بۇ خىل ئسىتاكانلاردا سۇ ئىچسىڭىز زەھەر ئىچكەنگە باراۋەر
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 5689:ئادەم ئۆگەندى
   سۇ ئىچىش، كىشىلىك ھاياتتىكى ئەڭ مۇھىم ئىشلارنىڭ بىرسى بولۇپ، سۇ ئىچكەن ئىستاكان، ئىچكەن سۇنىڭ سۈپىتىگە بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ؛ ئەگەر ئىستاكاننى خاتا تاللاپ قويسىڭىز، بۇ خۇددى ئاستا خارەكتىرلىك زەھەر ئىچكەن بىلەن ئوخشاش بولىدۇ، ئادەتتە كۆپرەك دىققەت قىلىشىڭىز كىرەك.
بىر قېتىم ئىشلىتىدىغان قەغەز ئىستاكان
    نۇرغۇن كىشىلەر، بىر قېتىم ئىشلىتىدىغان قەغەز ئىستاكاندا قايناقسۇ ياكى قىزىق چاي ئىچىشنى ياخشى كۆرىدۇ؛ ئەمىلىيەتتە، ھەمىشە بۇ خىل قەغەز ئىستاكاندا سۇ ئىچكەندە، سالامەتلىككە پايدىسىز. بەزى بىر قېتىم ئىشلىتىدىغان قەغەز ئىستاكانلار قارىماققا ناھايىتى ئاق ھەم پاكىزىدەك كۆرىنىدۇ، چۈنكى ئۇنىڭ ماتىريالىغا ئاقارتقۇچى ماددىلار قوشۇلغان؛ ئەمما بۇ خىل ئاقارتقۇچى ماددا، ئادەم بەدىنىدىكى ھۈجەيرىلەردە غەيرى ئۆزگىرىش پەيدا قىلىپ، راك كىسەللىكى پەيدا قىلغۇچى يۇشۇرۇن خەۋپ ئامىلىغا ئايلىنىپ قالىدۇ. شۇڭلاشقا، ئادەتتە بۇ خىل ئىستاكاننى ئاز ئىشلىتىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ.
    ھازىر كۆپ ئۇچرايدىغان بىر قېتىم ئىشلىتىدىغان قەغەز ئىستاكانلارنىڭ كۆپىنچىسىگە بىرقەۋەت موم يالىتىلغان بولۇپ، موم ئادەتتە سۇۋۇغاندىن كىيىن، 5-0سىلتسىيە گىرادوس ئەتراپىدا بىخەتەر بولىدۇ؛ بىراق، ئەگەر ئىستاكانغا قۇيغان سۇنىڭ تىمپىراتۇسى 60سىلتسىيە گىرادوستىن ئېشىپ كەتسە، موم تەركىبى ئىرىپ، ھالىقىلىق ئاروماتىك بىرىكمىلەر دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل زەھەرلىك ماددا قويۇپ بىرىدۇ. بۇ خىل زەھەرلىك ماددا، ئىنىزىمنىڭ تەسىرىدە، ئاسانلا راك كىسەللىكى پەيدا قىلغۇچى ماددىلارنى ھاسىل قىلىپ، ئادەمنىڭ سالامەتلىكىگە ئېغىر تەھدىت ئېلىپ كىلىدۇ.
سۇلياۋ ئىستاكان
    سۇلياۋ ئىستاكاننىڭ باھاسى ئەرزان، ئۆزى كۆركەم؛ شۇڭا، سۇلياۋ ئىستاكانلار تۇرمۇشتا ئەڭ ئالقىشقا ئىرىشىدىغان ئىستاكانلارنىڭ بىرىدۇر. بىراق، نۇرغۇنلىغان سۇلياۋ ئىستاكانلار يۇقىرى تىمپىراتۇرغا چىدامچان ئەمەس بولۇپ، بۇ ئىستاكاندا قىزىق سۇ ياكى چاي ئىچىش، سالامەتلىككە زىيانلىق.
   سۇلياۋ ئىستاكان ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدا، نۇرغۇنلىغان زاۋۇتلار، پىلاستىكلاشتۇرۇش ئاگېنتى دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل ماددا قوشىدۇ؛ بۇنداق ئىستاكانغا قىزىق سۇ ياكى قايناقسۇ قۇيغاندا، ئىستاكان ماتىريالى تەركىبىدىكى زەھەرلىك ماددىلار ئاسانلا ئىرىپ، سۇ تەركىبىگە ئۆتۈپ كىتىدۇ ھەمدە بۇ سەۋەپلىك سالامەتلىككە زىيان يەتكۈزىدۇ.
ئىچكى دىۋارى رەڭلىك بولغان ساپال ئىستاكان
    بەزى كىشىلەر، رەڭلىك سۈرەتلىرى بار ساپال ئىستاكانلارنى ئىشلىتىشنى ياخشى كۆرىدۇ. ئۈستىگە بېسىلغان رەسىملىرى، تۇتساق قاپىرىپ چىققانغا ئوخشايدىغان ئېمالغا رەڭ بىرىلگەن (釉上彩水杯) ئىستاكانلارنى ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدا، ئاۋال ئىمالنى تەييارلارپ كەينىدىن رەڭ بىرىدۇ.  بۇ خىل ئىستاكاندا سۇ ئىچكەندە، رەڭ ماتىرياللىرى ئىچىدىكى قوغۇشۇن، خروم قاتارلىق مىتاللار ئاسانلا سۇ تەركىبىگە ئىرىپ ئۆتۈپ كىتىپ، يۇشۇرۇن خەۋپ ئامىلى ساقلىنىپ قالىدۇ.
   بۇلۇپمۇ ئىچكى دىۋارىدا رەڭلىك قاپارتما رەسىم بار ساپال ئىستاكانلارنى ئىمكان بار ئىشلەتمەسلىك كىرەك. چۈنكى، ئىستاكانغا قايناقسۇ ياكى ئىچىملىك ئالغاندا، رەڭلىك ئىمالدا ئاسانلا خېمىيلىك رىئاكسىيە كۆرۈلۈپ، ئاستا خارەكتىرلىك زەھەرلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ئىرىڭىز بۇ ئۈچ ئىشنى سۈرۈشتە قىلمىسا ئەھۋال چاتاق

