ئەر كىشىنى پۈتۈنلەي ئۆزىڭىزگە قارىتىۋىلىشنىڭ ئۇسۇلى
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 6292:قېتىم كورۇلدى
   ئايال كىشى، ئەگەر جۆرىسىنى ماڭا قارىتا مەڭگۈ قىزىقىش تۇيغۇسىدا بولۇپ يىڭىلىق تۇيغۇسىنى ساقلىسۇن دىسەم ئۇنداقتا ئاشىق-مەشۇقلار ئارىلىشىش تاكتىكىلىرىنى بىلىشى، ئازراق ۋاستىلەرنى قوللىنىپ، ئۆزىنى مەڭگۈ مەغلۇپ بولمايدىغان ئورۇنغا قويۇشى كىرەك.
   تۆۋەندە بىز، ئەركىشىنى پۈتۈنلەي ئۆزىڭىزگە قارىتىۋىلىشنىڭ ئۇسۇللىرى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتەيلى!
ئۇنىڭ تەلەپلىرىنىڭ ھەممىنى قانائەتلەندۈرمەسلىك
   توي قىلغاندىن كىيىن، نۇرغۇن ئاياللار قارشى تەرەپنى چوڭقۇر ياخشى كۆرگەنلىكى سەۋەبىدىن ئىرىنىڭ سىزىغىدىن چىقماي، يۇۋاشلىق ۋە گەپ ئاڭلاش بىلەن ئىرىنىڭ كۆڭلىنى تۇتۇپ قالماقچى بولىدۇ. بۇ خىل ئاياللارنىڭ سېغىز لايدىن پەرقى يوق بولۇپ، ئەركىشى ئۇلارنىڭ قانداق بولۇشىنى ئۈمىد قىلسا، ئۇلار ئۆزىنى شۇنداق ھالەتكە ئۆزگەرتىدۇ.
   بۇ خىل ئۆزلۈكسىز تۈردە ئۆزىنى ئۆزگەرتىش ئۇسۇلى، قارىماققا ناھايىتى ئۈنۈملۈكتەك قىلىدۇ؛ بىراق، سىز قانچە كۆپ ئۆزگىرىش قىلغانسىرى، ئائىلىدىكى ئورنىڭىز شۇنچە تۆۋەن بولۇپ كىتىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا، سىز ئۆزىڭىزنىڭ قەدىر-قىممىتىنى تۆۋەنلىتىپ ھېچنىمىگە يارىمايدىغان بولغان ۋاقىتتا، قايسى بىر ئەركىشى سىز ئۈچۈن چىن مۇھەببىتىنى بېغىشلاشنى خالىسۇن دەيسىز؟
   ئايال كىشى شۇنى چۈشىنىپ يىتىشى كىرەككى، ئەگەر ئىرىڭىزنىڭ كۆڭلىنى تۇتۇپ قالىمەن دىسىڭىز، ئۇنداقتا ھەممە ئىشتا ئۇنىڭ دىگىنىگە كۆنۈشكە، ھەر قېتىمدا ئۇنىڭ تەلىۋىنى قانائەتلەندۈرۈشكە بولمايدۇ. سىزنىڭ مۇستەقىل خارەكتىرىڭىز ۋە پىرىنسىپنى قەتئى ساقلاش پوزۇتسىيىڭىز، نەپىس كەلگەن چىرايغا قارىغاندا ئەركىشىنى تېخىمۇ بەكرەك جەلپ قىلىدۇ.
ئۇچۇرىنى شۇھامان قايتۇرماسلىق
   ئۈندىداردا پاراڭلىشىش، بىز ئۈچۈن ئىنتايىن نورمال بىر ئىش؛ قارىماققا ئاددى بولغان كۈندىلىك پىكىر ئالماشتۇرۇشلاردىن، ئۇنىڭ سىزنى ياخشى كۆرىدىغان ياكى كۆرمەيدىغانلىقىنى بىلىۋىلىشقا بولىدۇ.
   مەسىلەن، بەزى ئاياللار جۆرىسى ئەۋەتكەن ئۇچۇرنى كۆرسە، خۇشاللىقىدىن قولىدىكى ئىشنىمۇ تاشلاپ قويۇپ، دەرھال ئۇچۇر قايتۇرۇشقا كىرىشىدۇ. بىراق، ئەگەر سىزنىڭ شۇ ھامان ئۇچۇر قايتۇرۇش قېتىم سانىڭىز كۆپەيگەنسىرى، ئەركىشىنى سىزنىڭ بۇ خىل ھالىتىڭىزدىن، ئۆزىنىڭ سىزنىڭ قەلبىڭىزدىكى ئورنىنى بىلىۋالالايدۇ.
