بۇ تائامنى يەپ توقسان جىڭغا چۈشۈپ قالسىڭىز، ئىگىسى مەن ئەمەس
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 5863:قېتىم كورۇلدى
  كۇلى بىھىسىنىڭ(木瓜) ئەزەلدىن "پايدىلىق مىۋىلەر شاھى" دىگەن نامى بار؛ ئۇنىڭ تەمى ياخشى بولۇش بىلەن بىرگە يىمەكلىك ئارقىلىق داۋالاش ئۈنۈمىگە ئىگە بولۇپ، بولۇپمۇ ئاياللارغا قارىتا ھۆسىن گۈزەل لەشتۈرۈش رولىنى ئوينايدۇ. ئاق قېرىنقولاق بولسا، "ئومۇمى خەلق يەنۋوسى(平民燕窝)" دىگەن نامغا ئىگە. ئۇنداقتا، كۇلى بىھىسى بىلەن ئاق قېرىنقولاقتىن بىللە تائام تەييارلانسا، زادى قانداق بولىدىغاندۇ؟
كىتەرلىك ماتىريال
  
 كۇلى بىھىسى، ئاق قېرىنقولاق، چىلان، قىزىل شىكەر، ناۋات
تەييارلاش ئۇسۇلى
   1. ئاق قېرىنقولاقنى ئالدىنئالا سۇغا بىر سائەت چىلاپ قويۇش كىرەك.
   2. چىلاپ تەييار قىلىنغان ئاق قېرىنقولاقنىڭ، سېرىق رەڭلىك تۈۋى قىسمىنى ئېلىۋىتىمىز.
   3. قازان ئېسىپ ئاق قېرىنقولاقنى سېلىپ، ئۈستىگە قايناقسۇ قۇيىمىز ھەمدە چىلان ۋە قارا شىكەرنى سالىمىز؛ تاتلىقلىق دەرىجىسىنى ئۆزىڭىزنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئاساسەن بەلگىلىسىڭىز بولىدۇ.
   4. يىڭى كۇلى بىھىسىنى پاكىزە يۇيۇپ ئۇرۇغىنى ئېلىۋەتكەندىن كىيىن، 5مىللىمىتىر قېلىنلىقتا ياپراقچە ھالىتىدە توغرىۋالىمىز.
   5. توغرالغان كۇلى بىھىسىنى، سۈيى قويۇلۇپ تەييار بولغان قازانغا سالىمىز.
   6. كۇلى بىھىسىنى سالغاندىن كىيىن، بەك ئۇزۇن قايناتمىساقمۇ بولىدۇ؛ شۇڭلاشقا، ئاق قېرىنقولاق ئۆزىمىز ياقتۇرىدىغان دەرىجىدە پىشقان ۋاقىتتا، ئاندىن كۇلى بىھىسىنى سېلىش كىرەك.
   7. كۇلى بىھىسىنى سېلىپ ئۈچ مىنۇتلا قايناتقاندىن كىيىن ئۇسۇپ ئالساق بولىدۇ. كۇلى بىھىسى شىكەر سۈيىنى، ئىسسىق ئىچسەكمۇ ياكى سۇۋىغاندىن كىيىن توڭلىتىپ ئىچسەكمۇ ئوخشاشلا پايدا قىلىۋىرىدۇ.
  كۇلى بىھىسى قوشۇلغان شىكەر سۈيى، قۇۋۋەتلەش ئۈنۈمى ئىنتايىن يۇقىرى بىر خىل تائام ھىسابلىنىدۇ. ئۇنى دائىم ئىستىمال قىلغاندا، ئۆپكىگە ھۆللۈك يەتكۈزۈپ مۇئەننەسنى قۇۋۋەتلەيدۇ؛ تىرىنى قۇۋۋەتلەپ، قورۇقچىلارنىڭ مۇددەتتىن بۇرۇن پەيدا بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ھەمدە تىرىنىڭ يۇمرانلىقىنى ساقلاپ قېرىشنى ئاستىلىدۇ. بۇندىن باشقا، ئىسسىقتىن بولغان ھۆتەل، قۇرۇق ھۆتەل قاتارلىقلارغا قارىتا، بەلگىلىك داۋالاپ ياخشىلاش ئۈنۈمى كۆرسىتەلەيدۇ.

كەچتە ئالما يىيىش ئاشقازانغا زىيانلىقمۇ

ئالما، تۇرمۇشىمىزدا كۆپ ئۇچرايدىغان مىۋىلەرنىڭ بىرى؛ ئۇنىڭ ئۇزۇقلۇق قىممىتى ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپ، بەدەنگە ئىھتىياجلىق بولغان ۋىيتام

نامراتلىشىپ كەتكەنسىرى بۇ ئىككى خىل ئادەتنى يىتىلدۈرۈڭ

سىز ئەتىگىنى ئورنىڭىزدىن تۇرۇپ بولالماي كارۋاتتا بىردەم يېتىۋالماقچى بولۇۋاتقاندا، خىزمەت مەيدانىدىكى قابىللار ئاللىبۇرۇن قەھۋە ئىچك

دۆلىتىمىزدىكى تۇنجى "تۈكلۈك ئوغۇل" توي قىلدى

بۇيىل 42ياشقا كىرىپ قالغان يۈ جېنخۇەن، مىكروبىلوگدا ئۆزىنىڭ توي خەۋرىنى ئېلان قىلىپ، ئايالى بىلەن ئىككىسىنىڭ تويلىشىش گۇاھنامىسىنىڭ رە

ئەر-خوتۇنلار بۇ ئۈچ نەرسىنى ئورتاق بەھىرلىنىپ باقمىغان بولسا

ھازىرقى مۇھەببەت، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ تۈرتكىسى ئاستىدا، رېتىمى تەدرىجى ھالدا تىزلىشىپ كەتتى. نۇرغۇن ياش ئەر-خوتۇنلار، ھېچقانچىلىك

قايتا تويلاشقان ئائىلىلەردىكى مەخپىيەتلىك

بىز بۈگۈن تىلغا ئېلىپ ئۆتمەكچى بولغان مەزمۇن: قايتا تويلاشقانلار قۇرۇپ چىققان ئائىلىلەردىكى مەخپىيەتلىكنى، تۇنجى توي قىلىپ ئائىلە قۇر

دۇفۇنىڭ بۇ خىل تەييارلاش ئۇسۇلىنى بىر مىنۇتتا ئۆگىنىۋالالايسىز

دۇفۇ، ئەڭ ئەرزان بولغان بىر خىل كالتسى تۇلۇقلاش ماتىريالى بولۇپ، كۈندىلىك تۇرمۇشتا ھەمىشە ئىستىمال قىلىپ تۇرىمىز؛ بۇندىن باشقا، دۇفۇنى

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号