ئاجراشقان ئەر-خوتۇنلارنىڭ قايسىسى يارىشىۋىلىشنى بەكرەك ئويلايدۇ
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 5690:ئادەم ئۆگەندى
    چىيەن جۇڭشۇ ئەپەندىم ئىلگىرى مۇنداق دىگەن: توي تۇرمۇشى خۇددى بىر قورغانغا ئوخشايدىغان بولۇپ، سىرتتىكىلەرنىڭ كىرگۈسى كىلىدۇ، ئىچىدىكىلەرنىڭ سىرتقا چىقىپ كەتكۈسى كىلىدۇ. توي تۇرمۇشى ھەققىدە، ھەممە ئادەمنىڭ ئوخشىمىغان چۈشەنچە ۋە قاراشلىرى بار بولۇپ، بەخىتكە نىسبەتەنمۇ، كۆپچىلىكنىڭ تۇنۇشى ئوخشاش بولمايدۇ.
    ھەر ئادەمنىڭ ئەھۋالى ئۆزىگە ئايان، بىر ئادەمنىڭ تۇرمۇشى قانداق ئۆتىۋاتىدۇ، پەقەت ئۇ ئۆزىلا بىلىدۇ؛ ئوخشاشلا، بىر ئادەم بەخىتلىك ھەم خۇشاللىققا تولغان توي تۇرمۇشىغا ئىگىمۇ ئەمەس، پەقەت ئۇ ئادەمنىڭ ئۆزىلا بىلىدۇ.
   تويلىشىش مۇناسىۋىتىنىڭ قۇرۇلۇشى، ئەر-خوتۇن ئىككى تەرەپنىڭ بەلگىلىك كىلىشىم روھىغا ئىگە بولۇشىغا مۇھتاج؛ ئۇلار توي تۇرمۇشىغا قەدەم قويغان ئاشۇ ۋاقىتتىن باشلاپ، ئىككى تەرەپ قول تۇتۇشۇپ ئەبەدىل ئەبەت بىرگە ئۆتۈشكە كىلىشىمنامە تۈزگەن بولىدۇ. بىراق، توي تۇرمۇشى يەنە، قېرىشقاندەك بىر خىل ئادەم پۈتۈنلەي كونتىرول قىلغىلى بولمايدىغان بىر ئىش بولۇپ، كۆپچىلىك گەرچە كۆڭلىگە نۇرغۇن ئارزۇ-ئۈمىدلەرنى پۈككەن بولسىمۇ، ئەمما توي تۇرمۇشىنىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشىنى كونتىرول قىلىشقا ئامالسىز.
    تويلىشىش مۇناسىۋىتىنىڭ بۇزۇلۇشىغا قارىتا، بەزىلەر ئەپسۇسلىنىدۇ، بەزىلەر ئۆزىنى تەلەيلىك ھىس قىلىدۇ. كىيىنكى خىلدىكىلەرگە نىسبەتەن، كىيىنكى ئۆمرىدە قايتا كۆرۈشمەسلىك، ئەڭ ياخشى نەتىجىدۇر؛ بىراق ئالدىنقى خىلدىكىلەرگە نىسبەتەن، كۆپ قىسىم كىشىلەر قايتا يارىشىۋىلىشنى ئۈمىد قىلىدۇ.
    ئاجراشقاندىن كىيىن، ئەر ۋە ئايال تەرەپنىڭ قايسىسى، يارىشىۋىلىشنى بەكرەك ئۈمىد قىلىدۇ؟ تۆۋەندە بىز بىرلىكتە، ئىككى دەرتمەننىڭ ئۆز بېشىدىن ئۆتكۈزگەنلىرىنى ئاڭلاپ باقايلى!
لو ئەپەندىم، 35ياش، ئاجراشقىلى بىر يىل بولغان
   مەن ئايالىم بىلەن ئاجراشقىلى ئەمدى بىر يىل بولدى، بىراق مەن ھازىر، ئۇنىڭ بىلەن يارىشىۋىلىشقا شۇنداق تەقەززا بولۇپ كىتىۋاتىمەن. ئەلۋەتتە، بۇ پەقەت مىنىڭ ئۆزۈمنىڭ خىيالى؛ مەن ئۇنىڭغا نەچچە قېتىم يارىشىپ قېلىشنى ئېيتسام، ئۇنىڭ پوزۇتسىيەسى ناھايىتى قاتتىق بولۇپ، ئىزچىل تۈردە يارىشىپ قېلىشنى رەت قىلىپ كەلدى.
   مەن ئىلگىرى ئۇنى ياخشى قەدىرلىمىگەنلىكىمنى ھەمدە بۇ سەۋەپلىك ھازىرقىدەك بۇنداق ئاقىۋەتنى كەلتۈرۈپ چىقارغىنىمنى ئىتراپ قىلىمەن؛ بىراق مەن ھازىر خاتالىقىمنىڭ ئورنىنى تولدۇراي دىسەم، بۇنىڭغا ئازراقمۇ يول چىقمىدى.
