ئادەمنىڭ قېرىشىنى تىزلىتىۋىتىدىغان خاتا چېنىقىش ئۇسۇللىرى
7 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 5819:قېتىم كورۇلدى
    كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى بىلىدۇ، ئىلمى ئۇسۇلدا ھەرىكەت قىلىش، ئادەم بەدىنىنىڭ مىتابولىزىمىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئوممونت كۈچىنى ئاشۇرىدۇ ھەمدە كىسەللىكتىن ئەسلىگە كىلىش جەريانىنى ئىلگىرى سۈرەلەيدۇ. بىراق، ھەرىكەت قىلىپ چېنىقىش مۇۋاپىق بولمىغانلىقتىن كىلىپ چىقىدىغان زەخمىلىنىشمۇ بارغانسىرى كۆپىيىپ بېرىۋاتقان بولۇپ، ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغانلار، ھەرىكەت قىلىپ چېنىقىش جەريانىدا زەخمىلەنگەن بىمارلارنىڭ %40نى ئىگەللەيدىكەن؛ بۇنىڭ ئىچىدە، تىز قىسمى، ئەڭ ئاسان زەخمىگە ئۇچرايدىغان جاي ھىسابلىنىدىكەن.
     بۈگۈن بىزنىڭ كۆپچىلىككە تۇنۇشتۇرماقچى بولغىنىمىز، ئادەم بەدىنىنىڭ قېرىشىنى تىزلىتىۋىتىدىغان ناتوغرا چېنىقىش ئۇسۇللىرى بولۇپ، ئادەتتە چېنىقىش ھەۋاسكارلىرى ئىمكان قەدەر ساقلىنىشى كىرەك.
چېنىقىش ۋاقتى بەك زىچ بولۇپ كىتىش
    ئۇزۇن مەزگىل قاتتىق ھەرىكەت بىلەن شۇغۇللىنىش ۋە ئۇيقۇ كەم بولۇش، قان سۇيۇقلۇقى تەركىبىدىكى كورتىسول(皮质醇) مىقدارىنى ئاشۇرۋىتىدىغان بولۇپ، بۇ سەۋەپلىك قاننىڭ قەنت مىقدارىنىڭ يۇقىرى ئۆرلەپ كىتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ قەنت ماددىلىرى، كوللاگىنلىق تالالار بىلەن بىرىكسە، تىرىنىڭ ئىلاستىكىلىقىنى تۆۋەنلىتىپ، تىرىدە داغ پەيدا قىلىدۇ ھەمدە مۇددەتتىن بۇرۇن قورۇقچىلار پەيدا بولۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا، سىز چېنىقىشقا ھەرقانچە ھېرىسمەن بولسىڭىزمۇ، بىر ھەپتىدە ئاز دىگەندە بىر كۈن دەم ئېلىشىڭىز كىرەك.
چېنىقىشتىكى بەدەن شەكىل ھالىتى ناچار بولۇش
    ياخشى بولمىغان ھەرىكەت شەكىل ھالىتى، ھەرىكەتلىنىشتىن زەخمىلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بولۇپ، ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغان كىشىلەر، بويۇن ئۇمۇرتقىسى، تىز بوغۇمى قاتارلىق جايلارغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرىشى كىرەك.
بۇندىن باشقا، ھەرىكەت قىلىپ چېنىقىشتا، يۈگا، بالىت ئۇسۇلى قاتارلىقلارنى تاللىساق بولىدۇ؛ بۇ ھەرىكەتلەر، بەدەن شەكىل ھالىتىنىڭ ياخشى بولماسلىقىنى تۈزىيەلەيدۇ. ئەلۋەتتە، ئەگەر كەسپى خادىملارنىڭ يىتەكچىلىكىدە مەشىق قىلالىساق، ئەڭ ياخشى بولىدۇ.
پەقەت ئوكسىگىنلىق ھەرىكەتلا ئىشلەش
    گەرچە ئاز بولمىغان كىشىلەر بەدەن چېنىقتۇرۇشتا چىڭ تۇرسىمۇ، ئەمما ئۇلار پەقەت ئوكسىگىنلىق ھەرىكەتلا ئىشلەيدۇ. ئەمىلىيەتتە كۈچ مەشىقى، سىزنىڭ چېنىقمىغان ۋاقتىڭىزدىمۇ بەدىنىڭىزدىكى مايلارنى داۋاملىق تۈردە كۆيدۈرۈشكە پايدىلىق بولىدۇ ھەمدە مۇسكۇلنىڭ ئېغىرلىقىنى ساقلاشقا پايدىلىق تەسىر كۆرسىتىپ، سىزنى تېخىمۇ ياش كۆرسىتىدۇ.
