ساغلاملىققا تەسىر يەتكۈزىدىغان بەش چوڭ قىلمىش
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 5861:قېتىم كورۇلدى
   كىشىلەرنىڭ كۈتۈنۈشكە بارغانسىرى ئەھمىيەت بىرىشىگە ئەگىشىپ، كۆپ قىسىم كىشىلەر، ئادەم بەدىنىگە زىيانلىق بەزىبىر ناچار ئادەتلەرنى تۇنۇپ يەتمەكتە؛ بولۇپمۇ ئادەمنىڭ ئىچكى ئەزالىرىغا زىيانلىق تەسىر ئېلىپ كىلدىغان قىلمىشلار، كىشىلەرنىڭ تېخىمۇ بەك دىققەت ئىتىبارىنى قوزغىماقتا. بۇنىڭ ئىچىدە، بەزىبىر ناچار قىلمىشلار ئادەمنىڭ ئاشقازىنى ۋە جىگىرىگە زىيانلىق تەسىر كۆرسىتىدىغان بولۇپ، ئەگەر ئادەمنىڭ جىگەر ۋە ئاشقازىنى ساغلام بولمىسا، ئۇنداقتا كۈتۈنۈش ۋە ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشكە پايدىسىز بولىدۇ.
   شۇڭا، بىز كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى قايسى خىل ئادەتلەرنىڭ بىزنىڭ جىگەر ۋە ئاشقازىنىمىزغا پايدىسىز تەسىر ئېلىپ كىلىدىغانلىقىنى ئايدىڭلاشتۇرۋىلىشىمىز ھەمدە بۇنداق قىلمىشلاردىن ئىمكان قەدەر ساقلىنىشىمىز كىرەك. بۈگۈن كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە، ئادەمنىڭ جىگىرى ۋە ئاشقازىنىغا زىيانلىق تەسىر يەتكۈزىدىغان بەش چوڭ قىلمىشنى تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.
5. ھاراقنى زىيادە كۆپ ئىچىش
   ھاراق تەركىبىدە ئىسپىرت بار، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىسپىرتنىڭ زور بىر قىسمى جىگەر تەرپىدىن مىتابولىزىملىنىدۇ؛ شۇڭلاشقا، دائىم زىيادە كۆپ ھاراق ئىچكەندە، جىگەرنىڭ يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرۇپ، جىگەرنىڭ زەھەر تازىلاش ئىقتىدارىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ. بۇندىن باشقا، ھاراقنى زىيادە كۆپ ئىچىش، ئاشقازان ئۈچەيگىمۇ زىيانلىق تەسىر كۆرسىتىدىغان بولۇپ، ھەتتا ئاشقازان قاناشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.
4. مايلىق تاماقنى كۆپ ئىستىمال قىلىش
   يىمەك ئىچمەك جەھەتتە، مايلىق ۋە ياغ تەركىبى يۇقىرى بولغان يىمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستىمال قىلغاندا، ئاسانلا سېمىزلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش بىلەن بىرگە، جىگەرنى ماي قاپلىۋىلىش كىسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋىپىنى ئاشۇرۋىتىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، گۆش تۈرىدىكى ۋە مايلىق يىمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستىمال قىلغاندا، ئاشقازان ئۈچەينىڭ يۈكىنى ئېغىرلىتىۋىتىدىغان بولۇپ، ئاشقازان ئۈچەينىڭ قىمىرلىشىغا ۋە كىرەكسىز ماددىلارنى بەدەن سىرتىغا چىقىرىلىشىغا پايدىسىز بولۇپ، ئاسانلا قەۋزىيەتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
3. ھەمىشە كىچىلىرى ئۇخلىماسلىق
   كىچىسى ئۇخلىمىغاندا، ئالدى بىلەن ئادەمنىڭ ئىچكى ئاجرالمىلىرىدا قالايمىقانلىشىش كۆرىلىدۇ ھەمدە ئادەمنىڭ ئىچ ئەزالىرى يىتەرلىك ئارام ئېلىشقا ئىرىشەلمەيدۇ؛ بۇنىڭ ئىچىدە ئاشقازان ۋە جىگەر بىرىنچى بولۇپ تەسىرگە ئۇچرايدۇ. كىچىسى ئۇخلىماسلىق ياكى كىيىن ئۇخلاش ئۇزۇن ۋاقىت داۋاملاشقاندا، جىگەرنىڭ زەھەر تازىلاش ئۈنۈمى ۋە ئاشقازاننىڭ ھەزىم قىلىش ئىقتىدارىنى تۆۋەنلىتىۋىتىدىغان بولۇپ، زەھەرلىك ماددىلار بىلەن يىمەكلىكنىڭ ئاشقازان ئۈچەيدە يېغىلىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ھەمدە بۇ سەۋەپلىك جىگەر بىلەن ئاشقازاننى ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە زىيانغا ئۇچرىتىدۇ.
2. ھەمىشە ئەخلەت يىمەكلىكلەرنى يىيىش
  ئەخلەت يىمەكلىكلەرنىڭ كۆپىنچىسى مايدا داغلانغان ۋە كۆپتۈرۈلگەن يىمەكلىكلەر بولۇپ، ئۇزۇقلۇقى كەمچىل بولۇپلا قالماي، تازىلىقىمۇ ناچار بولىدۇ؛ بۇنداق يىمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستىمال قىلغاندا، بىۋاستە زىيانغا ئۇچرايدىغىنى، ئادەمنىڭ ئاشقازىنىدۇر. ئۇنىڭ ئۈستىگە، جىگەرنىڭ زەھەر تازىلاش ۋە مىتابولىزىملاش يۈكىمۇ ئېغىرلاپ، زەھەرلىك ماددىلارنىڭ جىگەردە يېغىلىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
1. پاسسىپ كەيپىيات
  نۇرغۇن كىشىلەر ئويلاپ باقمىغان بولۇشى مۇمكىن؛ ئەمىلىيەتتە، ھەمىشە ناچار پاسسىپ كەيپيات تەرپىدىن ئورىۋىلىنىغاندىمۇ، ئادەمنىڭ ئىچكى ئەزالىرى زىيانغا ئۇچرايدۇ. بولۇپمۇ، ناچار كەيپىيات جىگەر ئىقتىدارىغا تەسىر يەتكۈزۈپ، كۆكرەك سىقىلىش، باش ئاغرىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇندىن باشقا، ناچار كەيپىيات يەنە ئاشقازان ئۈچەينىڭ ھەزىم قىلىشىغا تەسىر كۆرسىتىپ، كىرەكسىز ماددىلارنى بەدەن سىرتىغا چىقىرۋىتىلىشىنىڭ تەس بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ھەمدە بۇ سەۋەپلىك ئاشقازان ئۈچەينىڭ ئەخلەت ۋە زەھەرلىك ماددىلارنى ئىككىنچى قېتىم سۈمۈرۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