   ئايالىم بىلەن ئاجراشقاندىن كىيىن، مەن ئاندىن ئۇنىڭ مۇھىملىقىنى تۇنۇپ يەتتىم. ئەسلىدە بىر ئۆينى ياخشى تۇتۇپ ئولتۇرۇش ئۈچۈن، ئىنتايىن كۆپ ۋاقىت ۋە زىھىن سەرپ قىلىشقا توغرا كىلىدىكەن؛ بالا بېقىش بولسا ئۇنىڭدىنمۇ تەس بولۇپ، ھەركۈنى ئۆيگە قايتىپ كەلگەندىن كىيىن ئىسسق بىر قاچا تەييار تاماق يىيىش، ناھايىتى زور بىر بەخىت ھىسابلىنىدىكەن. ئەپسۇس، مەن ھالا بۈگۈنگە كەلگەندە، ئاندىن بۇ داۋلىلارنى چۈشىنىپ يىتىپتىمەن.
لۇڭ خانىم، 39ياش، ئاجراشقىلى بەش يىل بولغان
   ئىرىم بىلەن ئاجراشقان ئاشۇ پەيتتىن باشلاپ، مەن ئەزەلدىن ئۇنىڭ بىلەن قايتا يارىشىپ قېلىشنى ئويلىشىپ باقمىدىم، ھەم قايتا تويلىشىشنىمۇ ئويلاشمىدىم؛ ھازىر مەن ئۆزۈم يالغۇز ئوغلۇمنى بېقىپ كۈن ئۆتكۈزىۋاتىمەن، ئەمما يىڭى بىر ھاياتلىققا ئىرىشكەندەك ھىس قىلىدىغان بولۇپ قالدىم.
   ئەينى ۋاقىتتا، مەن ھەربىر كۈننى ھارغىنلىق ۋە ئەندىشە ئىچىدە ئۆتكۈزەتتىم؛ ئىشقا بارغاندىن باشقا، ئۆي ئىشلىرىنى قىلىپ تاماق ئىتەتتىم ھەم بالىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالاتتىم. بىراق ئىرىم بولسا، ئىشى يوق ئادەمدەك، كۈندە قولىغا يانفونىنى ئېلىپ كىرىسلودا يېتىشتىن باشقىنى بىلمەيتتى.
   ئاجراشقاندىن كىيىن، مەن ئاخىرى ئىلگىرىكىدەك ئۇنداق ئۆتمىسەممۇ بولىدىغان بولدى؛ ھازىر، مەن پەقەت ئۆزۈم بىلەن ئوغلۇمنىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئالسام، باشقا ئىشلاردىن غەم قىلمىساممۇ بولىدۇ. گەرچە مائاشىم ئۇنچە كۆپ بولمىسىمۇ، ئەمما ئوغلۇم بىلەن ئىككىمىزنىڭ كۈن ئۆتكۈزۈشىمىزگە يىتىپ ئاشىدۇ.
    باشقىلارنىڭ قانداق ئويلايدىغانلىقىنى بىلمەيمەن، ئەمما ماڭا نىسبەتەن، توي تۇرمۇشىنىڭ ئايال كىشىگە نىسبەتەن ھېچقانداق پايدىسى يوق؛ ئۇ پەقەت ئايال كىشىنى تېخىمۇ چارچىتىۋىتىدۇ. توي تۇرمۇشىدىن ئاجرىغاندىن كىيىن بولسا، ئايال كىشى يىڭى بىر ھاياتلىققا ئىرىشكەندەك بولۇپ قالىدۇ.
ئاخىرىقى سۆز
   يۇقارقى ئىككى مىسالدىن شۇنى كۆرىۋىلىشقا بولىدۇكى، ئاجراشقاندىن كىيىن، ئەرلەر ئايال كىشىگە قارىغاندا، ئىلگىرىكى ئايالى بىلەن يارىشىۋىلىشنى تېخىمۇ بەكرەك ئۈمىد قىلىدۇ.
   بىر بۆلەك توي تۇرمۇشى ئىچىدە، ئايال كىشى ئەركىشىگە قارىغاندا تېخىمۇ كۆپ جاپا چىكىدۇ؛ ئەمما ئۇلارنىڭ تۆلىگەن بەدەللىرىنىڭ، قارشى تەرەپنىڭ قەدىرلىشىگە ئىرىشەلىشى ناتايىن. چۈنكى، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە، بۇ، ئايال كىشىنىڭ قىلىشقا تىگىشلىك ئىشى ھىسابلىنىدۇ.
   بەزىبىر ناچار ھالەتتىكى توي تۇرمۇشىغا نىسبەتەن، ئاياللار يۈكتىن ئاجرىغاندىن كىيىن، يىڭى ھاياتلىققا ئىرىشكەندەك بولۇپ قالىدۇ؛ بىراق ئەرلەرنىڭ كۈنلىرى تېخىمۇ ناچارلىشىپ كىتىدۇ. بۇ دەل، ئەرلەر ۋە ئاياللارنىڭ يارىشىۋىلىشقا قارىتا تۈپتىن ئوخشىمىغان ئىككى خىل پوزۇتسىيە تۇتىشىدىكى سەۋەپتۇر.