   ئۇ، سىزنىڭ ئۇنىڭدىن ئايرىلالماس بولۇپ قالغانلىقىڭىزنى بايقىغان ۋاقىتتا، ئۇ سىزنى ئۇنچە مۇھىم بىلمەيدىغان بولۇپ قالىدۇ ھەمدە سىزگە بەك ئىتىبار بىلەن قارىمايدىغان بولۇپ قالىدۇ. چۈنكى ئۇ كۆڭلىدە، مەيلى قانداقلا خاتالىق ئۆتكۈزمىسۇن، سىزنىڭ ھامان ئۇنى كەچۈرۋىتىدىغانلىقىڭىزغا ئىشىنىدۇ.
   سىزنىڭ زىيادە ئامراقلىق كۆرسىتىشىڭىز ھەمدە زىيادە ئىتىبار بىلەن قاراشنى ئىپادىلىشىڭىز، ئەركىشىنى كۆڭلىدە قورقۇنچىسى يوق قىلىپ قويىدۇ، سىزمۇ ئۇنىڭ چىن مۇھەببىتىگە ئىرىشەلمەيسىز.
ئۇچرىشىش تەكلىۋىگە ئاسانلىقچە ماقۇل بولماسلىق
   مۇھەببەتلىشىش مەزگىلىدە، ئۇچرىشىشقا چىقىش، ئاشىق-مەشۇقلارنىڭ دائىملىق كۈنتەرتىپىنىڭ بىرى. مۇھەببەتلەشكەن دەسلەپكى مەزگىللەردە، ئەركىشى كۆپىنچە ئىنتايىن كۈچلۈك بولغان سەۋرچانلىق ۋە قىزىقىش تيغۇسىنى ئىپادىلەيدىغان بولۇپ، سىزنى تىز سۈرئەتتە چۈشىنىشنى ئارزۇ قىلىدۇ، شۇڭا سىزنى توختىماستىن ئۇچرىشىشقا تەكلىپ قىلىدۇ.
   ئەر كىشىنىڭ ئۇچرىشىش تەكلىۋىگە قارىتا، ئايال كىشى ئەڭ ياخشىسى تارتىنىش ھالىتىنى ساقلاپ، ھەرقېتىمدا ماقۇل كىلىۋەرمەسلىكى كىرەك. ئەگەر سىز ھەر قېتىمدا ماقۇل بولۇپ ئۇچرىشىشقا چىقسىڭىز، ئەركىشى رومانتىكىلىق جەھەتتە ۋە ئىنچىكە نوقتىلاردا كۆپ زىھنىنى سەرپ قىلمايدۇ؛ چۈنكى، ئۇ بۇ ۋاقىتتا، سىزنى قولغا كەلتۈرمەك ئاسانكەن دەپ ئويلاپ قالغان بولىدۇ.
   ئۇ سىزنى ئون قېتىم ئۇچرىشىشقا تەكلىپ قىلسا، سىز بەش ئالتە قېتىم ماقۇل بولۇپ، قالغان تۆت بەش قېتىمدا، ئالدىراشلىقنى باھانە قىلىپ ئۇنى رەت قىلىشىڭىز كىرەك. سىز رەت قىلىشنى بىلگىنىڭىزدە، ئەركىشى سىزگە سۇغۇق مۇئامىلە قىلىش ئەمەس، ئەكسىچە سىزگە تېخىمۇ ئىتىبار بىلەن قارايدىغان بولىدۇ.
   يۇقارقىلارنى ئومۇملاشتۇرغاندا، ئەركىشىنىڭ كۆڭلىنى پۈتۈنلەي ئۆزىگە قارىتىۋىلىشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى، ئۇنىڭغا سۇغۇقراق مۇئامىلە قىلىش، بەك پەرۋا قىلىپ كەتمەسلىكتۇر.
   ئايال كىشى، ئۆزىنىڭ بۇ بۆلەك مۇھەببەت جەريانىدا قانداق ئورۇندا تۇرۋاتقانلىقىنى، ئەركىشىنىڭ قەدىرلىشىگە ئىرىشەلىش ياكى ئىرىشەلمەسلىكنىڭ، پۈتۈنلەي ئايال كىشىنىڭ ئۆزىگە باغلىق ئىكەنلىكىنى چۈشىنىپ يىتىشى كىرەك. سىز ئەركىشىنىڭ كۆڭلىنى ئۆزىڭىزگە قارىتىشنى ئويلىغان ئىكەنسىز، ئۇنداقتا مۇۋاپىق تۈردە تارتىنچاق بولۇشنى ۋە ئۆزىڭىزنى تۇتۇۋىلىشنى بىلىپ، ئۇنىڭغا پىسەنت قىلماسلىققا توغرا كەلگەندە، ئالدى بىلەن ئۆزىڭىزنى ياخشى تۇتۇۋىلىشنى بىلىشىڭىز كىرەك.

