مۇھەببەتنى 32يىل دۈمبىسىدە يۈدۈپ ئۆتكەن ئايال
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 5719:ئادەم ئۆگەندى
   مۇھەببەتلىشىش ئەسلىدە بەخىتلىك ھەم گۈزەل بىر ئىش، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئۇنتۇلغۇسىز مۇھەببەت ئەسلىمىلىرى بار. بۈگۈن كۆپچىلىككە سۆزلەپ بەرمەكچى بولغىنىمىز، ئادەمنى تەسىرلەندۈرىدىغان مۇھەببەت ھىكايىسى. ھىكايىمىزدىكى ئايال باش قەھرىمان لى چىن، ئوغۇل دوستى بىلەن مۇھەببەتلىشىپ ئەمدىلا ئۈچ ئاي بولغان ۋاقىتتا، بەخىتسىزلىك تۇيۇقسىزلا ئۇلارنىڭ بېشىغا قونۇپ، ئوغۇل دوستى ھادىسىگە ئۇچراپ ئىككى پۇت كىسىۋىتىلىدۇ. ئەگەر سىز لى چىننىڭ ئورنىدا بولسىڭىز، بۇ ۋاقىتتا قانداق قىلاتتىڭىز؟
   ئادەمنى ھۆرمىتىنى قوزغايدىغىنى، ئوغۇل دوستىنىڭ پۇت كىسىۋىتىلگەندىن كىيىن، لى چىن ئۇنى تاشلاپ كىتىپ قالمىغان؛ ئۇ بەلكى بۇ بۆلەك مۇھەببەتنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئۆز زىممىسىگە ئېلىپ، مەسئۇلىيەتنى مۇشۇ يۈدكەنچە 32يىل يۈدكەن. يىللار ئۇنىڭ چىرايىدا ئىزنالارنى قالدۇرغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ بۇنىڭدىن قىلچىلىك ئاغرىنىپ باقمىغان.
    تۇمۇز ئىسسىقتا، لى چىن مېيىپ ئىرىنى يۈدۈپ پەشتاققا ياماشقان ۋاقىتتا، ھەربىر پەلەمپەي ئۆرلىگەندە، ئۇنىڭدىكى تەر تامچىلىرىدىن بىرسى كۆپىيەتتى. ئۇنىڭ بوي ئېگىزلىكى 168سانتىمىتىر بولۇپ، ئۆزى بىلەن كۆپ پەرقلىنىپ كەتمەيدىغان، ئەمما گەۋرىلىك بولغان ئىرىنى يۈدكەندە، ئۇ خېلىلا كۈچەشكە ئىھتىياجلىق بولۇپ، ھەربىر قەۋەتكە چىققاندىن كىيىن توختىۋىلىپ نەچچە مىنۇت ئارام ئالاتتى.
   بىراق، بۇ ئىشلارغا لى چىن كۆنۈپ كەتكەن بولۇپ، ئىلگىرى كونا ئۆيىدە ئولتۇرىدىغان ۋاقىتتا، ئۇ ھەركۈنى ئىشقا بېرىشتىن بۇرۇن، ئىرىنى يۈدۈپ پەسكە ئېلىپ چۈشۈپ ئورۇنلاشتۇرۇپ قويغاندىن كىيىن، كەچتە ئىشتىن قايتىپ كىلىپ، ئاندىن ئىرىنى يەنە يۈدۈپ ئۆيگە ئېلىپ چىقىپ كىتەتتى.
    لى چىن بىلەن ئىرى چاڭ جىيەنگاڭ، ھەرئىككىسى جاڭ جىياگاڭ شەھرىدىن بولۇپ، 1987-يىلى باشقىلارنىڭ تۇنۇشتۇرۇشى بىلەن ئۆزئارا تۇنۇشقان. ئۇ ۋاقىتتا ھەر ئىككەيلەن ئەمدى 20ياشتىن ئاشقان بولۇپ، چاڭ جىيەنگاڭ قۇرلۇش ئورنىدا ئىشلەيتتى. 12-ئاينىڭ بىر كۈنى، قۇرلۇش ئورنىدىكى جازىدىن چاتاق چىقىپ، ئۇ 9-8مىتىر ئېگىزلىكتىن يېقىلىپ ئېغىر يارىلانغان.
    كىيىن، لى چىن ئىزچىل تۈردە دوختۇرخانىدا ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالغان. بۇۋاقىتتا، ئۇ ئىككىسى مۇھەببەتلىشىۋاتقىلى ئەمدىلا 3ئاي بولغان ئىدى.
    22يېشىدىلا ھادىسىگە ئۇچراپ قايتا ئورنىدىن تۇرالماسلىق ھەم كىيىنكى ئۆمرىنى كارۋاتتا يېتىپ ئۆتكۈزۈش، چاڭ جىيەنگاڭغا نىسبەتەن چىدىغۇسىز بىر زەربە بولدى. ئەمما لى چىن بولسا، بارلىق خاپىلىقلارنى ئىچىگە يۇتۇۋىتىپ، داۋاملىق چاڭ جىيەنگاڭنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالدى.
    كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە يېرىم يىل ۋاقىت ئۆتۈپ كەتتى، لىكىن چاڭ جىيەنگاڭنىڭ ئەھۋالى ياخشىلىناي دىمەيتتى. ئەتراپتىكىلەر، لى چىنغا چاڭ جىيەنگاڭدىن ئايرىلىپ كىتىش ھەققىدە نەسىھەت قىلىشقا باشلىدى، ئىككى تەرەپنىڭ ئاتا-ئانىسىمۇ قارشى چىقتى. بىراق، لى چىن جاھىللىق بىلەن ئاتا-ئانىسىنىڭ نەسىھىتىنى ئاڭلىماي، يۈك-تاقلىرىنى يېغىشتۇرۇپ چاڭ جىيەنگاڭنىڭ يېنىغا كەلدى؛ ھېچقانداق بىر مۇراسىم ئۆتكۈزمەيلا، لى چىن چاڭ جىيەنگاڭنىڭ ئايالىغا ئايلاندى.
    ئىككەيلەن بىرگە بولۇپ ئۈچ يىل ئۆتكەندىن كىيىن، لى چىن ھامىلدار بولدى. ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ، باشقىلارمۇ قايتا قارشىلىق بىلدۈرمىدى. ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي، قىزى دۇنياغا كەلگەندىن كىيى، چاڭ جىيەنگاڭنىڭ ھاياتىغا باشقىچە بىر يۇرۇقلۇق قوشۇلغاندەك بولدى.
   چاڭ جىيەنگاڭ بارغانسىرى ئۆزىگە ئىشنىدىغان بولۇپ ئۆزگىرىپ، ھەركۈنى ئۆيىدە بەزىبىر ئاددى ھەرىكەتلەرنى مەشىق قىلدى. ھازىر ئۇنىڭ بەدىنىنىڭ ئىقتىدارلىرى تەدرىجى ھالدا ئەسلىگە كىلىشكە باشلىدى.
    لى چىن بولسا ئىرىنىڭ بۇ قەيسەرلىكىدىن تەسىرلىنىپ، ئۇمۇ يىڭنە سانجىش، ئۇۋۇلاش قاتارلىقلارنى ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىپ، ھەركۈنى ئىرىگە ئۆيدە يىڭنە سانجىش ۋە ئۇۋۇلاش ئېلىپ باردى.
   ئۇلارنىڭ تىرىشچانلىقى ئاخىرى يەردە قالمىدى. ھازىر، چاڭ جىيەنگاڭ بەزىبىر قوراللاردىن پايدىلىنىپ، ئۆيدە ئاستاغىنا ماڭالايدىغان، بەزىبىر ئۆي ئىشلىرىنى قىلىشىپ بىرەلەيدىغان بولدى.
    ھازىر، ئۇلار بىر ئائىلە كىشىلىرى يىڭى ئۆيگە كۆچۈپ كىردى؛ قىزىمۇ چوڭ بولۇپ قاتارغا قوشۇلدى. بىرئائىلە كىشلىرىنىڭ تۇرمۇشى، تەدرىجى ھالدا ياخشى تەرەپكە قاراپ يۈزلنىشىكە باشلىدى.
   مۇھەببەت مۇقەددەس، ئازاپلىق ھەم تەسىرلىك. ھىكايىدىكى باش قەھرىمان لى چىن ئىرىدىن ئايرىلماسلىقى، بىزنى ھەقىقەتەن تەسىرلەندۈرىدۇ. كىشىلىك ھايات ئىگىز-پەسلىكلەرگە تولغان، ئەگەر بىز بەرداشلىق بىرىپ ئۆتۈپ كىتەلىسەك، داغدام يولغا ئۇلىشالىشىمىز مۇمكىن؛ شۇڭا، ھەرقانداق ۋاقىتتا ئۈمىدىڭىزنى يوقىتىپ قويماڭ.

