ئۇرۇق تۇراي دىسىڭىز، بۇ ئۇششاق يىمەكلىكلەردىن يېراق تۇرۇڭ
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 6625:قېتىم كورۇلدى
    ئايال كىشى ئەگەر ئۇرۇق بەدەن شەكلىنى ساقلايمەن دىسە، ئۇنداقتا تۆۋەندىكى بۇ تۆت خىل ئۇششاق يىمەكلىكتىن يېراق تۇرۇشى كىرەك بولۇپ، بۇ ئۇششاق يىمەكلىكلەرنى ئىنىرگىيە تەركىبى، بىۋاستە ماي ئىچكەندىن قېلىشمايدۇ.
شىكەر قوشۇپ قورۇلغان كاشتان
   نۇرغۇنلىغان كوچا-كويلار ۋە بازارلاردا، شىكەر قوشۇپ قورۇلغان كاشتان، بىر خىل ئىنتايىن كۆپ ئۇچرايدىغان يىمەكلىك بولۇپ، كىشىلەرنىڭ ياقتۇرۇپ ئىستىمال قىلىشىغا ئىرىشكەن؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە، كاشتاننىڭ ئۇزۇقلۇق قىممىتىمۇ بىرقەدەر يۇقىرى. بىراق، ئۇرۇقلاۋاتقان كىشىلەر توپىغا نىسبەتەن، شىكەر قوشۇپ قورۇلغان كاشتاننى يەنىلا ئازراق ئىستىمال قىلىش ياكى ئىستىمال قىلماسلىق كىرەك. چۈنكى، كاشتاننىڭ كىراخمال تەركىبى نىسبەتەن يۇقىرى بولۇپ، يۇقىرى كاربون سۇ بىرىكمىلىرى تەركىبلىك يىمەكلىكلەرگە تەۋە؛ بۇ سەۋەپلىك، شىكەر قوشۇپ قورۇلغان كاشتاننى كۆپ ئىستىمال قىلغاندا، ئادەم بارغانسىرى سەمىرىپ كىتىدۇ.
بەرەڭگە ياپراقچىسى
   بەزى كىشىلەر كۈندىلىك تۇرمۇش جەريانىدا، بەرەڭگە ياپراقچىسى يىيىشنى ياخشى كۆرىدۇ؛ بىراق، سىز ئەگەر بەرەڭگە ياپراقچىسى ئىستىمال قىلىش بىلەن تەڭ ئۇرۇقلايمەن دىسىڭىز، ئۇنداقتا قەتئى خاتالاشقان بولىسىز. چۈنكى، بەرەڭگە ياپراقچىسىنىڭ ئىنىرگىيە تەركىبى يۇقىرى بولۇپ، بىر خالتا بەرەڭگە ياپراقچىسى يىيىش، نەچچە يۇتۇم ماي ئىچكەنگە ئوخشاش بولىدۇ.
گازىر
    گازىر، تۇرمۇشتا ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان ئۇششاق يىمەكلىك بولۇش بىلەن بىرگە، ئۇ يەنە ماي تارتىش خام ماتىريالى ھىسابلىنىدۇ. چۈنكى،  ئۇنىڭ ماي تەركىبى ناھايىتى يۇقىرى، 100گىرام گازىر 50گىرام مايغا تەڭ كىلىدۇ. شۇڭا، گازىرنى كۆپ چېقىۋەتسىمۇ، ئادەمنى سەمىرتىپ قويىدۇ.
قايماقلىق تورت
    قايماقلىق تورت، نۇرغۇن قىزلارنىڭ ئامرىقى؛ بىراق، قايماقلىق تورت تەركىبىدىكى يۇقىرى ئىنىرگىيە، ئادەم بەدىنىدىكى "گۆشلەرنى" بارغانسىرى كۆپەيتىۋىتىدۇ. ئىگىلەشلەرگە ئاساسلانغاندا، قايماقلىق تورتنىڭ ئىنىرگىيە تەركىبى، شاكىلاتتىنمۇ يۇقىرى ئىكەن. شۇڭا، ئەگەر ئۇرۇقلايمەن دىسىڭىز، ئەڭ ياخشىسى قايماقلىق تورت بىلەن خوشلىشىشىڭىز كىرەك.

مۇھەببىتى ساختا ئەرلەر سىزنى بۇ ئۈچ يەرگە باشلايدۇ

ئەر-ئاياللار مۇناسىۋىتىدە، ئۇچرىشىشقا چىقىش ناھايىتى مۇھىم بىر ئىش بولۇپ، ئەگەر سورۇن ياخشى تاللانغان، مۇھىت كەيپىياتىمۇ توغرا بولغان

تۆت يۈز جىڭلىق يىگىت ئۇرۇقلىدى، ئەمما ئازراقمۇ خۇشال بولالمىدى

نۇرغۇن كىشىلەر سەمىرىپ كىتىشكە باشلىغان بولۇپ، كۆپ قىسىم كىشىلەر خىزمەت ۋاقتىدا ئورۇنداقتا ئولتۇرۇپ ئىشلىگەنلىكى ئۈچۈن، سېمىزلەرنىڭ س

مۇھەببەتنى 32يىل دۈمبىسىدە يۈدۈپ ئۆتكەن ئايال

مۇھەببەتلىشىش ئەسلىدە بەخىتلىك ھەم گۈزەل بىر ئىش، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئۇنتۇلغۇسىز مۇھەببەت ئەسلىمىلىرى بار. بۈگۈن كۆپچىلىككە سۆزلەپ بەر

چۈمۈچ تۇتقانلار دىققەت: ياغ تەركىبى راستىنلا قورقۇنچلۇقمۇ؟

ئاز بولمىغان گۈزەللىكنى سۆيگۈچى كىشىلەر، گۆش تۈرىدىن تېخىمۇ قاچىدىغان بولۇپ، ھەرقېتىم غىزالىنىدىغان ۋاقىت كەلگەندە، ئۇلار يىمەكلىكنى

بۇ دادا قىزىغا ھەقىقەتەن بەك ئامراق ئىكەن

قىزىنىڭ ئارزۇسىنى قانائەتلەندۈرۈش ئۈچۈن، دادا ئىككى مىليۇن يۈەن پۇل سەرپ قىلىپ، ئۆيىنىڭ ئىچى سىرتىنى پۈتۈنلەي قايتىدىن زىننەتلەپ ياسا

ئىممونت كۈچى، دۇنيادىكى ئەڭ ئۈنۈملۈك دورا

نۇرغۇن كىشىلەر بۇ مەزگىلدە ئاسانلا زۇكام بولۇپ قالىدۇ. گەرچە بۇ بەلگىلىك دەرىجىدە كىلىمات تىمپىراتۇرا پەرقى سەۋەپلىك بولسىمۇ، ئەمما ئە

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号