تالاغا قاراش قىلمىشى ئەپۇ قىلىنىشى كىرەكمۇ يوق؟
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 6716:ئادەم ئۆگەندى
   سۆز قالدۇرۇش رايونىدا، ھەمىشە بەزى ئوقۇرمەنلەر سۆز قالدۇرۇپ، ئۆزىنىڭ جۈپتىنىڭ تالاغا قارىغانلىقى ھەققىدە ھال ئېيتىپ، ئۇنى كەچۈرۈشۈم كىرەكمۇ يوق دەپ سۇئال سورايدۇ. ئەمىلىيەتتە بۇنىڭدا جاۋابى ناھايىتى ئاددى؛ جاۋاپ، دەل سىزنىڭ كۆڭلىڭىزدە بولۇپ، بۇنىڭغا ئىككىنچى بىر ئادەم مەسلىھەت بىرەلمەيدۇ. مىنىڭ ئېيتالايدىغىنىم پەقەت شۇكى، ھەرقانداق بىر ئادەمنىڭ تالاغا قاراش ئىھتىماللىق بار.
   مىنىڭ بىر دوستۇم، ئالى  مەكتەپتىكى ۋاقىتتا، كىتابخۇمارلىقى چىقىپ تۇرىدىغان بىر ئوغۇل بالا بىلەن مۇھەببەتلەشتى. دوستۇم ئۇ ئوغۇل بالىنىڭ تۇنجى مۇھەببىتى بولۇپ، ئىككەيلەن مۇھەببەتلەشكەندىن كىيىن ناھايىتى ئىناق ئۆتتى؛ ئوغۇل ئوقۇشتىن سىرت ئىشلەپ تاپقان پۇللىرىنىڭ ھەممىنى دوستۇمغا خەجلەپ بىرەتتى، ھەمدە ھەمىشە "ئاپىغىم، جېنىم" دەپ ئېغىزىدىن چۈشۈرمەيتتى. بىراق، ئارىدىن بىر يىل ئۆتكەندىن كىيىن، ئۇ ئوغۇل بالا، بىزدىن بىر يىل تۆۋەن ئوقۇيدىغان باشقا بىر قىزنى تېپىۋالدى. بۇ ۋاقىتتا، ئۇ سۇغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى ئېلىپ بېرىش، دوستۇمغا قىلچىلىك كۆڭۈل بۆلمەسلىك ئۇسۇللار ئارقىلىق، دوستۇمنى ئايرىلىپ كىتىش تەلىۋىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا مەجبۇرلىدى؛ ئەلۋەتتە، ئۇ ئاخىرىدا مۇۋەپپىقىيەت قازاندى. دوستۇم بۇ ۋاقىتتا راستىنلا بەك ئازاپلىنىپ كەتتى؛ چۈنكى، ئوغۇل دوستى ئۈچۈن، ئۇ بارلىقىنى بېغىشلىغان بولسىمۇ، ئاخىرىدا بۇنداق بىر نەتىجىگە ئىرىشكەن ئىدى. بىراق ئۇ ئوغۇل بالا ناھايىتى خۇشال ئىدى؛ ئۇنىڭ قارشىچە، كىشىلىك ھايات شۇنچە ئۇزۇن تۇرسا، بىر نەچچە ئادەمنى ئالماشتۇرۇپ مۇھەببەتلىشىپ باقمىسا، ھاياتنىڭ قىزىقى بولمايتتى.
   ئىككىنچى ھىكايە بولسا، مىنىڭ تاغامنىڭ ئايالى. تاغام ياش ۋاقتىدىلا ناھايىتى ئالا كۆڭۈل بولۇپ، ھەمىشە تانسىخانىلاردىن چىقمايتتى؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئۇنىڭ چىرايىمۇ قاملاشقان كەلگەن بولغاچقا، ئاياللارنىڭ تولىمۇ ئالقىشىغا ئىرىشەتتى. ئۇنىڭ بىرىنچى ئايالى، دەل تاغامنىڭ بۇ خىل شاللاقلىقىغا چىداپ بولالماي ئۇنىڭ بىلەن ئاجرىشىپ كەتكەن. تاغامنىڭ ئىككىنچى ئايال ناھايىتى قالتىس بىر ئايال بولۇپ چىقتى. ئۇ ئۆزلىكىدىن تانسا ئويناشنى ئۆگىنىپ، تاغام بىلەن تانسىخانىلارغا بىللە باردى. كىيىن تاغامنىڭ بۇ ئايالى، ئىرىنىڭ تانسا ئوينىغاندىن باشقا تالاغا قارىغانلىق ئىسپاتىنى قولغا چۈشۈرۋىلىپ، بالىنى، بوۋام بىلەن مومامنى ۋە تاغامنىڭ يۈز-ئابرويىنى دەستەك قىلىپ تۇرۇپ تاغامغا تەھدىت سالدى. بۇنداق ئەھۋالدا، تاغاممۇ ئاخىرى ئۆزىنى تۇتىۋىلىپ، مىجەزىنى ئۆزگەرتىشكە باشلىدى.
   شۇنداق، بۇ ئىككى ھىكايىدىكى ئايال، مەيلى يېشى چوڭ-كىچىك بولسۇن، مۇھەببىتى چوڭقۇر ياكى سۇس بولسۇن، ھەر ئىككىسى تالاغا قارىغۇچىنى ئەپۇ قىلىشنى تاللىغان. ئەمىلىيەتتە، دۇنيادىكى %98ئايال كىشى ئەپۇ قىلىشنى تاللايدۇ، ئەمما ھەممەيلەننىڭ ئىرىشكەن نەتىجىسى ئوخشاش بولمايدۇ. تالاغا قاراشنىڭ، ئەخلاققا مۇخالىپ خاتا قىلمىش ئىكەنلىكىنى ھەممىمىز بىلىمىز؛ ئۇ، ئەخلاققا، مۇھەببەتكە ۋە توي تۇرمۇشىغا قىلىنغان ساداقەتسىزلىك بولۇپ، ئەيىبلىنىشكە تىگىشلىك. بىراق، بىز جۈپتىمىزنىڭ قىلمىشىنى پۈتۈنلەي كونتىرول قىلىشقا مەڭگۈ ئامالسىز؛ ئەگەر سىز ئۇنىڭدا تالاغا قاراش قىلمىشى كۆرۈلۈپ قالغاندا ئەپۇ قىلالمايدىغان بولسىڭىز، ئۇنداقتا تويلىشىشنىڭ ياكى مۇھەببەتلىشىشنىڭ ئالدىدىلا ئۇنىڭغا ئۆزىڭىزنىڭ پىرىنسىپىنى ئىنىق قىلىپ چۈشەندۈرۈپ قويىشىڭىز كىرەك.
   تالاغا قاراش ياكى قارىماسلىق، ئادەمنىڭ ئۆزىنىڭ تاللىشى بولۇپ، بەزىدە ھەتتا ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىمۇ قانداق تاللاشنى كونتىرول قىلىپ بولالماسلىقى مۇمكىن. بىراق، پىرىنسىپاللىقى كۈچلۈك بولغان كىشىلەر، ئۆزىنىڭ جۈپتىنىڭ تالاغا قاراش قىلمىشىنى قەتئى قوبۇل قىلالمايدىغان بولۇپ، بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا، ئاخىرىدا ئايرىلىشتىن باشقا يول قالمايدۇ.
   ئادەم بەزىدە، ئۆزىنىڭ جۈپتى توقىغان چۈشنىڭ ئىچىدە ياشايدۇ؛ بۇ بەلكىم، باشقىچە بىر خىلدىكى مۇھەببەت بولۇشى مۇمكىن. بۇ خىل قاباھەتكە ئۇچرىغانلارغا قارىتا، مەن، ئەپۇ قىلىشنى تاللىغانلارنى ھۆرمەتلەيمەن؛ بۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئايرىلىشنى تاللىغان كىشىلەرگە تېخىمۇ قايىل بولىمەن.

