توققۇزيۈز مىليارد پۇلنىڭ زادى قانچىلىك كىلىدىغانلىقىنى بىلەمسىز
7 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 5814:قېتىم كورۇلدى
    ھازىر، دۇنيادىكى بىرىنچى باي، ئامىرىكىلىق جىف.بىسوس؛ ئۇ ئامازون شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ھەم ھازىرقى باش ئىجرائىيە رەئىسى. ئامازون شىركىتى بەلكىم كۆپچىلىككە تۇنۇش بولۇشى مۇمكىن؛ ئۇ بىر ئىنتىرنىت تورى شىركىتى بولۇپ، ئامرىكا ھەتتا پۈتكۈل دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ بولغان تور سودىسى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان شىركەت. بىسوس ئۆزىنىڭ ئىگىلىكىنى تەرەققى قىلدۇرۇپ، دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ دەرىجىگە يەتكۈزگەن ئىكەن، ئۇنى ئامىرىكىدىكى سودا ساھەسىدە ئەڭ مۇۋەپپىقىيەت قازانغان ئەرباپلار قاتارىغا تىزىش پۈتۈنلەي يوللۇق.
    خۇرۈن تەتقىقات ئورگىنى ئېلان قىلغان يەر شارى كاتتا بايلار تىزىمىگە ئاساسلانغاندا، بېسوس 990مىليارد خەلق پۇلى قىممىتىدىكى بايلىقى بىلەن بۇ تىزىملىكتە بىرىنچى ئورۇنغا تىزىلغان بولۇپ، ئىككىنچى ئورۇنغا تىزىلغان بىل.گايتىسقا قارىغاندا، يەنە 300مىليارد خەلق پۇلى ئارتۇق. ئاسىيا قىتئەسىدىكى بىرىنچى باي بولسا، ھىندىستانلىق مۇكىش.ئانبانى بولۇپ، ئۇنىڭ بايلىقى تەخمىنەن 370مىليارد خەلق پۇلى ئەتراپىدا چىقىدۇ. جۇڭگۇدىكى بىرىنچى باي بولسا، مايۈن بولۇپ، ئۇنىڭ بايلىقى 260مىليارد خەلق پۇلى؛ مايۈننىڭ كەينىگە ئۇلىشىپ، ما خۇاتىڭ ۋە شۈ جىيايىڭ تىزىلغان.
    دۇنيادىكى بىرىنچى باينىڭ بايلىقى بىر تىرلىيۇن خەلق پۇلىغا يېقىنلىشىدۇ، بۇ زادى قانداق بىر ئۇقۇم؟ بىزگە ئوخشاش ئادەتتىكى پۇقرالارغا نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، بۇ بىر ئويلاپ يەتكىلى بولمايدىغان ساماۋى سانلىق قىممەت بولۇپ ھىسابلىنىدۇ. 2018-يىلى، پۈتكۈل جۇڭگۇ بويىچە، پەقەت 16شەھەرنىڭلا دۆلەت ئىچى ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى بىر تىرلىيۇندىن ئاشقان؛ بۇنىڭ ئىچىدە، بىسوسنىڭ بايلىقى، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىدىكى فوشەن شەھىرى بىر شەھەرنىڭ دۆلەت ئىچى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمى قىممىتىگە يېقىنلىشىپ قالىدۇ. دۆلىتىمىزدىكى ئىقتىسادى تەرەققىيات جەھەتتە ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان جىياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ 2018-يىللى ئاممىۋى خامچوت كىرىمى 863مىليارد خەلق پۇلى بولۇپ، بۇ بىر سانلىق قىممەتمۇ بىسوسنىڭ بايلىقىغا يىتەلمەيدۇ.
     ئادەتتىكى بىر ۋاراق 100يۈەنلىك خەلق پۇلىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 155مىللىمىتىر، كەڭلىكى 77مىللىمىتىر، قېلىنلىقى 0.1مىللىمىتىر، ئېغىرلىقى تەخمىنەن 1.15گىرام كىلىدۇ. بۇ بويىچە ھىسابلىغاندا، 100مىليۇن خەلق پۇلىنىڭ ئېغىرلىقى 1.15توننا كىلىدۇ؛ دىمەك، 900مىليارد خەلق پۇلىنىڭ ئېغىرلىقى 10350توننا كىلىدۇ. ئونمىڭ توننىدىن ئارتۇق ئېغىرلىق قانداق ئۇقۇم؟ بىر "كوڭكې A380" تىپلىق يولۇچىلار ئايروپىلانى ئەڭ كۆپ بولغاندا 330 توننا ئېغىرلىق كۆتۈرەلەيدۇ؛ شۇڭا ئەگەر بېسوسنىڭ 900مىليار خەلق پۇلىنى تۇشۇشقا توغرا كەلسە، "كوڭكې A380" تىپلىق ئايروپىلاندىن 32سى لازىم بولىدۇ.
     ئەگەر بۇ پۇللارنى يەرشارىدىكى ئەڭ چوڭ بانىكىغا(جۇڭگۇ سودا-سانائەت بانكىسى) ئامانەت قويسا، ھەر يىللىق ئۆسۈمى قانچىلىك چىقىدۇ؟ 900مىليارد پۇل چوڭ سوممىلىق ئامانەت قويۇش ھىسابلىندىغان بولۇپ، ئامانەت قويغۇچى بانكا بىلەن ئۆسۈمنى مەسلىھەتلىشىپ بىكىتىش ئىمتىيازىغا ئىگە كىلىدۇ، شۇڭا ئەڭ ئاز بولغاندىمۇ، يىللىق ئۆسۈم نىسبىتى %6 بويىچە ئامانەت قويالايدۇ. بۇ بويىچە ھىسابلىغاندا، 900مىليارد خەلق پۇلىنىڭ بىر يىللىق ئۆسۈمى 54مىليارد خەلق پۇلى چىقىدىغان بولۇپ، كۈن بويىچە ھىسابلىغاندا، ھەركۈنلۈك ئۆسۈمى 148مىليۇن يۈەندىن توغرا كىلىدۇ. بۇ يەنە قانداق بىر ئۇقۇم؟ ئەگەر سىزنى بىر كۈندە 148مىليۇن پۇلنى خەجلەپ بولۇڭ دىسە، سىز خەجلەپ تۈگىتەلەمسىز؟
    يېقىنقى مەزگىلدىن بويان، بىسوس گەرچە ئاجرىشىش ماجراسىغا پېتىپ قېلىپ، پات يېقىندا %50 بايلىقىدىن ئايرىلىپ قېلىش ئالدىدا تۇرغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ قالغان %50بايلىقى يەنىلا 450مىليارد يۈەن خەلق پۇلىغا تەڭ بولۇپ، بۇ يەنىلا بىز ئويلاپ يىتەلمەيدىغان دەرىجىدە بولۇپ ھىسابلىنىدۇ. 990مىليارد بايلىقنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى پاي چېكى باھاسىنىڭ تۆھپىسى بولۇپ، ھەممىنى نەق پۇلغا ئايلاندۇرۇشقا بولۇش بولماسلىقىنىڭ ئۆزى بىر نامەلۇملۇق ھىسابلانسىمۇ، ئەمما بۇ يەنىلا مۇتلەق كۆپ قىسىم كىشىلەرگە نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، بىر ئۆمۈر جان تىكىپ ئىشلەپمۇ يەتكىلى بولمايدىغان قاتلامدۇر.

