كالا سۈتى ئىچىشتە بۇ ئالتە نوقتىغا دىققەت قىلماق لازىم
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 6267:قېتىم كورۇلدى
   تۇرمۇشتا، مەيلى چوڭلار بولسۇن ياكى كىچىكلەر بولسۇن، كالا سۈتى ئىچىشنى ياخشى كۆرىدۇ؛ چۈنكى، كالا سۈتىنىڭ ئۇزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى. گەرچە كالا سۈتىنىڭ ئۇزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى بولسىمۇ، ئەمما سۈت ئىچىش قەريانىدا بەزىبىر كىچىك نوقتىلارغا دىققەت قىلمىغاندا، سۈت تەركىبىدىكى ئۇزۇقلۇقنىڭ ئېقىپ كىتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
كالا سۈتىگە قۇياش نۇرى بىۋاستە چۈشسە بولمايدۇ
   كالا سۈتى تەركىبىدىكى ۋىيتامىن B، ۋىيتامىن C قاتارلىق ماددىلار، قۇياش نۇرى بىۋاستە چۈشكەندىن كىيىن ناھايىتى تىزلا ئېقىپ خوراپ كىتىدۇ؛ چۈشكەن قۇياش نۇرى ناھايىتى ئاجىز بولغان تەقدىردىمۇ، ئالتە سائەت ۋاقىت ئۆتكەندىن كىيىن، ۋىيتامىنBنىڭ مىقدارىمۇ بىر ھەسسە تۆۋەنلەپ كىتىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، كالا سۈتىنى كۈن چۈشمەيدىغان تەسكەي ئورۇندا قويۇش كىرەك بولۇپ، سۈتنى قاچىلىغان قاچىمۇ تېشىدىن ئىچىنى كۆرگىلى بولىدىغان قاچا بولسا بولمايدۇ.
كالا سۈتىنى توڭلىتىپ ساقلاشقا بولمايدۇ
   كالا سۈتىنى ئۆي ئىچى نورمال تىمپىراتۇرسى ھالىتىدە ياكى توڭلاتقۇنىڭ سۇغۇق ساقلاش ئىشكابىدا ساقلاش كىرەك؛ ئەمما توڭلاتقۇنىڭ توڭلىتىش ئىشكابىغا سېلىپ ساقلاشقا بولمايدۇ. چۈنكى، كالا سۈتى توڭلىغاندىن كىيىن، تەركىبىدىكى ياغ، ئاقسىل قاتارلىق ماددىلار پارچىلىنىپ، زەررىچە ھالىتىدىكى چۆكمە ماددىلارنى ھاسىلى قىلىدۇ، تەمىمۇ سۇسلىشىپ، ئۇزۇقلۇق تەركىبى بەدەنگە ئاسانلىقچە سۈمۈرۈلمەيدىغان بولۇپ قالىدۇ.

كالا سۈتىنى زىيادە ئارتۇق قاينىتىۋىتىشكە بولمايدۇ
   بىز ھازىر ئاساسەن خالتىلىق سۈت ياكى بوتولكىلىق سۈت ئىچىمىز؛ بۇ خىلدىكى سۈت، ئەسلىدىنلا ئېغىزىنى ئاچقاندىن كىيىن بىۋاستە ئىچىشكە بولىدىغان سۈت مەھسۇلاتى بولسىمۇ، ئەمما بەزى كىشىلەر، سۈتنى ئىسسىتىپ ئىچىشنى ياخشى كۆرىدۇ. بىراق، كالا سۈتى تەركىبىدىكى ئاقسىللار، يۇقىرى تىمپىراتۇرغا ئۇچرىغاندىن كىيىن، شىلىمشىق سۇيۇق ھالەتتىن شىلىمشىق قاتتىق ھالەتكە ئۆزگىرىدىغان بولۇپ، چۆكمە ماددىلار ھاسىل بولۇپ ئۇزۇقلۇق قىممىتى زىيانغا ئۇچرايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئادەتتە سۈتنى ئىسسىتىپ ئىچمەكچى بولساق، ئۇنى قايناتماي، بەلكى ئورالما قېپى بىلەنلا قايناقسۇغا ئىككى ئۈچ مىنۇت چىلاپ قويۇش ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ ئىسسىتىپ ئىچسەك بولىدۇ.
كالا سۈتىنى مىس قازاندا قاينىتىشقا بولمايدۇ
   ئالدىدا ئېيتقىنىمىزغا ئوخشاش، بەزى كىشىلەر سۈتنى قاينىتىپ ئىچىشنى ياخشى كۆرىدۇ. ئەگەر چوقۇم قاينىتىپ ئىچىشكە توغرا كەلسە، ئۇنداقتا مىس قازان ئىشلەتمەسلىك كىرەك؛ چۈنكى، مىس ماددىسى، ۋىيتامىن Cنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىدىغان بولۇپ، ئۇزۇقلۇق قىممىتىنىڭ خوراپ يوقاپ كىتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

