پىنتوزا قورىسىڭىز چاپلىشىۋىلىپ ئىچىڭىز پۇشامدۇ؟
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 5863:قېتىم كورۇلدى
   پىنتوزا كۆپچىلىككە ناتۇنۇش ئەمەس، نۇرغۇن كىشىلەر پىنتوزا يىيىشنى ياخشى كۆرىدۇ؛ مەسىلەن، پىنتوزا گۆش قورىمىسى، پىنتوزا گۆش بەسەي قورىمىسى قاتارلىقلار. بىراق، ئادەتتە پىنتوزا قورىغان ۋاقتىمىزدا، پىنتوزا ئاسانلا قازانغا چاپلىشىۋالىدۇ، ياكى بولمىسا ئۆز-ئارا چاپلىشىپ تۈگنەك بولىۋالىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدىن ساقلىنىشنىڭ چارىسى بارمۇ؟
   نۇرغۇن كىشىلەر، پىنتوزىنىڭ ئۆز-ئارا چاپلىشىپ تۈگىنەك بولىۋالماسلىقى ئۈچۈن، ئاۋال سۇدا بىر قاينىتىۋىلىپ ياكى قايناقسۇغا بىر بېسىۋىتىپ ئاندىن قورۇيدۇ، لىكىن قورۇغان ۋاقىتتا يەنە چاپلىشىۋالىدىغان ئەھۋال كۆرىلىدۇ؛ ئۇنداقتا زادى قانداق قىلىش كىرەك؟ ئادەتتە پىنتوزا قورىغان ۋاقىتتا، ئۇنى ئالدى بىلەن گۈرۈچ ئاچچىقسۈيى قوشۇلغان سۇغا بىردەم چىلاپ قويغاندىن كىيىن ئاندىن قورىساق، قورۇش جەريانىدا قازانغا ياكى ئۆز-ئارا چاپلىشىۋالمايدۇ. تۆۋەندە بىز، توغرا بولغان قورۇش ئۇسۇلىنى كۆرۈپ باقايلى.
   كىتەرلىك ماتىريال: پىنتوزا، قوي گۆشى، قوي مېيى، سامساق، زەنجىۋىل، شىڭچۇۋ جىياڭيۇسى، قىزىلمۇچ، غولپىياز، قىزىلمۇچ قىيامى، تۇز، قارىمۇچ، گۈرۈچ ئاچچىقسۈيى
تەييارلاش ئۇسۇلى
بىرىنچى قەدەم
   ئالدى بىلەن پىنتوزىنى قازاندىكى سۇغا سېلىپ، ئوتنى يېقىپ قازاننى قاينىتمىز؛ قازان قاينىغان ھامانلا ئوتنى ئۆچۈرۈپ، پىنتوزىنى قازاندىكى قاينىغان سۇغا ئون مىنۇت چىلاپ قويىمىز؛ كەينىدىن پىنتوزىنى سۈزۈپ ئېلىپ، سۇغۇق سۇغا چىلاپ، ئۈستىگە ئازراق گۈرۈچ ئاچچىقسۈيى قوشىمىز ھەمدە مۇشۇ تەرىقىدە ئون مىنۇت چىلاپ قويغاندىن كىيىن، پىنتوزىنى سۇدا چايقىۋىتىپ، سۈيىنى ساقىتىپ تەييار قىلىپ قويىمىز.
ئىككىنچى قەدەم
   قازانغا مۇۋاپىق مىقداردا ماي قۇيۇپ قىزىتقاندىن كىيىن، توغراپ تەييار قىلغان سامساق ۋە زەنجىۋىلنى سېلىپ تەم چىقىرىمىز؛ كەينىدىن توغراپ تەييارلىغان قوي گۆشىنى سېلىپ قورۇپ، رەڭگى ئۆزگەرگەن ۋاقىتتا ئۇسۇپ ئېلىپ قويىمىز؛ قازاننى باشقا ئېسىپ، قوي مېيىنى قۇيۇپ(قوي مېيىنى ياقتۇرمايدىغانلار ئادەتتىكى ئىستىمال مېيى ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ) قىزىتقاندىن كىيىن، سامساق چانالمىسى، زەنجىۋىل چانالمىسى، توغرالغان قىزىلمۇچ، قىزىلمۇچ قىيامى قاتارلىقلارنى سېلىپ تەم چىقىرىمىز؛ تەييارلىغان پىنتوزىنى سېلىپ، چوڭ ئوتتا 40سىكونت قورۇيمىز؛ ئالدىدا تەييار قىلغان قوي گۆشىنى سېلىپ، ئۈستىگە مۇۋاپىق مىقداردا تۇز، قارىمۇچ قوشۇپ داۋاملىق قورۇيمىز؛ ئەڭ ئاخىرىدا، ئۈستىگە ئازراق شىڭچۇۋ جىياڭيۇسى قوشۇپ، ئۇششاق توغرالغان غولپىياز مايسىسى قوشۇپ نەچچە مالتىلاپ ئارىلاشتۇرغاندىن كىيىن تەخسىگە ئۇسۇپ ئالساق بولىدۇ.

