مۇھەببەتكە ئاسىيلىق قىلىش مەسىلىسىدە، كۆپ قىسىم كىشىلەر ئۆزىنىڭ يۇشۇرۇن ئېڭىدا بۇ ھەقتە ئويلاپ باققان ياكى ئەندىشە قىلىپ باققان بولۇشى مۇمكىن.
شۇنداق، بىر ئادەمنى ياخشى كۆرۈپ قالغاندا، ئۇنىڭغا ئالاھىدە ئىتىبار بىلەن قاراپ، ھەتتا چۈشىدىمۇ، كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇ ئادەمنىڭ كىتىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ قالدىغان ئەھۋاللار بولىدۇ. چۈنكى، مۇھەببەتتە خەۋپ ساقلانغان؛ بىراق، بىزنىڭ بۇنىڭغا يۈزلەنمەي باشقا ئامالىمىز يوق.

بەلكىم سىز، قارشى تەرەپ سىزنىڭ چەك-پىرىنسىپىڭىزغا تاقىشىدىغان ئىش قىلغانلىقى ئۈچۈن غەزەپلىنىشىڭىز مۇمكىن؛ سىز ھەم ئۇنى چوڭقۇر سۆيگەنلىكىڭىز سەۋەبىدىن، ئۈمىدسىزلىككە تولىشىڭىز ۋە ئۇنىڭدىن نەپرەتلىنىشىڭىز مۇمكىن. ئەمىلىيەتتە، ساداقەتسىزلىك قىلمىشىنىڭ ئادەمنى ئەڭ ئازاپلايدىغان يىرى، ئۆزىگە بولغان ئۈزۈل-كىسىل ئىنكار قىلىش بولۇپ، ئادەم ئۆزىنى قىلچىلىك قىممىتى ۋە مەۋجۇتلۇق تۇيغۇسى قالمىغاندەك ھىس قىلىپ قالىدۇ.
ئەگەر كۈنلەرنىڭ بىرىدە، سىزنىڭ جۈپتىڭىز سىزگە ساداقەتسىزلىك قىلسا، سىز ئۇنى ئەپۇ قىلامسىز؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە، سىز ئۇ ئادەمنى راستىنلا بەك ياخشى كۆرىسىز. بۇ ھەقتە، بىز بىر نەچچە ئادەمنى زىيارەت قىلدۇق، ئۇلارنىڭ قانداق جاۋاپ بەرگىنىنى ئاڭلاپ باقايلى!
Aئەپەندىم: كەچۈرگىلى بولمايدۇ
ساداقەتسىزلىك قىلىش قىلمىشى، بىرىنچى قېتىم بولغانىكەن، ئىككىنچى قېتىممۇ بولىدۇ، ئۆزىگە-ئۆزى ئاۋارىچىلىق تاپقاننىڭ نىمە پايدىسى؟
مەيلى قانداقلا سەۋەپ بولمىسۇن، تالاغا قاراشنىڭ باھانىسى بولالمايدۇ. بۇ قېتىم ئۇ بىر باھانە تاپىدۇ، كىيىنكى قېتىم يەنە بىر باھانە تاپىدۇ، ھەرگىز ئاياغلاشمايدۇ.
مىنىڭچە، ئاخىرقى چەك پىرىنسىپى يوق، ھەتتا ئەڭ ئاساسى بولغان ساداقەتنىمۇ ساقلىيالمىغان ئايال كىشىدىن ئايرىلىپ كىتىش، ئەڭ توغرا بولغان تاللاش ھىسابلىنىدۇ.

