ئىممونت كۈچى، دۇنيادىكى ئەڭ ئۈنۈملۈك دورا
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 5805:قېتىم كورۇلدى
    ھازىر ياز كىتىپ كۈز پەسلى يىتىپ كەلدى؛ بۇ ۋاقىتتا، ئەتىگەن كەچتىكى تىمپىراتۇرا پەرقى نىسبەتەن چوڭ بولۇپ، نۇرغۇن كىشىلەر بۇ مەزگىلدە ئاسانلا زۇكام بولۇپ قالىدۇ. گەرچە بۇ بەلگىلىك دەرىجىدە كىلىمات تىمپىراتۇرا پەرقى سەۋەپلىك بولسىمۇ، ئەمما ئەڭ ئاساسلىق مەسىلە، يەنىلا ئۇلارنىڭ ئىممونت كۈچىنىڭ ئاجىز بولغانلىقىدىدۇر. ئىممونت كۈچى، ئادەم بەدىنىدىكى بىر قەۋەت مۇداپىئە تېمى بولۇپ، ئۇنىڭ مەۋجۇتلۇقى، بىزگە ياردەملىشىپ سىرتقى مۇھىتتىن كەلگەن باكتىرىيە ۋىرۇسلارغا قارشى تۇرىدۇ. ئىممونت كۈچى كۈچلۈك بولغان ئادەم، ئادەتتە ئاسانلىقچە زۇكامداپ قالمايدۇ، باشقا كىسەللىكلەرگىمۇ ئاسانلىقچە گىرىپتار بولۇپ قالمايدۇ. ئۇنداقتا، ئىممونت كۈچىنى قانداق قىلىپ كۈچەيتكىلى بولىدۇ؟ تۆۋەندىكى تۆت خىل ئادەتنى ئىزچىل تۈردە داۋاملاشتۇرسىڭىز، بەدىنىڭىز سىزگە رەھمەت ئېيتىدۇ!
ياخشى روھى كەيپىياتنى ساقلاش
   كۈندىلىك تۇرمۇش جەريانىدا، ياخشى بىر روھى كەيپىياتنى ساقلاش، بىزنىڭ ئىممونت كۈچىمىزنى ئاشۇرۇشقا پايدىلىق بولىدۇ. بىز ئادەتتە، كۆپرەك دوست تۇتۇپ، بەزىبىر كۆڭۈل سۆزلىرىمىزنى دىيىشسەك، كۆڭلىمىز ئېچىلىپ قالىدۇ؛ بۇندىن باشقا، بەزىبىر لىرىكىلىق مۇزىكىلارنى ئاڭلاپ بەرسەك، ئۆزىمىز ياقتۇرىدىغان ئىشلارنى قىلساق، بۇنىڭدا بىزنىڭ چوڭ مىڭىمىز قان ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان بولۇپ،  بىر مەزگىل داۋاملاشتۇرغاندىن كىيىن، ئىممونت كۈچىمىز بەلگىلىك دەرىجىدە يۇقىرىلايدۇ.
مۇۋاپىق تۈردە بەدەن چېنىقتۇرۇش
   بىز ئادەتتە، مۇۋاپىق تۈردە ھەرىكەتلىنىپ چېنىقىپ بىرىشىمىز كىرەك. ئەلۋەتتە، ھازىر ئەتىگەن كەچتە ھاۋا نىسبەتەن سۇغۇق بولغاچقا، ئاسانلا تەرلەپ سۇغۇق ئۆتۈپ قېلىشى مۇمكىن؛ شۇڭا، ھەرىكەت مىقدارىنى بەك ئاشۇرۋەتمەي، مۇۋاپىق تۈردە چېنىقىپ بەرسەك، ئۇيقۇمىزنى ياخشىلاش بىلەن بىرگە بەدەندىكى قان ئايلىنىشنى ياخشىلاپ، بەدەن مىتابولىزىمىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. بۇنىڭدا، بەدىنىمىزنىڭ كىسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچى يۇقىرىلايدۇ.
قانۇنىيەتلىك دەم ئېلىش ئادىتى يىتىلدۈرۈش
   ياخشى بولغان ئۇيقۇ، بىزنىڭ جىسمانى ۋە روھى جەھەتتىكى ھارغىنلىقىمىزنى تۈگىتىپ، بەدىنىمىزنىڭ ئىممونت كۈچىنى ئاشۇرۇشقا پايدىلىق. ئادەم ئۇخلاش ھالىتىگە كىرگەندە، بەدەن ئىچىدىكى ھۈجەيرىلەر بىر خىل خېمىيىلىك ماددا ھاسىل قىلىدىغان بولۇپ، بۇ خىل ماددىنىڭ ئادەمنىڭ ئىممونت كۈچىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش رولى بار.
ياخشى بولغان يىمەك-ئىچمەك ئادىتىنى ساقلاش
   بەدەننىڭ ئىممونت كۈچىنىڭ تۆۋەنلەپ كىتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئامىللارنىڭ بىرى، بەدەندە ئۇزۇقلۇق كەمچىل بولۇشتۇر. شۇڭلاشقا، ئادەتتە تاماق تاللايدىغان دوستلارغا نىسبەتەن، ئۇلارنىڭ بەدەن ئىممونت كۈچى چوقۇم نىسبەتەن ئاجىز كىلىدۇ. يىمەكلىكلەر تەركىبىدىم تويۇنمىغان ياغ كىسلاتالىرى، ئاقسىل، ۋىيتامىن قاتارلىق ئۇزۇقلۇق ماددىلارنىڭ بەدىنىمىزنىڭ ئىممونت كۈچى بىلەن زىچ باغلىنىشلىقى بار بولۇپ، ئەگەر بىز ئىممونت كۈچىمىزنى ئاشۇرىمىز دىسەك، ئۇنداقتا چوقۇم ئۇزۇقلۇقنىڭ تەڭپۇڭ بولىشىغا كاپالەتلىك قىلىشىمىز كىرەك.

