
   ئۇرۇقلايمەن دېسەك، تۇرمۇشتا يېمەك-ئىچمەك جەھەتتە دىققەت قىلغاندىن باشقا، يەنە ھەركۈنى مۇۋاپىق تۈردە ھەرىكەتلىنىپ چېنىقىش كېرەك؛ بۇنىڭدا، بەدەن مىتابولىزىمىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بەدەندىكى ياغلارنىڭ كۈيۈپ خورىشىنى ۋە ئاجرىشىلىپ پارچىلىنىشىنى تىزلىتىپ، تىز سۈرئەتتە ئۇرۇقلىغىلى بولىدۇ.

ئەرلەر قانداق ئايال كىشىنى كۆڭلىدىن چىقىرۋىتەلمەيدۇ

نۇرغۇن ئاياللارنىڭ ئۆزىنىڭ مۇستەقىل تەپەككۇر بوشلۇقى بار بولۇپ، مۇھەببەت جەھەتتە ھىسياتقا ئۆزىنىڭ ئېڭى بويىچە مۇئامىلە قىلىدۇ؛ بۇ سەۋ

راك كىسەللىكىگە قارشى تۇرىدىغان يىمەكلىكلەر

ئاشقازان راكىنىڭ كۆرۈلىشى، يىمەك-ئىچمەك ئادىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك؛ ئەمىلىيەتتە ئاشقازان راكىلا ئەمەس، چوڭ ئۈچەي راكى، جىگەر راكى، ئاش

دىققەت! بۇ ئەھۋاللارمۇ ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدىگەنگە باراۋەر

لىكىن، بەزى ماشىنا ئىگىلىرى، تەلەي سىناش پىسخىكىسىدا بولۇپ، "ھاراقنى كۆپ ئىچمىدىم، ماشىنا ھەيدىسەم بولىۋىرىدۇ" دەپ قارايدۇ؛ نەتىجىدە،

تاماقتىن كىيىنكى يېرىم سائەت، كۈتۈنۈشتىكى ئالتۇن مەزگىل

تاماقتىن كىيىن 15مىنۇت ئارام ئېلىپ، بەزىبىر يىنىك مۇزىكالارنى ئاڭلاڭ ھەمدە ئازراق چاي ئىچىپ بىرىڭ، ئەمما كۆپ بولۇپ كەتمەسلىكى كېرەك.

ھەقىقىي ئىلمىي ئورۇقلاش ئۈچۈن چوقۇم 90 كۈن قەتئىي داۋاملاشتۇرىمىز

ئادەم تېنىدىكى ياغ ھۈجەيرىسىنىڭ خاتىرىسى بولۇپ، بۇ دەل تېز سۈرئەتتە ئورۇقلاپ بولغاندىن كېيىن ناھايىتى تېز ئەسلىگە كېلىپ قىلىشنىڭ ئاسا

ئادەم نېمىشقا بۇرنىنى كوچىلاشقا ئامراق كېلىدۇ

ئىگىلەشلەرگە ئاساسلانغاندا، %91 ئادەم بۇرنىنى كوچىلايدىكەن؛ قالغان %9 ئادەم بولسا، ھەر نېمە دېگەن بىلەنمۇ بۇرنىنى كوچىلايدىغانلىقىنى ئې

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号