ئەرلەر قانداق ئايال كىشىنى كۆڭلىدىن چىقىرۋىتەلمەيدۇ

نۇرغۇن ئاياللارنىڭ ئۆزىنىڭ مۇستەقىل تەپەككۇر بوشلۇقى بار بولۇپ، مۇھەببەت جەھەتتە ھىسياتقا ئۆزىنىڭ ئېڭى بويىچە مۇئامىلە قىلىدۇ؛ بۇ سەۋ

راك كىسەللىكىگە قارشى تۇرىدىغان يىمەكلىكلەر

ئاشقازان راكىنىڭ كۆرۈلىشى، يىمەك-ئىچمەك ئادىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك؛ ئەمىلىيەتتە ئاشقازان راكىلا ئەمەس، چوڭ ئۈچەي راكى، جىگەر راكى، ئاش

دىققەت! بۇ ئەھۋاللارمۇ ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدىگەنگە باراۋەر

لىكىن، بەزى ماشىنا ئىگىلىرى، تەلەي سىناش پىسخىكىسىدا بولۇپ، "ھاراقنى كۆپ ئىچمىدىم، ماشىنا ھەيدىسەم بولىۋىرىدۇ" دەپ قارايدۇ؛ نەتىجىدە،

تاماقتىن كىيىنكى يېرىم سائەت، كۈتۈنۈشتىكى ئالتۇن مەزگىل

تاماقتىن كىيىن 15مىنۇت ئارام ئېلىپ، بەزىبىر يىنىك مۇزىكالارنى ئاڭلاڭ ھەمدە ئازراق چاي ئىچىپ بىرىڭ، ئەمما كۆپ بولۇپ كەتمەسلىكى كېرەك.

ھەقىقىي ئىلمىي ئورۇقلاش ئۈچۈن چوقۇم 90 كۈن قەتئىي داۋاملاشتۇرىمىز

ئادەم تېنىدىكى ياغ ھۈجەيرىسىنىڭ خاتىرىسى بولۇپ، بۇ دەل تېز سۈرئەتتە ئورۇقلاپ بولغاندىن كېيىن ناھايىتى تېز ئەسلىگە كېلىپ قىلىشنىڭ ئاسا

ئادەم نېمىشقا بۇرنىنى كوچىلاشقا ئامراق كېلىدۇ

ئىگىلەشلەرگە ئاساسلانغاندا، %91 ئادەم بۇرنىنى كوچىلايدىكەن؛ قالغان %9 ئادەم بولسا، ھەر نېمە دېگەن بىلەنمۇ بۇرنىنى كوچىلايدىغانلىقىنى ئې

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号