مۇھەببىتى ساختا ئەرلەر سىزنى بۇ ئۈچ يەرگە باشلايدۇ

ئەر-ئاياللار مۇناسىۋىتىدە، ئۇچرىشىشقا چىقىش ناھايىتى مۇھىم بىر ئىش بولۇپ، ئەگەر سورۇن ياخشى تاللانغان، مۇھىت كەيپىياتىمۇ توغرا بولغان

تۆت يۈز جىڭلىق يىگىت ئۇرۇقلىدى، ئەمما ئازراقمۇ خۇشال بولالمىدى

نۇرغۇن كىشىلەر سەمىرىپ كىتىشكە باشلىغان بولۇپ، كۆپ قىسىم كىشىلەر خىزمەت ۋاقتىدا ئورۇنداقتا ئولتۇرۇپ ئىشلىگەنلىكى ئۈچۈن، سېمىزلەرنىڭ س

مۇھەببەتنى 32يىل دۈمبىسىدە يۈدۈپ ئۆتكەن ئايال

مۇھەببەتلىشىش ئەسلىدە بەخىتلىك ھەم گۈزەل بىر ئىش، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئۇنتۇلغۇسىز مۇھەببەت ئەسلىمىلىرى بار. بۈگۈن كۆپچىلىككە سۆزلەپ بەر

چۈمۈچ تۇتقانلار دىققەت: ياغ تەركىبى راستىنلا قورقۇنچلۇقمۇ؟

ئاز بولمىغان گۈزەللىكنى سۆيگۈچى كىشىلەر، گۆش تۈرىدىن تېخىمۇ قاچىدىغان بولۇپ، ھەرقېتىم غىزالىنىدىغان ۋاقىت كەلگەندە، ئۇلار يىمەكلىكنى

بۇ دادا قىزىغا ھەقىقەتەن بەك ئامراق ئىكەن

قىزىنىڭ ئارزۇسىنى قانائەتلەندۈرۈش ئۈچۈن، دادا ئىككى مىليۇن يۈەن پۇل سەرپ قىلىپ، ئۆيىنىڭ ئىچى سىرتىنى پۈتۈنلەي قايتىدىن زىننەتلەپ ياسا

ئىممونت كۈچى، دۇنيادىكى ئەڭ ئۈنۈملۈك دورا

نۇرغۇن كىشىلەر بۇ مەزگىلدە ئاسانلا زۇكام بولۇپ قالىدۇ. گەرچە بۇ بەلگىلىك دەرىجىدە كىلىمات تىمپىراتۇرا پەرقى سەۋەپلىك بولسىمۇ، ئەمما ئە

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号