قورۇما قورىغاندا تۇزنى قايسى ۋاقىتتا قوشۇش كىرەك

يىمەكلىك تۇزى، تۇرمۇشىمىزدىكى كەم بولسا بولمايدىغان خۇرۇچ ماتىريالى بولۇپ، ئەگەر تۇز قوشۇلمىسا، ھەرقانچە يىيىشلىك يىمەكلىكمۇ تەمسىز ت

چەتئەللىك ئايال ئوڭۇشلۇق ھالدا بەشكىزەك قىز تۇغدى

ئىگىلەشلەرگە قارىغاندا، ئامىرىكا خىيوستوندىكى بىر دوختۇرخانىدا، بىر ھامىلدار ئايال بەشكىزەك قىز تۇغقان بولۇپ، بۇ، يېقىنقى 50يىلدىن بىر

بىر ئايالنىڭ يازغان يىللىق "خىزمەت" خۇلاسىسى

يىللار ئاتقان ئوققا ئوخشايدۇ. ئاياللارغا تەۋە بولغان ۋاقىت تېخىمۇ رەھىمسىزرەك بولۇپ، بولۇپمۇ 30ياشتىن ئاشقان ئاياللار بىر تەرەپتىن خىزم

كۈنلىرىڭىز قانچە تەسلەشكەنسىرى، بۇ تۆت ئىشتا شۇنچە چىڭ تۇرۇڭ

قىيىنچىلىققا تولغان كۈنلەر، قوش بىسلىق پىچاققا ئوخشايدىغان بولۇپ، ئۈمىدۋار كىشىلەرگە نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئۇ بىر خىل ھەرىكەتلەند

قان بېسىمنى كونتىرول قىلىشتىكى خاتا قاراشلار

بۇنداق ئەھۋالدا، قان تۇمۇرلىرىدا كۆپۈپ قېلىش ۋە ئاجىز نوقتىلار كۆرۈلۈش ئىھتىماللىقى بار بولۇپ، بۇ جايلاردا ھەر ۋاقىت يېرىلىش ۋە توسۇلۇ

"كۆڭلى" نامرات ئەرگە ياتلىق بولسىڭىز، بىر ئۆمۈر جاپا تارتىسىز

ئاياللار ئۆزىگە لايىق تاللىغاندا، كۆپىنچە ئاياللارنىڭ ئويلىشىدىغىنى، ئۇنىڭ ئىقتىسادى ئاساسى بار يوقلۇقى ئەمەس، بەلكى ئۇ ئەركىشىنىڭ كە

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号