كىچىك ۋاقتىمىزدا، بىز ھەممىمىز ئاتا-ئانىمىزنىڭ بىزنى باشقۇرۋالماسلىقىنى ئۈمىد قىلاتتۇق؛ بىراق چوڭ بولۇپ مۇھەببەتلەشكەندىن كىيىن، يېن

ئەرلەرنىڭ قەلبىنىڭ ئۆزگىرىپ كەتكەنلىكىنىڭ ئالامەتلىرى

ھەقىقى مۇھەببەتنى ئېغىز ئارقىلىق ئىپادىلىمەيمىز، پەقەت ھەرىكىتىمىز ئارقىلىقلا ئاندىن مۇھەببەتكە بولغان ساداقەتمەنلىكىمىزنى ئىپادىلى

بۇ خىل ئسىتاكانلاردا سۇ ئىچسىڭىز زەھەر ئىچكەنگە باراۋەر

سۇ ئىچىش، كىشىلىك ھاياتتىكى ئەڭ مۇھىم ئىشلارنىڭ بىرسى بولۇپ، سۇ ئىچكەن ئىستاكان، ئىچكەن سۇنىڭ سۈپىتىگە بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ؛ ئەگەر

ئەر كىشى بۇ بەش نەرسىسىنى سىزگە بەرسە

مۇھەببەتتە، ئايال كىشى قارشى تەرەپنىڭ كۆڭلىدە پەقەت ئۆزى يالغۇز بار بولۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ؛ بۇنىڭدا، ئۇلار ئۆزىنى بەخىتلىك ھىس قىلىدۇ ھە

تەتقىقاتچىلار قاغىنى تازىلىق ئىشچىلىقىغا كۆندۈرمەكچى بولۇشتى

ئىگىلەشلەرگە قارىغاندا، يېقىندا گوللاندىيەلىك ئىككى نەپەر سانائەت لايىھەلىگۈچى، قاغىنى تاماكا قالدۇقى تىرىش ئارقىلىق يىمەكلىك ئالماش

ئايال كىشى ئىرىنىڭ ئۆيىدىكى بۇ ئىشلارغا ئارىلاشماسلىقى كىرەك

بىتەرەپ قىلماق ئەڭ تەس بولغان قېيىنئانا-كىلىن مۇناسىۋىتىدە، كىلىن بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن، قېيىنئانىڭىزنىڭ گەرچە سىز بىلەن قانداشلىق مۇ

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号