لى جىياچىڭنىڭ سودا ساھەسىدە مۇۋەپپىقىيەت قازىنىش سىرى

نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ خاتىرسىدە، 70يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت سودا تىجارىتى بىلەن شۇغۇللانغان لى جىياچىڭ ئەزەلدىن ئۇتتۇرۇپ باقمىغان، زىيان تارتىپ

ئاشقازان ساغلاملىقىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان ناچار ئادەتلەر

ئەگەر ئاشقازان سۇيۇقلۇقى ئاشقازان كىسلاتاسى ۋە ئاشقازان ئاقسىل ئىنزىمى ئاجرىتىپ چىقارغان ۋاقىتتا، ئاشقازاندا بۇلارنى نىتراللاشتۇرىدى

26جىڭ ئالتۇن ئېسىپ يۈرىدىغان باينىڭ ساختىلىقى ئاشكارىلىنىپ قالدى

بىراق، بۇ يىل 36ياشقا كىرگەن ۋىيتناملىق ئەر چىن ۋىنفۇ، ئالتۇن زىبۇ-زىننەتلىرىنى "جىڭ" بويىچە ھىسابلايدىغان بولۇپ، ئۇ ھەركۈنى كوچىغا چىق

ئادەم ئەڭ ئۇزۇن بولغاندا نەچچە كۈن ئۇخلىماي بەرداشلىق بىرەلەيدۇ

ئادەم نىمە ئۈچۈن ئۇخلايدۇ مەسىلىسىگە كەلسەك، ئاددىيلاشتۇرۇپ ئېيتقاندا، بۇ خۇددى باتارىيەگە توك قاچىلىغانغا ئوخشاش بولۇپ، بۇنىڭدا بىزن

ئاچ قوساققا يىيىشكە بولمايدىغان تۆت خىل يىمەكلىك

نۇرغۇنلىغان ياشلارنىڭ يىمەك-ئىچمەك ئادىتى تەرتىپسىز بولۇپ، ئۇششاق يىمەكلىكلەرنى كۆپ يەۋىلىپ تاماق يىگۈسى كەلمەيدىغان، ياكى قورسىقى ئا

ئىرىڭىز بۇ ئۈچ ئىشنى سۈرۈشتە قىلمىسا ئەھۋال چاتاق

كىچىك ۋاقتىمىزدا، بىز ھەممىمىز ئاتا-ئانىمىزنىڭ بىزنى باشقۇرۋالماسلىقىنى ئۈمىد قىلاتتۇق؛ بىراق چوڭ بولۇپ مۇھەببەتلەشكەندىن كىيىن، يېن

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号