ئاق شىكەر، قارا شىكەر ۋە ناۋات ئىچىدە قايسىسى ئەڭ ساغلام؟
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 36524:قېتىم كورۇلدى
   كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا، شىكەر كۆپ ئۇچرايدىغان بىر خىل يىمەكلىك بولۇپ، ئادەتتە كۆپ ئىشلىتىلىدۇ. شىكەرنىڭ تۈرلىرىمۇ كۆپ بولۇپ، قارا شىكەر، ئاق شىكەر، ۋە ناۋات دەپ ئايرىلىدۇ. ئۇنداقتا، ئاق شىكەر، قارا شىكەر، ناۋات قاتارلىقلارنىڭ قايسىسى ئەڭ ساغلام كىلىدۇ؟
   ئالدى بىلەن، مەيلى قارا شىكەر، ئاق شىكەر ياكى ناۋات بولسۇن، ھەممىسىلا قۇمۇچ شىكىرىگە تەۋە بولۇپ، پەقەت ئىشلەپچىقىرىشى ئۇسۇلى جەھەتتە پەرقلىنىدۇ. مەسىلەن، قارا شىكەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلى نىسبەتەن ئاددى بولۇپ، ئادەتتە شىكەر قۇمۇچىنى بىۋاستە سىقىپ چىقارغان سۇنى سۈزگەندىن كىيىن، نىسبەتەن ئۇزۇن ۋاقىت قاينىتىپ قويۇلدۇرۇش ئارقىلىق ياسىلىدۇ. ئاق شىكەر بولسا، قىزىل شىكەر ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلى ئاساسىدا، رەڭ تاشلاش ۋە ساپالاشتۇرۇش ئېلىپ بېرىلىپ، كەينىدىن تەركىبىدىكى ئارىلاشما ماددىلارنى سۈزۈپ ئۆتكۈزىۋىتىپ، ئاخىرىدا ئاق شىكەر شەكىللىنىدۇ. ناۋات بولسا، ئاق شىكەرنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ، ئاۋال ئىرىتكەندىن كىيىن قايتىدىن كىرىستاللاشتۇرۇپ ياسىلىدىغان بولۇپ، ئاق شىكەرنىڭ قايتا كىرىستاللاشتۇرۇلغان مەھسۇلاتىدۇر.
   ئۇنداقتا، ئاق شىكەر، قارا شىكەر، ناۋات قاتارلىقلارنىڭ ئىچىدە، ئادەم بەدىنىگە نىسبەتەن قايسىسى ئەڭ ساغلام بولىدۇ؟ ئەمىلىيەتتە، قارا شىكەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىشى ئۇسۇلى نىسبەتەن ئاددى بولغاچقا، ئادەتتە ئۇزۇقلۇق تەركىبىنىڭ ئېقىپ خوراپ كىتىشى نىسبەتەن ئاز بولىدۇ؛ شۇڭا ئەسلىدە تەركىبىدە بار بولغان ئۇزۇقلۇق ماددىلىرىنىڭ كۆپ قىسمى ساقلاپ قېلىنىدۇ، شۇڭا، تەركىبىدىكى مىنرالنى ئىلمىنتلار، باشقا ئىككى خىلغا قارىغاندا كۆپ بولىدۇ. بىراق، پىششىقلاپ ئىشلەنگەن مەھسۇلات ھىسابلىنىدىغان ئاق شىكەر بىلەن ناۋات تەركىبىدە، شىكەر قۇمۇچى تەركىبىدىن باشقا ھېچقانداق ئۇزۇقلۇق تەركىبى بولمايدۇ ھەمدە ئىنىرگىيە تەركىبى نىسبەتەن يۇقىرى بولىدۇ. شۇڭا، قارا شىكەر، ئاق شىكەر، ناۋات ئىچىدە، قارا شىكەر بەدەنگە تېخىمۇ پايدىلىق بولۇپ، ئۇ بەدەنگە بەلگىلىك دەرىجىدە مىنرالنى ئىلمىنتلار ۋە باشقا خىل ئۇزۇقلۇقلارنى تەمىنلىيەلەيدۇ.
   گەرچە قارا شىكەر بەدەنگە تېخىمۇ پايدىلىق دەپ ئېيتىلسىمۇ، ئەمما قارا شىكەر، ئاق شىكەر ۋە ناۋاتنىڭ ئىشلىتىلىش ئۇسۇلى جەھەتتە پەرق بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ كۆرسىتىدىغان ئۈنۈمىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ.
قارا شىكەر
   قارا شىكەرنىڭ پىششىقلاپ ئىشلىنىدىغان ئىش تەرتىۋى نىسبەتەن ئاز بولۇپ، ئۇنىڭ تەركىبىدە ساقلىنىپ قالىدىغان ئۇزۇقلۇق ماددىلار نىسبەتەن كۆپ بولىدۇ؛ شۇڭا، قارا شىكەرنىڭ بەلگىلىك دەرىجىدە ئاشقازان ئۆتنى ساغلاملاشتۇرۇش، قان تۇلۇقلاش، قاننى جانلاندۇرۇش قاتارلىق رولى بار.
ئاق شىكەر
   گەرچە ئاق شىكەرنىڭ تاتلىق تەمى قارا شىكەرنىڭكىگە يەتمىسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ساپلىق دەرىجىسىمۇ نىسبەتەن يۇقىرى؛ شۇڭا ئادەتتە تاماق قىلغاندا، تەم كىرگۈزۈش ئۈچۈن ئىشلىتىشكە بەكرەك ماس كىلىدۇ.
ناۋات
   ناۋاتنى پىششىقلاپ ئىشلەش جەريانىدا، گەرچە كۆپ قىسىم ئۇزۇقلۇق تەركىبى ئېقىپ كىتىدىغان بولسىمۇ، بىراق ئۇ كىرىستاللاشقان تۈزۈلۈشتىكى مەھسۇلات بولغاچقا، تەمى نىسبەتەن بوش كىلىدۇ ھەمدە ئۆپكىنى قۇۋۋەتلەپ ھۆتەلنى توختىتىش رولىنى ئوينايدۇ.

