بۇ بەش خىل كىسەللىك ئاچچىقلىنىشتىن كىلىپ چىقىدۇ
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 6932:ئادەم ئۆگەندى
   بىز بەزىدە، "پالانى ئاچچىقىدىن ئاغرىپ قاپتۇ" دىگەندەك گەپلەرنى ئاڭلايمىز؛ ئۇنداقتا، ئاچچىقلىنىش، راستىنلا ئادەمنى كىسەل قىلىپ قويامدۇ؟ ئەمىلىيەتتە، ئاچچىقلىنىشنىڭ بەدەنگە بولغان زىيىنى ئىنتايىن چوڭ. ئەگەر ھەمىشە ئاچچىقلىنىش ۋە كەيپىيات ئۆزگىرىشى نىسبەتەن چوڭ بولغان ئەھۋالدا تۇرساق، كىسەللىكمۇ بىزنىڭ بەدىنىمىزگە ھۇجۇم قىلىدۇ. تۆۋەندىكى بەش خىل كىسەللىك، ئاچچىقلىنىشتىن كىلىپ چىقىدۇ؛ شۇڭا ئادەتتە، ئاچچىقىڭىزنى بېسىۋالغىنىڭىز ياخشى.
ئاشقازان قاناش
   ئاشقازان ساغلاملىقى، كەيپىيات بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئادەمنىڭ كەيپىياتى خۇش ۋاقىتتا، ئىشتىھاسىمۇ ئېچىلىپ قالىدۇ؛ كەيپىياتى ناچار ۋاقىتتا بولسا، تاماق يىگۈسى كەلمەيدۇ. ئوخشاش بولمىغان ھىسيات ئىنكاسلىرىنىڭ ئاشقازان-ئۈچەي يوللىرىغا بولغان تەسىرى ئوخشاش بولمايدىغان بولۇپ، ھەمىشە ئاسان ھاياجانلىنىدىغان ۋە ئاسان تىرىكىدىغان كىشىلەردە، ئاسانلا ئاشقازان قاناش كۆرىلىدۇ. ئەگەر ھاياجانلىنىش بەك زىيادە بولۇپ كەتسە، ھەتتا ئاشقازان ئۈچەي چاپلاشقاق پەردىسى شەلۋەرەش ۋە يارا بولۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
يۈرەك مۇسكۇللىرىغا قان ۋە ئوكسىگىن يىتىشمەسلىك
   ئادەم قاتتىق غەزەپلەنگەن ۋاقىتتا، يۈرەك ئىچكى قىسمىدىكى ئارتىرىيە قان تۇمۇرلىرى يېغىلىپ تارتىشىدۇ ھەمدە بۇ سەۋەپلىك قىسمەن خارەكتىرلىك قان بىلەن تەمىنلەش يىتىشمەسلىك ئەھۋالى كىلىپ چىقىدۇ. بۇندىن باشقا، مىجەزى قوپال ھەم تىرىككەك بولۇپ قېلىش، يۈرەك كىسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنقى ئالامىتى بولۇشى مۇمكىن بولۇپ، ئايرىم بىر قىسىم يۈرەك كىسەللىكلىرى بىمارلىرىنىڭ ئالدىنقى مەزگىللىرىدە، مىجەزى تۇيۇقسىز ناچار بولۇپ قېلىش، ئاسان غەزەپلىنىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرىلىدۇ؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە 60-50ياشلىق كىشىلەردە تېخىمۇ ئاسان كۆرىلىدۇ.
بالىياتقۇ كىسەللىكلىرى
   ئاياللار ھەمىشە ئاچچىقلانسا، ئاسانلا ئىچكى ئاجرالما ۋە ھورمۇنلارنىڭ ئاجرىلىشىدا بىنورماللىق پەيدا بولىدۇ. ئىچكى ئاجرالما ۋە ھورمۇنلارنىڭ ئاجرىلىشىدا بىنورماللىق كۆرۈلگەندىن كىيىن، بەدەندىكى ھەرقايسى ئەزالار، بۇنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ؛ بولۇپمۇ كۆپىيىش ئەزالىرى. بالىياتقۇ ئۆسمىسىنىڭ كۆرىلىشى، ئاياللىق ھورمۇنى زىيادە ئېشىپ كىتىش سەۋەبىدىن كۆرىلىدىغان بولۇپ، ئەگەر ئايال كىشى ھەمىشە ناچار كەيپىيات ھالىتىدە تۇرسا، ئۇنداقتا بەدىنىدىكى ھورمۇن سەۋيىسى يۇقىرى ئۆرلەپ، بالىياتقۇ كىسەللىكىگە گىرىپتار بولۇپ قالىدۇ.
ئۆپكە كىسىلى
   نۇرغۇن كىشىلەر، قاتتىق ئاچچىقلىنىش ھالىتىدە تۇرغان ۋاقىتتا، ئاسانلا ئۆپكىسى سىقىلىپ ئاغرىغاندەك ھىس قىلىدۇ. ئەگەر كەيپىيات ئۆزگىرىشى زىيادە چوڭ بولۇپ كەتسە، ئۇنداقتا نەپەسلىنىش تىزلىشىپ، ھەتتا زىيادە ئارتۇق ھاۋا ئالماشتۇرىدىغان ھادىسىلەر كۆرىلىدۇ؛ بۇنداق ئەھۋال، ئۆپكىنىڭ زىيادە كېڭىيىپ كىتىشىنى ھەمدە يىتەرلىك قويۇپ بىرىش ۋە ئارام ئېلىشقا ئىرىشەلمەسلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، بۇ سەۋەپلىك ئادەمدە ئۆپكىسى سىقىپ ئاغرىغاندەك ئەھۋال كۆرىلىدۇ.
جىگەر كىسەللىكى
   ئادەمنىڭ جىگەرقىسمىغا نۇرغۇنلىغان ئالماشتۇرۇش سىزىم نىرىپلىرى جايلاشقان بولۇپ، ھەمىشە ئاچچىقلىنىش ياكى كەيپىياتى ھەمىشە تۆۋەن ھالەتتە تۇرۇش، ئاسانلا بۇ سىزىم نىرىپلىرىغا تەسىر كۆرسىتىش ئارقىلىق قان بېسىمغا تەسىر كۆرسىتىدۇ ھەمدە بۇ سەۋەپلىك ئەزالارغا قان يىتىشمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ھۈجەيرىلەرنىڭ ئوڭشىلىشى ۋە قايتا ئۆسۈشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ.

