ھاراق ئىچكەندىن كىيىن بەدەندە بۇ ئۈچ خىل ئالامەت كۆرۈلسە
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 6612:قېتىم كورۇلدى
   ھاراق ئىچىش، نۇرغۇن ئادەملەردە دائىملىك كۆرىلىدىغان بىر ئىش بولۇپ، دوستلار يېغىلىشىدا ۋە خىزمەتتىكى مىھماندارچىلىقلاردا كەم قالمايدۇ. بىراق، ھاراقنى لايىقىدا ئىچسەك بەدەنگە پايدىلىق بولغان بىلەن، كۆپ ئىچىۋالغاندا سالامەتلىككە زىيان يەتكۈزىدۇ؛ چۈنكى، ھاراق تەركىبىدىكى ئىسپىرت، بۆرەكنىڭ بېسىمىنى ئېغىرلىتىۋىتىدۇ.
   ھاراقنى كۆپ ئىچكەندە، بۆرەككە زىيان يەتكۈزۈپلا قالماي، يەنە بەدەننىڭ باشقا ئەزالىرىغىمۇ تەسىر كۆرسىتىدۇ. بىر ئادەم ئەگەر كۈندە كۆپ مىقداردا ھاراق ئىچسە، بۇ سەۋەپلىك ھاياتىغىمۇ تەھدىت يىتىشى مۇمكىن. شۇڭا، ھاراقنىڭ مىقدارىنى چوقۇم كونتىرول قىلىش كىرەك.
   ئەگەر، ھاراق ئىچكەندىن كىيىن بەدەندە بۇ ئۈچ خىل ئالامەت كۆرۈلسە، ئۇنداقتا ھاراقنى چوقۇم تاشلاش كىرەك.
ئىچى سۈرۈش
   بىر ئادەم ئەگەر ھاراقنى كۆپ ئىچىۋالسا، ئىچى سۈرۈيدىغان ئەھۋال كۆپ ئۇچرايدۇ؛ بۇ ئەمىلىيەتتە، بەدەندىكى ئىسپىرت مىقدارىنىڭ نورمىدىن كۆپ ئېشىپ كەتكەنلىكىنىڭ ئىپادىسى بولۇپ، بۆرەكنىڭ بېسىمىنىڭ ئېغىرلاپ كىتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇنداق ئەھۋال ئۇزۇن مەزگىل داۋاملىشىۋەرسە، بۆرەكنىڭ ئىقتىدارى تەدرىجى ھالدا زىيانغا ئۇچراپ، بەدەننىڭ مىتابولىزىم ئىقتىدارى تۆۋەنلەيدۇ ھەمدە بەزىبىر ھەزىم قىلماق تەس بولغان نەرسىلەرنى بۆرەكنىڭ مىتابولىزىملىيالماسلىقىنى كەلتۈرۈۈپ چىقىرىدۇ دە، بۇ سەۋەپلىك ئىچى سۈرۈش كۆرىلىدۇ.
باش قېيىش باش ئاغرىش
  ھاراق ئىچمەك تەس ئەمەس، ئەمما ھەممىلا ئادەم ھاراق ئىچىشكە ماس كىلىدىغانمۇ ئەمەس. بىر ئادەمدە، ئەگەر ھاراقنى بەك كۆپ ئىچمىگەن ئەھۋال ئاستىدىمۇ باش قېيىش ۋە باش ئاغرىش ئەھۋالى كۆرۈلسە، بۇ ئۇنىڭ ھاراق ئىچىشكە ماس كەلمەيدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. چۈنكى، ھاراق تەركىبىدىكى ئىسپىرتنىڭ ئادەم مىڭىسىگە قارىتا غىدىقلاش رولى بار بولۇپ، ئەگەر بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا يەنە ھاراق ئىچىۋەرسە، ئادەمنىڭ مىڭە ئىقتىدارىغا تەسىر يىتىشى مۇمكىن. شۇنىڭ ئۈچۈن، ھاراق ئىچسىلا بېشى قېيىپ بېشى ئاغرىيدىغان كىشىلەرگە نىسبەتەن، ھاراقنى تاشلاش، دەرھال قىلىشقا تىگىشلىك ئىشتۇر.
ماغدۇرسىزلىنىش تۇيغۇسى پەيدا بولۇش
    بىر ئادەم ھاراق ئىچىشنى ياخشى كۆرسە ھەمدە دائىم ھاراق ئىچسە، ئۇنداقتا ھاراق ئىچكەندىن كىيىن، ماغدۇرسىزلىنىش ھىس قىلىدىغان قىلمايدىغانلىقىغا دىققەت قىلىشى كىرەك. ئەگەر ھاراق ئىچكەندىن كىيىن ماغدۇرسىزلىنىش ئەھۋالى كۆرۈلسە، ئۇنداقتا ھاراقنى تاشلاش لازىم بولىدۇ. چۈنكى، ھاراقتىن كىيىن ماغدۇرسىزلىنىش، ھاراق تەركىبىدىكى ئسىپىرتنىڭ بەدەننىڭ مىتابولىزىمىغا تەسىر كۆرسەتكەنلىكىدىن بولۇپ، بەدەنگە لازىملىق بولغان ئۇزۇقلۇق يەتكۈزۈشنىڭ توسالغۇغا ئۇچرىغانلىقىدىن بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ھاراق ئىچكەندىن كىيىن ماغدۇرسىزلىنىش ھىس قىلىدىغان ئەھۋال كۆرۈلگەندە، ئەڭ ياخشىسى ۋاقتىدا ھاراق تاشلاش كىرەك.