قورۇما قورىغاندا تۇزنى قايسى ۋاقىتتا قوشۇش كىرەك

يىمەكلىك تۇزى، تۇرمۇشىمىزدىكى كەم بولسا بولمايدىغان خۇرۇچ ماتىريالى بولۇپ، ئەگەر تۇز قوشۇلمىسا، ھەرقانچە يىيىشلىك يىمەكلىكمۇ تەمسىز ت

چەتئەللىك ئايال ئوڭۇشلۇق ھالدا بەشكىزەك قىز تۇغدى

ئىگىلەشلەرگە قارىغاندا، ئامىرىكا خىيوستوندىكى بىر دوختۇرخانىدا، بىر ھامىلدار ئايال بەشكىزەك قىز تۇغقان بولۇپ، بۇ، يېقىنقى 50يىلدىن بىر

بىر ئايالنىڭ يازغان يىللىق "خىزمەت" خۇلاسىسى

يىللار ئاتقان ئوققا ئوخشايدۇ. ئاياللارغا تەۋە بولغان ۋاقىت تېخىمۇ رەھىمسىزرەك بولۇپ، بولۇپمۇ 30ياشتىن ئاشقان ئاياللار بىر تەرەپتىن خىزم

كۈنلىرىڭىز قانچە تەسلەشكەنسىرى، بۇ تۆت ئىشتا شۇنچە چىڭ تۇرۇڭ

قىيىنچىلىققا تولغان كۈنلەر، قوش بىسلىق پىچاققا ئوخشايدىغان بولۇپ، ئۈمىدۋار كىشىلەرگە نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئۇ بىر خىل ھەرىكەتلەند

قان بېسىمنى كونتىرول قىلىشتىكى خاتا قاراشلار

بۇنداق ئەھۋالدا، قان تۇمۇرلىرىدا كۆپۈپ قېلىش ۋە ئاجىز نوقتىلار كۆرۈلۈش ئىھتىماللىقى بار بولۇپ، بۇ جايلاردا ھەر ۋاقىت يېرىلىش ۋە توسۇلۇ

"كۆڭلى" نامرات ئەرگە ياتلىق بولسىڭىز، بىر ئۆمۈر جاپا تارتىسىز

ئاياللار ئۆزىگە لايىق تاللىغاندا، كۆپىنچە ئاياللارنىڭ ئويلىشىدىغىنى، ئۇنىڭ ئىقتىسادى ئاساسى بار يوقلۇقى ئەمەس، بەلكى ئۇ ئەركىشىنىڭ كە

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号