مۇھەببىتى ساختا ئەرلەر سىزنى بۇ ئۈچ يەرگە باشلايدۇ

ئەر-ئاياللار مۇناسىۋىتىدە، ئۇچرىشىشقا چىقىش ناھايىتى مۇھىم بىر ئىش بولۇپ، ئەگەر سورۇن ياخشى تاللانغان، مۇھىت كەيپىياتىمۇ توغرا بولغان

تۆت يۈز جىڭلىق يىگىت ئۇرۇقلىدى، ئەمما ئازراقمۇ خۇشال بولالمىدى

نۇرغۇن كىشىلەر سەمىرىپ كىتىشكە باشلىغان بولۇپ، كۆپ قىسىم كىشىلەر خىزمەت ۋاقتىدا ئورۇنداقتا ئولتۇرۇپ ئىشلىگەنلىكى ئۈچۈن، سېمىزلەرنىڭ س

مۇھەببەتنى 32يىل دۈمبىسىدە يۈدۈپ ئۆتكەن ئايال

مۇھەببەتلىشىش ئەسلىدە بەخىتلىك ھەم گۈزەل بىر ئىش، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئۇنتۇلغۇسىز مۇھەببەت ئەسلىمىلىرى بار. بۈگۈن كۆپچىلىككە سۆزلەپ بەر

چۈمۈچ تۇتقانلار دىققەت: ياغ تەركىبى راستىنلا قورقۇنچلۇقمۇ؟

ئاز بولمىغان گۈزەللىكنى سۆيگۈچى كىشىلەر، گۆش تۈرىدىن تېخىمۇ قاچىدىغان بولۇپ، ھەرقېتىم غىزالىنىدىغان ۋاقىت كەلگەندە، ئۇلار يىمەكلىكنى

بۇ دادا قىزىغا ھەقىقەتەن بەك ئامراق ئىكەن

قىزىنىڭ ئارزۇسىنى قانائەتلەندۈرۈش ئۈچۈن، دادا ئىككى مىليۇن يۈەن پۇل سەرپ قىلىپ، ئۆيىنىڭ ئىچى سىرتىنى پۈتۈنلەي قايتىدىن زىننەتلەپ ياسا

ئىممونت كۈچى، دۇنيادىكى ئەڭ ئۈنۈملۈك دورا

نۇرغۇن كىشىلەر بۇ مەزگىلدە ئاسانلا زۇكام بولۇپ قالىدۇ. گەرچە بۇ بەلگىلىك دەرىجىدە كىلىمات تىمپىراتۇرا پەرقى سەۋەپلىك بولسىمۇ، ئەمما ئە

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号