Bئەپەندىم: كەچۈرۋىتەلمەيمەن
بۇ ئىش توغرىسىدا مەن ئىلگىرى ئايالىم بىلەن پاراڭلىشىپ باققان، بىز توي قىلىشتىن ئىلگىرىلا بۇ ھەقتە ئورتاق تۇنۇش ھاسىل قىلىۋالغان.
ئۇ بولسىمۇ، كەلگۈسىدە ئەگەر بىر تەرەپ ئۆزگىرىپ ياخشى كۆرمەيدىغان بولۇپ قالسا، بىۋاستە ئوتتۇرغا قويۇش، ھەرگىز قارشى تەرەپتىن يۇشۇرۇن ئۇنداق پەسكەشلىك قىلماسلىق. ئەگەر ئۇ باشقىلارنى ياخشى كۆرۈپ قالغان بولسا، ئالدىنئالا ماڭا ھەقىقى ئەھۋالنى ئېيتسا، مەن قول قويۇۋىتىشكە رازى بولىمەن. ئىشىنىمەنكى، بۇنداق ئايالنى ھەرقانداق بىر ئەركىشى تۇتۇپ قالىمەن دىمەيدۇ.
بىراق، ئەگەر ماڭا ئۇنىڭ ساداقەتسىزلىكىنى قوبۇل قىلىڭ ھەمدە ئۇنىڭ ساداقەتسىزلىكىنى ئەپۇ قىلىۋىتىڭ دىسە، مەن بۇنى قىلالمايمەن.
Cخانىم: ئەپۇ قىلىمەن
سىز بەلكىم جاۋابىمدىن ھەيران قېلىشىڭىز مۇمكىن؛ بىراق مەن سىزگە ئېيتسام، توي قىلغاندىن كىيىن، بۇ ئىشلارنى ئىش دىگىلى بولمايدۇ.
ئەگەر ئون يىل ئاۋالقى ۋاقتىم بولسا، مەن سىزگە ناھايىتى ئىنىق قىلىپ، ئەپۇ قىلمايمەن دەپ جاۋاپ بەرگەن بولاتتىم. ھازىر بىز ئوتتۇرا ياشقا يىتىپ قالدۇق، نۇرغۇن ئىشلارنى باشتىن ئۆتكۈزۈپ، بەزى ئىشلارغا بىر كۆزىمىزنى قىسىۋالدىغان بولۇپ قالدۇق. پەقەت ئۇ ۋاقتىدا ئۆيگە قايتىپ، مائاشىنى تۇلۇق تاپشۇرسىلا بولىدۇ.
مەندىن قانداق چىدايسىز دەپ سورىماڭ؛ مىنىڭ چەك-پىرىنسىپىم، ئاللىبۇرۇن تۇرمۇش ھەلەكچىلىكى تۈپەيلى خوراپ تۈگىگەن، مەن ھازىر ئاسمان ئۆرۈلۈپ چۈشىدىغان ئىش بولسىمۇ چىداپ كىتەلەيمەن.

Dخانىم: ئەھۋالغا قارايمەن
ئەگەر ئۇ پۇشايمان قىلىشنى بىلسە، مەن بەلكىم ئۇنىڭغا بىر قېتىم پۇرسەت بىرىشىم مۇمكىن، ئۇ ئىككىنچىلەپ بۇنداق خاتالىق سادىر قىلماسلىققا ۋەدە بەرسىلا بولىدۇ.
بىراق ئەگەر، ئۇ يەنىلا خاتالىقىنى تۇنىماي، داۋاملىق كونا يولدا مېڭىپ، قەلبى مەندە ياكى بۇ ئائىلىدە ئەمەس بولۇپ قالغان بولسا، ئۇنى ئەپۇ قىلغاننىڭمۇ كۆپ پايدىسى يوق؛ ئۇنىڭدىن كۆرە، ئۇنى بۇرۇنراق بىكارلاپ قويغان ياخشى.
Eخانىم: ئەڭ ياخشىسى ماڭا بىلىندۈرمىسۇن
ئەسلىدىنلا ئەپلەپ-سەپلەپ كۈن ئۆتكۈزىۋاتقان بولغاندىكى، ماڭا بىلىندۈرۈپ قويمىسىلا، مەن بىر كۆزۈمنى يۇمۇۋالسام بولىدۇ. بىراق ئەگەر مەن بىلىپ قالسام، مەن ئۇنىڭ بىلەن جىدەللىشىپ سوقۇشۇپمۇ يۈرمەيمەن؛ يۈك-تاقىلىرىمىنى يېغىشتۇرغانچە كىتىپلا قالىمەن.

يۇقارقىلار، بىز زىيارەت قىلغانلارنىڭ بەرگەن جاۋابى.
راستىنى ئېيتقاندا، ئۆزىگە ساداقەتسىزلىك قىلغان بىر ئادەمنى ئەپۇ قىلىش، خۇددى ئۆزىنىڭ بەدىنىدىن بىر پارچە گۆشىنى شىلىپ ئېلىۋەتكەنگە ئوخشاش ئازاپلىق. بەلكىم بەزىلەر ئەپۇ قىلىشنى تاللىغاندىن كىيىن، ئۆزىنى تەلەيلىك ھىس قىلىپ، بۇ ئىشنى ئىش قاتارىدا كۆرمەسلىكى مۇمكىن.
بىراق سىز شۇنى بىلىشىڭىز كىرەككى، ئەپۇ قىلىنىش، بۇ ئىشنىڭ پۈتۈنلەي ئۆتۈپ كەتكەنلىكىدىن ياكى ئۇنتۇلۇپ كەتكەنلىكىدىن دىرەك بەرمەيدۇ. چۈنكى، ئەپۇ قىلىش بىلەن، سىزنى ئەپۇ قىلغان ئادەمنىڭ سىزنى يەنە ئىلگىرىكىدەك ياخشى كۆرۈش كۆرمەسلىكى، ئىككىسى ئايرىم-ئايرىم ئىككى ئىش.