ئىرىگە تەلەي ئېلىپ كىلىدىغان ئاياللارنىڭ ئالاھىدىلىكى
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 5802:قېتىم كورۇلدى
    ئادەتتە، ئادەم ئۆزى قانداق بولسا شۇنداق ئادەمگە ئۇچرايدۇ ۋە شۇ خىلدىكى تۇرمۇش كەچۈرىدۇ؛ سىزنىڭ خارەكتىر ئالاھىدىلىكلىرىڭىز، سىزنىڭ ھازىرقى بارلىق ھالىتىڭىزنى بىۋاستە كەلتۈرۈپ چىقارغان بولىدۇ. ئۈمىدۋار ھەم تۇرمۇشقا تەشەببۇسكارلىق بىلەن پوزىتسىيە تۇتىدىغان بىر ئادەم، كۆپىنچە بەك ناچار بولۇپ كەتمەيدىغان بولۇپ، ئۇ تۇرمۇشنىڭ گۈزەللىكىنى بايقاشقا ماھىر بولىدۇ.
   بىراق، پاسسىپ ئىنىرگىيەگە تولغان بىر ئادەم، ھەر ۋاقىت چۈشكۈنلۈككە پېتىپ چىقالمايدۇ، ياخشى بىر كىشىلىك ھاياتقا ئىرىشىشى تېخىمۇ مۇمكىن بولمايدۇ. ئەمما سىز ئۆزىڭىزنىڭ قانداق ئادەم بولىشىنى تاللىسىڭىز ۋە ئۆزىڭىزنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ تېخىمۇ مۇنەۋۋەر ئادەمگە ئايلانسىڭىز بولىدۇ. ئەمىلىيەتتە، ئايال كىشى تۆۋەندىكىدەك بىر نەچچە خىل ئالاھىدىلىككە ئىگە بولسا، ئىرىگە تەلەي ھەم بەخىت ئېلىپ كىلىدۇ.
جاھاندارچىلىق مۇناسىۋىتىنى چۈشىنىپ يەتكەن
   دۇنيادا، ئادەم بىلەن ئادەم ئوتتۇرسىدىكى ئالاقە ئۈزۈلۈپ قالمايدۇ؛ بۇنداق ئەھۋالدا، جاھاندارچىلىق قىلىشنى، جۈملىدىن قانداق ئادەم بولۇشنى بىلىش، ئىنتايىن مۇھىم ھىسابلىنىدۇ. قانداق ئادەم بولۇشنى بىلمەيدىغان بىر ئايال كىشى، باشقىلارنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئىرىشەلمەيدۇ.
   بۇلۇپمۇ بىر بۆلەك توي مۇناسىۋىتى ئىچىدە، كىشىىك مۇناسىۋەتنى بىتەرەپ قىلىشنى ئۆگىنىۋالغاندا، نۇرغۇنلىغان مەسىلىلەردىن ۋە زىددىيەتلەردىن ساقلىنىپ قېلىشقا بولىدۇ. بۇنداق ئاياللار ئىرىنىڭ كۆڭلىنى خاتىرجەم قىلىدۇ ھەمدە ئۇلارنىڭ تېخىمۇ ياخشى كۆرۈشىگە ئىرىشەلەيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، مەيلى قانداقلا ۋاقىتتا بولمىسۇن، ئاياللار ئادەم بولۇشنىڭ داۋلىسىنى چۈشىنىشى، شۇنداق قىلغاندىلا، تۇرمۇشىنى تېخىمۇ ياخشى ئۆتكۈزەلەيدىغانلىقىنى تۇنۇپ يىتىشى كىرەك.
ئۈمىدۋارلىققا تولغان كۈلكىسىنى يوقاتمايدۇ
    ئادەم كىشىلىك تۇرمۇشتا ھەرخىل مەسىلىلەرگە دۇچ كىلىدۇ؛ بەزىدە ئىشلار ئوڭۇشلۇق بولىدۇ، بەزىدە ئوڭۇشسىزلىقلارغا ئۇچرايدۇ. بۇ ۋاقىتتا، ياخشى روھى كەيپىياتنى ساقلىغاندىلا، ئاندىن تۇرمۇشنى داۋاملاشتۇرۇپ كەتكىلى بولىدۇ. كۈلۈمسىرەشنىڭ كۈچى ئىنتايىن زور. بىر ئادەم قىيىنچىلىققا دۇچار بولغان ۋاقىتتا، سىزنىڭ كۈلكىڭىز ئۇنى تېخىمۇ كۈچلۈك قىلىپ، ئۇنىڭ تۇرمۇشقا تېخىمۇ سالماقلىق بىلەن يۈزلىنىشىگە پايدىلىق بولۇشى مۇمكىن.
   ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئاياللار ھامىشە كۈلۈمسىرىگە ھالىتىنى ساقلاپ بەرسە، بۇ باشقىلارنى يۇقۇملاندۇرۇپ، باشقىلارغا بىر خىل ئارامبەخىشلىك تۇيغۇسى ھىس قىلدۇرىدۇ، باشقىلارمۇ تەبىئىلا ئۇلارغا يېقىنلىشىدۇ. ئەرلەرگە نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، بۇ خىلدىكى ئاياللار خۇددى بەخىت يۇلتۇزىنىڭ ئۆزى بولۇپ، ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىنى خۇشاللىققا تولدۇرىدۇ.
قىيىنچىلىققا دۇچار بولغاندا قاقشاپ ئاغرىنمايدۇ
    تۇرمۇشىمىزدا، سىز قانداق كەيپىياتتا ئۆتسىڭىز، شۇنداق تۇرمۇشقا ئىگە بولىسىز. ئايال كىشى مەسىلىلەرگە دۇچ كەلگەندە سۇغۇققان بولۇپ ۋە ياخشى كەيپىيات ھالىتىنى ساقلاپ، مەسىلىنى ئاكتىپلىق بىلەن ھەل قىلىشى كىرەك ھەمدە تۇرمۇشتىن قاقشاپ ئاغرىنىشتىن ساقلىنىشى لازىم. بۇنداق ئايال كىشى بىلەن ئۆي تۇتقاندا، ئەر كىشىنىڭ تۇرمۇشقا يۈزلىنىشكە تېخىمۇ جۈرئىتى ھەم كۈچى بار بولىدۇ.
   ھەرقانداق ۋاقىتتا، تەڭسىزلىك بولۇپ قالىدىغان ئەھۋاللار بار؛ بىراق، ھەر بىر ئادەم ئۆزىنىڭ كىشىلىك ھاياتىنى تاللىيالمايدۇ. بىزنىڭ تاللاش ھوقۇقىمىز يوق، ئەمما ھەقىقى ئۆزىمىز بولۇپ ئۆتۈشنى تاللىيالايمىز. ئەگەر ئايال كىشى قىيىنچىلىققا يولۇققاندا قاقشاپ ئاغرىنىشتىن ساقلىنالىسا، كىشىلىك ھاياتقا تېخىمۇ ياخشى يۈزلىنەلەيدۇ. بۇنداق ئاياللار بىلەن بىرگە تۇرمۇش كەچۈرگەندە، تۇرمۇش ئەھۋالى بارغانسىرى ياخشى بولۇپ كىتىدۇ.
تەسەللى بىرىشنى ۋە توغرا يولغا يىتەكلەشنى بىلىدۇ
    بىر ئايال كىشىگە نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئۇنىڭ تەسىر كۈچى ئىنتايىن زور بولىدۇ؛ ئەركىشى قانداق ئايال كىشى بىلەن بىرگە ئۆتسە، شۇ خىلدىكى تۇرمۇشقا ئىگە بولىدۇ. ئىش ئۇقىدىغان، تەسەللى بىرىشنى بىلىدىغان، ئىرىنىڭ تايانچىسىغا ئايلىنالايدىغان ئايال كىشى، ئەر كىشىگە ئىللىقلىق بېغىشلايدۇ ۋە بۇ دۇنيانى گۈزەل ھىس قىلدۇرىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئايال كىشى بىر ئائىلىنىڭ ئىللىتقۇچى ھەم بۇنىڭ بىلەن بىرگە ھەرخىل زىددىيەتلەرنىڭ شەكىللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرگۈچى.
    بىراق، ياخشى بىر ئايال كىشى، بۇ مۇناسىۋەتنى قانداق بىتەرەپ قىلىش كىرەكلىكىنى ئوبدان بىلىدۇ. بۇنداق ئاياللار ئىرىگە تېخىمۇ بەخىت تەلەي ئېلىپ كىلىپ، ئۇلارنىڭ يۈكىنى يىنىكلىتىدۇ.