قورۇما قورىغاندا تۇزنى قايسى ۋاقىتتا قوشۇش كىرەك

يىمەكلىك تۇزى، تۇرمۇشىمىزدىكى كەم بولسا بولمايدىغان خۇرۇچ ماتىريالى بولۇپ، ئەگەر تۇز قوشۇلمىسا، ھەرقانچە يىيىشلىك يىمەكلىكمۇ تەمسىز ت

چەتئەللىك ئايال ئوڭۇشلۇق ھالدا بەشكىزەك قىز تۇغدى

ئىگىلەشلەرگە قارىغاندا، ئامىرىكا خىيوستوندىكى بىر دوختۇرخانىدا، بىر ھامىلدار ئايال بەشكىزەك قىز تۇغقان بولۇپ، بۇ، يېقىنقى 50يىلدىن بىر

بىر ئايالنىڭ يازغان يىللىق "خىزمەت" خۇلاسىسى

يىللار ئاتقان ئوققا ئوخشايدۇ. ئاياللارغا تەۋە بولغان ۋاقىت تېخىمۇ رەھىمسىزرەك بولۇپ، بولۇپمۇ 30ياشتىن ئاشقان ئاياللار بىر تەرەپتىن خىزم

كۈنلىرىڭىز قانچە تەسلەشكەنسىرى، بۇ تۆت ئىشتا شۇنچە چىڭ تۇرۇڭ

قىيىنچىلىققا تولغان كۈنلەر، قوش بىسلىق پىچاققا ئوخشايدىغان بولۇپ، ئۈمىدۋار كىشىلەرگە نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئۇ بىر خىل ھەرىكەتلەند

قان بېسىمنى كونتىرول قىلىشتىكى خاتا قاراشلار

بۇنداق ئەھۋالدا، قان تۇمۇرلىرىدا كۆپۈپ قېلىش ۋە ئاجىز نوقتىلار كۆرۈلۈش ئىھتىماللىقى بار بولۇپ، بۇ جايلاردا ھەر ۋاقىت يېرىلىش ۋە توسۇلۇ

"كۆڭلى" نامرات ئەرگە ياتلىق بولسىڭىز، بىر ئۆمۈر جاپا تارتىسىز

ئاياللار ئۆزىگە لايىق تاللىغاندا، كۆپىنچە ئاياللارنىڭ ئويلىشىدىغىنى، ئۇنىڭ ئىقتىسادى ئاساسى بار يوقلۇقى ئەمەس، بەلكى ئۇ ئەركىشىنىڭ كە

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号