كەچتە ئالما يىيىش ئاشقازانغا زىيانلىقمۇ

ئالما، تۇرمۇشىمىزدا كۆپ ئۇچرايدىغان مىۋىلەرنىڭ بىرى؛ ئۇنىڭ ئۇزۇقلۇق قىممىتى ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپ، بەدەنگە ئىھتىياجلىق بولغان ۋىيتام

نامراتلىشىپ كەتكەنسىرى بۇ ئىككى خىل ئادەتنى يىتىلدۈرۈڭ

سىز ئەتىگىنى ئورنىڭىزدىن تۇرۇپ بولالماي كارۋاتتا بىردەم يېتىۋالماقچى بولۇۋاتقاندا، خىزمەت مەيدانىدىكى قابىللار ئاللىبۇرۇن قەھۋە ئىچك

دۆلىتىمىزدىكى تۇنجى "تۈكلۈك ئوغۇل" توي قىلدى

بۇيىل 42ياشقا كىرىپ قالغان يۈ جېنخۇەن، مىكروبىلوگدا ئۆزىنىڭ توي خەۋرىنى ئېلان قىلىپ، ئايالى بىلەن ئىككىسىنىڭ تويلىشىش گۇاھنامىسىنىڭ رە

ئەر-خوتۇنلار بۇ ئۈچ نەرسىنى ئورتاق بەھىرلىنىپ باقمىغان بولسا

ھازىرقى مۇھەببەت، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ تۈرتكىسى ئاستىدا، رېتىمى تەدرىجى ھالدا تىزلىشىپ كەتتى. نۇرغۇن ياش ئەر-خوتۇنلار، ھېچقانچىلىك

قايتا تويلاشقان ئائىلىلەردىكى مەخپىيەتلىك

بىز بۈگۈن تىلغا ئېلىپ ئۆتمەكچى بولغان مەزمۇن: قايتا تويلاشقانلار قۇرۇپ چىققان ئائىلىلەردىكى مەخپىيەتلىكنى، تۇنجى توي قىلىپ ئائىلە قۇر

دۇفۇنىڭ بۇ خىل تەييارلاش ئۇسۇلىنى بىر مىنۇتتا ئۆگىنىۋالالايسىز

دۇفۇ، ئەڭ ئەرزان بولغان بىر خىل كالتسى تۇلۇقلاش ماتىريالى بولۇپ، كۈندىلىك تۇرمۇشتا ھەمىشە ئىستىمال قىلىپ تۇرىمىز؛ بۇندىن باشقا، دۇفۇنى

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号