مۇھەببىتى ساختا ئەرلەر سىزنى بۇ ئۈچ يەرگە باشلايدۇ

ئەر-ئاياللار مۇناسىۋىتىدە، ئۇچرىشىشقا چىقىش ناھايىتى مۇھىم بىر ئىش بولۇپ، ئەگەر سورۇن ياخشى تاللانغان، مۇھىت كەيپىياتىمۇ توغرا بولغان

تۆت يۈز جىڭلىق يىگىت ئۇرۇقلىدى، ئەمما ئازراقمۇ خۇشال بولالمىدى

نۇرغۇن كىشىلەر سەمىرىپ كىتىشكە باشلىغان بولۇپ، كۆپ قىسىم كىشىلەر خىزمەت ۋاقتىدا ئورۇنداقتا ئولتۇرۇپ ئىشلىگەنلىكى ئۈچۈن، سېمىزلەرنىڭ س

مۇھەببەتنى 32يىل دۈمبىسىدە يۈدۈپ ئۆتكەن ئايال

مۇھەببەتلىشىش ئەسلىدە بەخىتلىك ھەم گۈزەل بىر ئىش، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئۇنتۇلغۇسىز مۇھەببەت ئەسلىمىلىرى بار. بۈگۈن كۆپچىلىككە سۆزلەپ بەر

چۈمۈچ تۇتقانلار دىققەت: ياغ تەركىبى راستىنلا قورقۇنچلۇقمۇ؟

ئاز بولمىغان گۈزەللىكنى سۆيگۈچى كىشىلەر، گۆش تۈرىدىن تېخىمۇ قاچىدىغان بولۇپ، ھەرقېتىم غىزالىنىدىغان ۋاقىت كەلگەندە، ئۇلار يىمەكلىكنى

بۇ دادا قىزىغا ھەقىقەتەن بەك ئامراق ئىكەن

قىزىنىڭ ئارزۇسىنى قانائەتلەندۈرۈش ئۈچۈن، دادا ئىككى مىليۇن يۈەن پۇل سەرپ قىلىپ، ئۆيىنىڭ ئىچى سىرتىنى پۈتۈنلەي قايتىدىن زىننەتلەپ ياسا

ئىممونت كۈچى، دۇنيادىكى ئەڭ ئۈنۈملۈك دورا

نۇرغۇن كىشىلەر بۇ مەزگىلدە ئاسانلا زۇكام بولۇپ قالىدۇ. گەرچە بۇ بەلگىلىك دەرىجىدە كىلىمات تىمپىراتۇرا پەرقى سەۋەپلىك بولسىمۇ، ئەمما ئە

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号