بۇ خىل ئسىتاكانلاردا سۇ ئىچسىڭىز زەھەر ئىچكەنگە باراۋەر

سۇ ئىچىش، كىشىلىك ھاياتتىكى ئەڭ مۇھىم ئىشلارنىڭ بىرسى بولۇپ، سۇ ئىچكەن ئىستاكان، ئىچكەن سۇنىڭ سۈپىتىگە بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ؛ ئەگەر

مۇھەببىتى ساختا ئەرلەر سىزنى بۇ ئۈچ يەرگە باشلايدۇ

ئەر-ئاياللار مۇناسىۋىتىدە، ئۇچرىشىشقا چىقىش ناھايىتى مۇھىم بىر ئىش بولۇپ، ئەگەر سورۇن ياخشى تاللانغان، مۇھىت كەيپىياتىمۇ توغرا بولغان

سېلىشتۇرمىسا كۆڭۈل ئاغرىمايدۇ

بىرەر مەسىلىنى ئەڭ ئوبرازلىق ھالدا تەسۋىرلەپ بىرىشتە، ئۇنى باشقا بىر نەرسە بىلەن سېلىشتۇرۇپ تەسۋىرلەش، ئەڭ ئۈنۈملۈك بىر ئۇسۇلدۇر.

تۆت يۈز جىڭلىق يىگىت ئۇرۇقلىدى، ئەمما ئازراقمۇ خۇشال بولالمىدى

نۇرغۇن كىشىلەر سەمىرىپ كىتىشكە باشلىغان بولۇپ، كۆپ قىسىم كىشىلەر خىزمەت ۋاقتىدا ئورۇنداقتا ئولتۇرۇپ ئىشلىگەنلىكى ئۈچۈن، سېمىزلەرنىڭ س

ئاياللارنىڭ قەلبى ئۆزگەرسە بۇ ئۈچ ئىشتا ئاشكارىلاپ قويىدۇ

دەسلەپ باشقىلارنىڭ ئېغىزىدىن، "ئەرلەرنىڭ تالاغا قارىشى پەقەت نۆل قېتىم ۋە نۇرغۇن قېتىم بولىدۇ" دىگەنلىكىنى ئاڭلىغان ۋاقتىمدا ئازراق ئ

چۈمۈچ تۇتقانلار دىققەت: ياغ تەركىبى راستىنلا قورقۇنچلۇقمۇ؟

ئاز بولمىغان گۈزەللىكنى سۆيگۈچى كىشىلەر، گۆش تۈرىدىن تېخىمۇ قاچىدىغان بولۇپ، ھەرقېتىم غىزالىنىدىغان ۋاقىت كەلگەندە، ئۇلار يىمەكلىكنى

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号