ئاچچىق يەپ ئېغىزىڭىز ئېچىشىپ قالغاندا، بۇ ئۇسۇلنى سىناپ بېقىڭ
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 5820:قېتىم كورۇلدى
   مەن، ئاچچىق يېمەكلىكلەرنى ياخشى كۆرىدىغان بىر ئادەم؛ مىنىڭ نەزىرىمدىكى، مەززىلىك تائامغا نىسبەتەن، پەقەت ئىككىلا تەلەپ بار: بىرسى تۇز، يەنە بىرسى چوقۇم ئاچچىق بولۇش. مەيلى قانداق يېمەكلىك بولمىسۇن، بۇ ئىككى نۇقتىنى ئەمەلگە ئاشۇرالىسىلا، چوقۇم مەززىلىك تائام تەييارلاشقا بولىدۇ، شۇڭا مەن، ئاچچىق يېمەكلىكلەرنى ئالاھىدە ياخشى كۆرىمەن.

   تۇرمۇشتا ھەرخىل ئاچچىق يېمەكلىكلەر بار، ئاچچىق ئۇششاق يېمەكلىكلەرمۇ ئاز ئەمەس؛ بەزى يېمەكلىكلەرنىڭ ئاچچىقلىقىدىن، ئېغىزىڭىز ئېچىشىپ كۆزلىرىڭىزدىن ياش چىقىپ كېتىدۇ. بۇنداق ۋاقىتتا، ئېغىزدىكى ئاچچىقنى پەسەيتىش ھەقىقەتەن مۇھىم. بۇنداق ئەھۋالدا، نۇرغۇن كىشىلەر سۇ ئىچىشنى تاللايدۇ، ئەمما سۇ ئىچىش راستتىنلا ئېغىز ئېچىشىشنى پەسەيتەلەمدۇ؟
   بەزى كىشىلەر، سوغۇق مىنېرالنى سۇ ئىچسەك، ئېغىزىمىزنىڭ ئېچىشىشى ئوڭشىلىدۇ دەپ قارايدۇ؛ لېكىن، مىنېرالنى سۇ ئاچچىقنى باسالمايلا قالماي، ئۇ يەنە ئاچچىق تەمنى ئېغىز بوشلۇقىمىزدىن كانىيىمىزغا ئېلىپ كىرىپ، كاناي قىسىممۇ ئېچىشىپ كېتىدۇ. يەنە بەزىلەر پىۋا ئاچچىقنى باسىدۇ دەيدۇ، لېكىن بۇ قەتئىي قاملاشمىغان بىر خىل قاراش.

   مېۋە شەربىتى ئارقىلىق ئاچچىقنى باسقاندا، بەلكىم ئۈنۈمى نىسبەتەن ياخشىراق بولۇشى مۇمكىن؛ چۈنكى مېۋە شەربىتى بىرقەدەر تاتلىق بولغاچقا، ئاچچىق تەمنى نىتراللاشتۇرالىشى مۇمكىن. سوغۇق ساقلانغان ئىچىملىك، ئېغىزىمىزنىڭ ئېچىشىشىنى ۋاقىتلىق پەسەيتەلەيدۇ، چۈنكى مۇزدەك سوغۇق تۇيغۇ، تىلىمىزنىڭ بىردەملىك سەزگۈنى يوقىتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؛ لېكىن بۇنداق ئەھۋالدا، ئاشقازان ھەم ئاچچىق يېمەكلىكنى ھەم مۇزدەك سوغۇق ئىچىملىكنى قوبۇل قىلسا، ئاشقازان بۇنى كۆتۈرەلەمدۇ؟
   شۇڭا، ئاچچىق يەپ ئېغىز بەك ئېچىشىپ كەتكەندە، ئاچچىقنى پەسەيتىشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى، كالا سۈتى ئىچىش؛ ئەڭ ياخشىسى تىمپىراتۇرسى قولىمىزنىڭ تىمپىراتۇرسى بىلەن كۆپ پەرقلىنىپ كەتمەيدىغان بولۇشى كېرەك، بۇنىڭدا ئاچچىقنى پەسەيتىپلا قالماي، ئاشقازانغىمۇ زىيانلىق تەسىر كۆرسەتمەيدۇ. ئەلۋەتتە، ئەگەر سىز ئاچچىقسۇغا كۆنەلىسىڭىز، ئاچچىقسۇ ئىچىپ بەرسىڭىزمۇ، ئېغىز ئېچىشىشنى پەسەيتەلەيدۇ.

كەچتە ئالما يىيىش ئاشقازانغا زىيانلىقمۇ

ئالما، تۇرمۇشىمىزدا كۆپ ئۇچرايدىغان مىۋىلەرنىڭ بىرى؛ ئۇنىڭ ئۇزۇقلۇق قىممىتى ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپ، بەدەنگە ئىھتىياجلىق بولغان ۋىيتام

نامراتلىشىپ كەتكەنسىرى بۇ ئىككى خىل ئادەتنى يىتىلدۈرۈڭ

سىز ئەتىگىنى ئورنىڭىزدىن تۇرۇپ بولالماي كارۋاتتا بىردەم يېتىۋالماقچى بولۇۋاتقاندا، خىزمەت مەيدانىدىكى قابىللار ئاللىبۇرۇن قەھۋە ئىچك

دۆلىتىمىزدىكى تۇنجى "تۈكلۈك ئوغۇل" توي قىلدى

بۇيىل 42ياشقا كىرىپ قالغان يۈ جېنخۇەن، مىكروبىلوگدا ئۆزىنىڭ توي خەۋرىنى ئېلان قىلىپ، ئايالى بىلەن ئىككىسىنىڭ تويلىشىش گۇاھنامىسىنىڭ رە

ئەر-خوتۇنلار بۇ ئۈچ نەرسىنى ئورتاق بەھىرلىنىپ باقمىغان بولسا

ھازىرقى مۇھەببەت، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ تۈرتكىسى ئاستىدا، رېتىمى تەدرىجى ھالدا تىزلىشىپ كەتتى. نۇرغۇن ياش ئەر-خوتۇنلار، ھېچقانچىلىك

قايتا تويلاشقان ئائىلىلەردىكى مەخپىيەتلىك

بىز بۈگۈن تىلغا ئېلىپ ئۆتمەكچى بولغان مەزمۇن: قايتا تويلاشقانلار قۇرۇپ چىققان ئائىلىلەردىكى مەخپىيەتلىكنى، تۇنجى توي قىلىپ ئائىلە قۇر

دۇفۇنىڭ بۇ خىل تەييارلاش ئۇسۇلىنى بىر مىنۇتتا ئۆگىنىۋالالايسىز

دۇفۇ، ئەڭ ئەرزان بولغان بىر خىل كالتسى تۇلۇقلاش ماتىريالى بولۇپ، كۈندىلىك تۇرمۇشتا ھەمىشە ئىستىمال قىلىپ تۇرىمىز؛ بۇندىن باشقا، دۇفۇنى

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号