تۇخۇم پىشۇرسىڭىز ھەمىشە ئېتىلىپ كىتەمدۇ؟ بۇ ئۇسۇلنى سىناپ بېقىڭ
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 6666:قېتىم كورۇلدى
    ئادەتتە ئۆيدە تۇخۇم پىشۇرغان ۋاقىتتا، ھەمىشە تۇخۇمنى ئېتىلدۇرۇپ چىقىرۋىتىمىز. بۈگۈن كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە، ئاددى بىر ئۇسۇلنى تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز؛ بۇ ئۇسۇلنى سىناپ باقسىڭىز، تۇخۇم ئېتىلىپ كەتمەيلا قالماي، يەنە سويماقمۇ ئاسان بولىدۇ.
   بۇ ئۇسۇل ناھايىتى ئاددى. تۇخۇمنى پاكىزە يۇغاندىن كىيىن، ئۇنى قازاندىكى سۇغۇق سۇغا سېلىپ، ئالدى بىلەن ئوت ئېچىشقا ئالدىرماي، تۇخۇمنى سۇغا ئازراق ۋاقىت چىلاپ قويىمىز؛ بۇنىڭدا، تۇخۇمنىڭ ئىچكى قىسمىنىڭ تىمپىراتۇرسى سۇ بىلەن ئوخشاش ھالەتتە تەڭشىلىدۇ.
   ئوتنى ياققاندىن كىيىن، بىراقلا چوڭ ئوتتا پىشۇرۇشقا بولمايدۇ، ئوتتۇرا دەرىجىلىك ياكى كىچىك ئوتتا ئاستا-ئاستا قاينىتىپ پىشۇرۇش كىرەك؛ بۇنىڭدا، تۇخۇمنىڭ ئىچكى قىسىمىدىكى تىمپىراتۇرا بالدۇر ئۆرلەپ كەتمەيدۇ، بەلكى سۇنىڭ تىمپىراتۇرسى بىلەن تەڭ ئۆرلەيدۇ ھەمدە پىشۇرۇش جەريانىدا تۇخۇم ئېتىلىپ چىقىپ كەتمەيدۇ.
   7-6مىنۇت پىشۇرغاندىن كىيىن، ئوتنى ئۆچۈرۋىتىمىز، ئەمما تۇخۇمنى سۈزۈپ ئالغىلى ئالدىرماڭ؛ ئوتنى ئۆچۈرگەندىن كىيىن، تۇخۇمنى قازاندا بەش مىنۇت قويۇپ ئاندىن ئالساق، پىشۇرغان تۇخۇم بەك پىشىپمۇ كەتمەيدۇ ھەم سېرىغى بەك خاممۇ قالمايدۇ.
   بۇندىن باشقا، تۇخۇم پىشۇرغان سۇغا ئازراق ئاق ئاچچىقسۇ قوشۇۋەتسەك بولىدۇ؛ ئاچچىقسۇنىڭ تۇخۇم ئېقىنىڭ قېتىشىشقا قارشى تۇرۇشنى كۈچەيتىش رولى بار بولۇپ، بۇنىڭدا، پىشۇرۇش جەريانىدا تۇخۇم ئاسانلىقچە ئېتىلىپ چىقىپ كەتمەيدۇ.
   پىشۇرۇپ سۈزۈپ ئالغان تۇخۇمنى سۇغۇق سۇدىن بىر ئۆتكۈزۈۋەتسەك، بىر قىزىپ بىر سۇغۇش جەريانىدا، تۇخۇم شاكىلى بىلەن تۇخۇم ئارىسىدا بەلگىلىك بوشلۇق پەيدا بولۇپ، ئۆزلىكىدىن ئايرىلىپ تۇتىشىۋالمايدۇ، بۇ ۋاقىتتا تۇخۇمنى سويىماقمۇ تېخىمۇ ئاسان بولىدۇ.

مۇھەببىتى ساختا ئەرلەر سىزنى بۇ ئۈچ يەرگە باشلايدۇ

ئەر-ئاياللار مۇناسىۋىتىدە، ئۇچرىشىشقا چىقىش ناھايىتى مۇھىم بىر ئىش بولۇپ، ئەگەر سورۇن ياخشى تاللانغان، مۇھىت كەيپىياتىمۇ توغرا بولغان

تۆت يۈز جىڭلىق يىگىت ئۇرۇقلىدى، ئەمما ئازراقمۇ خۇشال بولالمىدى

نۇرغۇن كىشىلەر سەمىرىپ كىتىشكە باشلىغان بولۇپ، كۆپ قىسىم كىشىلەر خىزمەت ۋاقتىدا ئورۇنداقتا ئولتۇرۇپ ئىشلىگەنلىكى ئۈچۈن، سېمىزلەرنىڭ س

مۇھەببەتنى 32يىل دۈمبىسىدە يۈدۈپ ئۆتكەن ئايال

مۇھەببەتلىشىش ئەسلىدە بەخىتلىك ھەم گۈزەل بىر ئىش، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئۇنتۇلغۇسىز مۇھەببەت ئەسلىمىلىرى بار. بۈگۈن كۆپچىلىككە سۆزلەپ بەر

چۈمۈچ تۇتقانلار دىققەت: ياغ تەركىبى راستىنلا قورقۇنچلۇقمۇ؟

ئاز بولمىغان گۈزەللىكنى سۆيگۈچى كىشىلەر، گۆش تۈرىدىن تېخىمۇ قاچىدىغان بولۇپ، ھەرقېتىم غىزالىنىدىغان ۋاقىت كەلگەندە، ئۇلار يىمەكلىكنى

بۇ دادا قىزىغا ھەقىقەتەن بەك ئامراق ئىكەن

قىزىنىڭ ئارزۇسىنى قانائەتلەندۈرۈش ئۈچۈن، دادا ئىككى مىليۇن يۈەن پۇل سەرپ قىلىپ، ئۆيىنىڭ ئىچى سىرتىنى پۈتۈنلەي قايتىدىن زىننەتلەپ ياسا

ئىممونت كۈچى، دۇنيادىكى ئەڭ ئۈنۈملۈك دورا

نۇرغۇن كىشىلەر بۇ مەزگىلدە ئاسانلا زۇكام بولۇپ قالىدۇ. گەرچە بۇ بەلگىلىك دەرىجىدە كىلىمات تىمپىراتۇرا پەرقى سەۋەپلىك بولسىمۇ، ئەمما ئە

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号