ئەر-خوتۇن مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزۈل كىسىل بۇزۇلغانلىقىنىڭ ئالامەتلىرى
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 6727:قېتىم كورۇلدى
   مۇھەببەت، توي تۇرمۇشىنى قامداشتىكى بىردىنبىر ئىنىرگىيە بولۇپ، ئوتتۇرلۇقتا مۇھەببەت قالمىغان ئەر-خوتۇنلار خۇددى ئۆلۈك سۇغا ئوخشاش، ئۇلاردا ھېچقانداق ھاياتى كۈچ بولمايدۇ.
   تۆۋەندىكى سەككىز خىل ھالەت، ئەر-خوتۇنلار مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزۈل-كىسىل بۇزۇلغانلىقىنى بىلدۈرىدىغان بولۇپ، بۇنداق ئەر-خوتۇنلار ئاجراشماي يەنە بىرگە ئولتۇرۋالسا، ھېچقانداق ئەھمىيىتى بولمايدۇ.
   1. ئەر-خوتۇنلار گاچىغا ئوخشاش كۈن ئۆتكۈزۈپ، بىر-بىرىگە قەتئى گەپ قىلماسلىق، پىكىر ئالماشتۇرماسلىق، ھەتتا ناتۇنۇش ئادەملەردەكمۇ بولالماسلىق.
   2. ئەر-خوتۇن ئىككى تەرەپ بىر-بىرىنى يوققا چىقىرىپ، ئۆز-ئارا كۆڭۈل بۆلۈشمەسلىك، بىر-بىرىنىڭ ئۆلۈك تىرىكى بىلەن كارى بولماسلىق؛ قارشى تەرەپنىڭ بارلىق قىلمىشلىرىنى ئۆزى بىلەن مۇناسىۋەتسىز دەپ قاراپ، ھېچنىمىگە كۆڭۈل بۆلمەيدىغان سۇغۇق مىجەز بولۇپ قېلىش.
   3. جىنسىيەتسىز توي تۇرمۇشىغا ئۆزگىرىپ، ئەر-خوتۇنلۇق جىنسىي تۇرمۇشىنى ئۇزۇن مۇددەت ئۈزۈپ قويۇش؛ ئۆز-ئارا جىسمىنىڭ بىر-بىرىگە ھېچقانداق جەلپ قىلىش كۈچى قالمايلا قالماي، يەنە تېخى قارشى تەرەپتىن زىرىكىش ھىس قىلىش، ھەتتا يىرگىنىدىغان بولۇپ قېلىش.
   4. ئەر-خوتۇنلار خۇددى ئۈششۈك ھەرىسىگە ئوخشاش، ئازراقلا گەپ توغرا بولماي قالسا جىدەللىشىپ، قارشى تەرەپكە ھېچقانداق چىكىنىش يولى قالدۇرماسلىق؛ قوپال ۋە سەت گەپلەرنى قىلىپ بىر-بىرىنىڭ كۆڭلىگە ئازار بىرىش، ھەتتا قارشى تەرەپنىڭ ئاتا-ئانىسىنىمۇ قوشۇپ ھاقارەتلەش.
   5. ئوتتۇرلۇقتا ئىلگىرىكى قىزغىنلىقلار پۈتۈنلەي يوقاپ، قارشى تەرەپ بىلەن بىرگە ئۇخلاش ياكى ئۇخلىماسلىققا ئىرەنشىپ كەتمەسلىك، ئۇزۇن مۇددەت ئۆي ئايرىپ ئۇخلاپ، ئالاھىدە بىرەر ئىش بولمىسا، ئادەتتە ھەتتا يۈزمۈ كۆرۈشمەسلىك.
   6. ھەر ئىككى تەرەپنىڭ كۆڭلى سۇۋۇپ، قارشى تەرەپنىڭ ھەرقانداق بىر قىلمىشىدىن كۆڭلى ئازار يىمەيدىغان بولۇپ قېلىش؛ ئىزچىل تۈردە سۇغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى ھالىتىدە ئۆتۈپ، ھەتتا قارشى تەرەپ بىلەن جىدەللىشىشمۇ خوشياقمايدىغان بولۇپ قېلىش.
   7. ئەر-خوتۇن ھەر ئىككى تەرەپ ئائىلىگە كۆڭۈل بۆلمەي، ھەر ئىككىسى ئۆزىنىڭ ئويىنىنى ئويناش؛ سىرتتا ئويناپ ياشاپ، ھەدىسىلا يېرىم كىچىدە ئاندىن قايتىپ كىلىش، ھەتتا كىچە-كىچىلەپ ئۆيگە قايتماسلىق.
   8. قارشى تەرەپنى ھېچنىمىگە ئەرزىمەيدىغان ھىس قىلىدىغان بولۇپ ئۆزگىرىپ، قارشى تەرەپنى ھەرقانداق بىر جەھەتتىن باشقىلارغا يەتمەيدىغاندەك ھىس قىلىش؛ ھەمىشە قارشى تەرەپنى باشقىلار بىلەن سېلىشتۇرۇپ، باشقىلارنىڭ ئارتۇقچىلىقى ئارقىلىق قارشى تەرەپنىڭ كەمچىلىكىنى ئەيىبلەش، قارشى تەرەپنى ھېچنىمىگە ئەرزىمەيدىغان قاتارغا چىقىرىش.