مۇھەببىتى ساختا ئەرلەر سىزنى بۇ ئۈچ يەرگە باشلايدۇ

ئەر-ئاياللار مۇناسىۋىتىدە، ئۇچرىشىشقا چىقىش ناھايىتى مۇھىم بىر ئىش بولۇپ، ئەگەر سورۇن ياخشى تاللانغان، مۇھىت كەيپىياتىمۇ توغرا بولغان

تۆت يۈز جىڭلىق يىگىت ئۇرۇقلىدى، ئەمما ئازراقمۇ خۇشال بولالمىدى

نۇرغۇن كىشىلەر سەمىرىپ كىتىشكە باشلىغان بولۇپ، كۆپ قىسىم كىشىلەر خىزمەت ۋاقتىدا ئورۇنداقتا ئولتۇرۇپ ئىشلىگەنلىكى ئۈچۈن، سېمىزلەرنىڭ س

مۇھەببەتنى 32يىل دۈمبىسىدە يۈدۈپ ئۆتكەن ئايال

مۇھەببەتلىشىش ئەسلىدە بەخىتلىك ھەم گۈزەل بىر ئىش، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئۇنتۇلغۇسىز مۇھەببەت ئەسلىمىلىرى بار. بۈگۈن كۆپچىلىككە سۆزلەپ بەر

چۈمۈچ تۇتقانلار دىققەت: ياغ تەركىبى راستىنلا قورقۇنچلۇقمۇ؟

ئاز بولمىغان گۈزەللىكنى سۆيگۈچى كىشىلەر، گۆش تۈرىدىن تېخىمۇ قاچىدىغان بولۇپ، ھەرقېتىم غىزالىنىدىغان ۋاقىت كەلگەندە، ئۇلار يىمەكلىكنى

بۇ دادا قىزىغا ھەقىقەتەن بەك ئامراق ئىكەن

قىزىنىڭ ئارزۇسىنى قانائەتلەندۈرۈش ئۈچۈن، دادا ئىككى مىليۇن يۈەن پۇل سەرپ قىلىپ، ئۆيىنىڭ ئىچى سىرتىنى پۈتۈنلەي قايتىدىن زىننەتلەپ ياسا

ئىممونت كۈچى، دۇنيادىكى ئەڭ ئۈنۈملۈك دورا

نۇرغۇن كىشىلەر بۇ مەزگىلدە ئاسانلا زۇكام بولۇپ قالىدۇ. گەرچە بۇ بەلگىلىك دەرىجىدە كىلىمات تىمپىراتۇرا پەرقى سەۋەپلىك بولسىمۇ، ئەمما ئە

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号