مۇھەببىتى ساختا ئەرلەر سىزنى بۇ ئۈچ يەرگە باشلايدۇ

ئەر-ئاياللار مۇناسىۋىتىدە، ئۇچرىشىشقا چىقىش ناھايىتى مۇھىم بىر ئىش بولۇپ، ئەگەر سورۇن ياخشى تاللانغان، مۇھىت كەيپىياتىمۇ توغرا بولغان

چۈمۈچ تۇتقانلار دىققەت: ياغ تەركىبى راستىنلا قورقۇنچلۇقمۇ؟

ئاز بولمىغان گۈزەللىكنى سۆيگۈچى كىشىلەر، گۆش تۈرىدىن تېخىمۇ قاچىدىغان بولۇپ، ھەرقېتىم غىزالىنىدىغان ۋاقىت كەلگەندە، ئۇلار يىمەكلىكنى

ئىممونت كۈچى، دۇنيادىكى ئەڭ ئۈنۈملۈك دورا

نۇرغۇن كىشىلەر بۇ مەزگىلدە ئاسانلا زۇكام بولۇپ قالىدۇ. گەرچە بۇ بەلگىلىك دەرىجىدە كىلىمات تىمپىراتۇرا پەرقى سەۋەپلىك بولسىمۇ، ئەمما ئە

ئالاقىنى ۋاقىتلىق ئۈزۈشنى ئۆگىنىش، ئاياللارنىڭ پاراسىتى

پىسخىلوگلارنىڭ بايقىشىچە، سىز بىر ئادەمنى قانچە ئىزدەپ يېقىنلاشقانسىرى، ئۇ شۇنچە ئۆزىنى قاچۇرىدىكەن.

ئوغۇل دوستىڭىز بولسىمۇ قالايمىقان چاقچاق قىلماڭ، تۈرمىگە كىرىسىز

لى موۋنىڭ قىزدوستى چاقچاقنى چېكىدىن ئاشۇرۋەتكەن بولۇپ، لى موۋغا ئۆمۈرلۈك زىيان ئېلىپ كەلگەن ئىكەن. ئاخىرىدا، لى موۋ قىز دوستىنى سوتقا ئ

دۇنيادىكى ئەڭ قىممەت ئون خىل ئىچىملىك

بۇ خىل پىۋا، ئادەتتە ياۋرۇ-ئامىرىكىدىكى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك خۇسۇسى كۇلۇبلاردىلا كۆرىلىدىغان بولۇپ، باھاسى ئۈچ بوتولكا ماۋتەي ھارىقى

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号