مۇھەببىتى ساختا ئەرلەر سىزنى بۇ ئۈچ يەرگە باشلايدۇ

ئەر-ئاياللار مۇناسىۋىتىدە، ئۇچرىشىشقا چىقىش ناھايىتى مۇھىم بىر ئىش بولۇپ، ئەگەر سورۇن ياخشى تاللانغان، مۇھىت كەيپىياتىمۇ توغرا بولغان

تۆت يۈز جىڭلىق يىگىت ئۇرۇقلىدى، ئەمما ئازراقمۇ خۇشال بولالمىدى

نۇرغۇن كىشىلەر سەمىرىپ كىتىشكە باشلىغان بولۇپ، كۆپ قىسىم كىشىلەر خىزمەت ۋاقتىدا ئورۇنداقتا ئولتۇرۇپ ئىشلىگەنلىكى ئۈچۈن، سېمىزلەرنىڭ س

مۇھەببەتنى 32يىل دۈمبىسىدە يۈدۈپ ئۆتكەن ئايال

مۇھەببەتلىشىش ئەسلىدە بەخىتلىك ھەم گۈزەل بىر ئىش، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئۇنتۇلغۇسىز مۇھەببەت ئەسلىمىلىرى بار. بۈگۈن كۆپچىلىككە سۆزلەپ بەر

چۈمۈچ تۇتقانلار دىققەت: ياغ تەركىبى راستىنلا قورقۇنچلۇقمۇ؟

ئاز بولمىغان گۈزەللىكنى سۆيگۈچى كىشىلەر، گۆش تۈرىدىن تېخىمۇ قاچىدىغان بولۇپ، ھەرقېتىم غىزالىنىدىغان ۋاقىت كەلگەندە، ئۇلار يىمەكلىكنى

بۇ دادا قىزىغا ھەقىقەتەن بەك ئامراق ئىكەن

قىزىنىڭ ئارزۇسىنى قانائەتلەندۈرۈش ئۈچۈن، دادا ئىككى مىليۇن يۈەن پۇل سەرپ قىلىپ، ئۆيىنىڭ ئىچى سىرتىنى پۈتۈنلەي قايتىدىن زىننەتلەپ ياسا

ئىممونت كۈچى، دۇنيادىكى ئەڭ ئۈنۈملۈك دورا

نۇرغۇن كىشىلەر بۇ مەزگىلدە ئاسانلا زۇكام بولۇپ قالىدۇ. گەرچە بۇ بەلگىلىك دەرىجىدە كىلىمات تىمپىراتۇرا پەرقى سەۋەپلىك بولسىمۇ، ئەمما ئە

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号