كالا سۈتىنى ئاچ قوساققا ئىچىشكە بولمايدۇ
   نۇرغۇن كىشىلەر، ئەتىگىنى ئورنىدىن تۇرغاندىن كىيىن بىر ئىستاكان سۈت ئىچىۋىلىشقا ئادەتلەنگەن؛ ئەمما ئاچ قوساققا كالا سۈتى ئىچسەك، سۈت تەركىبىدىكى ئاقسىل بىرۋاستە ئىنىرگىيەگە ئايلىنىپ خوراپ كىتىدۇ. شۇڭا، كالا سۈتى ئىچىشتىن ئاۋال، ئازراق بىرەر نەرسە يەۋالغاندىن كىيىن، ئاندىن باشقا يىمەكلىكلەرنى ئىستىمال قىلغاچ ئىستىمال قىلىش كىرەك.
كالا سۈتىنى چاي بىلەن تەڭ ئىستىمال قىلىشقا بولمايدۇ
   كالا سۈتىگە چاي قۇيسا ئەتكەنچاي بولىدۇ ھەم ئىچىشلىك بولىدۇ؛ بىراق، چاي تەركىبىدىكى تاننىك كىسلاتاسى، كالا سۈتى تەركىبىدىكى كالتىسي بىلەن بىرىكىۋالىدىغان بولۇپ، كالتسىينىڭ بەدەنگە سۈمۈرلۈشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ.

مۇھەببىتى ساختا ئەرلەر سىزنى بۇ ئۈچ يەرگە باشلايدۇ

ئەر-ئاياللار مۇناسىۋىتىدە، ئۇچرىشىشقا چىقىش ناھايىتى مۇھىم بىر ئىش بولۇپ، ئەگەر سورۇن ياخشى تاللانغان، مۇھىت كەيپىياتىمۇ توغرا بولغان

تۆت يۈز جىڭلىق يىگىت ئۇرۇقلىدى، ئەمما ئازراقمۇ خۇشال بولالمىدى

نۇرغۇن كىشىلەر سەمىرىپ كىتىشكە باشلىغان بولۇپ، كۆپ قىسىم كىشىلەر خىزمەت ۋاقتىدا ئورۇنداقتا ئولتۇرۇپ ئىشلىگەنلىكى ئۈچۈن، سېمىزلەرنىڭ س

مۇھەببەتنى 32يىل دۈمبىسىدە يۈدۈپ ئۆتكەن ئايال

مۇھەببەتلىشىش ئەسلىدە بەخىتلىك ھەم گۈزەل بىر ئىش، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئۇنتۇلغۇسىز مۇھەببەت ئەسلىمىلىرى بار. بۈگۈن كۆپچىلىككە سۆزلەپ بەر

چۈمۈچ تۇتقانلار دىققەت: ياغ تەركىبى راستىنلا قورقۇنچلۇقمۇ؟

ئاز بولمىغان گۈزەللىكنى سۆيگۈچى كىشىلەر، گۆش تۈرىدىن تېخىمۇ قاچىدىغان بولۇپ، ھەرقېتىم غىزالىنىدىغان ۋاقىت كەلگەندە، ئۇلار يىمەكلىكنى

بۇ دادا قىزىغا ھەقىقەتەن بەك ئامراق ئىكەن

قىزىنىڭ ئارزۇسىنى قانائەتلەندۈرۈش ئۈچۈن، دادا ئىككى مىليۇن يۈەن پۇل سەرپ قىلىپ، ئۆيىنىڭ ئىچى سىرتىنى پۈتۈنلەي قايتىدىن زىننەتلەپ ياسا

ئىممونت كۈچى، دۇنيادىكى ئەڭ ئۈنۈملۈك دورا

نۇرغۇن كىشىلەر بۇ مەزگىلدە ئاسانلا زۇكام بولۇپ قالىدۇ. گەرچە بۇ بەلگىلىك دەرىجىدە كىلىمات تىمپىراتۇرا پەرقى سەۋەپلىك بولسىمۇ، ئەمما ئە

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号