داس ئاستى مۇسكۇلىنى نەزەردىن ساقىت قىلىش
   سىز چېنىققان ۋاقتىڭىزدا، داس ئاستى مۇسكۇلى بەلكىم سىزنىڭ ئەڭ ئاۋال ئويلايدىغان ئوبىكىت بولماسلىقى مۇمكىن، بىراق ئۇ ئىنتايىن مۇھىم. داس ئاستى مۇسكۇلىنى نەزەردىن ساقىت قىلغاندا، ئاياللارنىڭ ئوتتۇرا ياشقا قەدەم قويغاندىن كىيىن، قورسىقىنىڭ چىقىپ قېلىشى ۋە سۈيدۈك تۇتالماسلىق كىسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
    داس ئاستى مۇسكۇلىنىڭ چىڭ تۇرۇشىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، سىز ھەركۈنى ئۈچ قېتىمدىن كاسسا كۆتۈرۈش ھەرىكىتى ئىشلىسىڭىز بولىدۇ؛ بۇ ھەرىكەتنى ئىشلىگەندە، ھەر قېتىمدا ئۈچ يۈرۈش، ھەربىر يۈرۈشتە ئون نۆۋەت ئىشلەش كىرەك.
دەرىجىسى قاتتىق ھەم ئارىلىقتا توختىۋىلىش شەكلىدىكى چېنىقىشنى نەزەردىن ساقىت قىلىش
    دەرىجىسى قاتتىق ھەم ئەمما ئارىلىقتا توختىۋىلىش شەكىلدىكى چېنىقىشنىڭ، قېرىشقا قارشى تۇرۇش ئۈنۈمى ئىنتايىن يۇقىرى. تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، دەرىجىسى قاتتىق ھەم ئەمما ئارىلىقتا توختىۋىلىش شەكىلدىكى چېنىقىشنى داۋاملاشتۇرغان ياشانغانلارنىڭ، يىپسىمان تەنچە ئىقتىدارى %69 يۇقىرى كۆتۈرۈلىدىغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىنسۇلىننىڭ سەزگۈرلىكىنى ياخشىلاشقا پايدىسى بار ئىكەن ھەمدە بۇ ئارقىلق دىئابىت كىسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قېلىش خەتىرىنى تۆۋەنلىتىدىكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن، ھەر ھەپتىدە ئۈچ قېتىم دەرىجىسى قاتتىق ھەم ئەمما ئارىلىقتا توختىۋىلىش شەكىلدىكى چېنىقىش ئېلىپ بېرىش ئىنتايىن زۈرۈر ھىسابلىنىدۇ.
بېسىمنى تۆۋەنلىتىشكە ئەھمىيەت بەرمەسلىك
    يۈگا ۋە چامباشچىلىق مەشىق قىلىشنىڭ، تىرىنىڭ يۇمرانلىقىنى ۋە نۇرلۇقلىقىنى ساقلاشقا پايدىلىق بولۇپ، سىز يەنە جىم ئولتۇرۇپ چوڭقۇر خىيال قىلىش ئارقىلىق بېسىمنى ۋە تەشۋىشلىنىشنى يىنىكلىتىپ سىناپ باقسىڭىز بولىدۇ.

ئەرلەر قانداق ئايال كىشىنى كۆڭلىدىن چىقىرۋىتەلمەيدۇ

نۇرغۇن ئاياللارنىڭ ئۆزىنىڭ مۇستەقىل تەپەككۇر بوشلۇقى بار بولۇپ، مۇھەببەت جەھەتتە ھىسياتقا ئۆزىنىڭ ئېڭى بويىچە مۇئامىلە قىلىدۇ؛ بۇ سەۋ

راك كىسەللىكىگە قارشى تۇرىدىغان يىمەكلىكلەر

ئاشقازان راكىنىڭ كۆرۈلىشى، يىمەك-ئىچمەك ئادىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك؛ ئەمىلىيەتتە ئاشقازان راكىلا ئەمەس، چوڭ ئۈچەي راكى، جىگەر راكى، ئاش

دىققەت! بۇ ئەھۋاللارمۇ ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدىگەنگە باراۋەر

لىكىن، بەزى ماشىنا ئىگىلىرى، تەلەي سىناش پىسخىكىسىدا بولۇپ، "ھاراقنى كۆپ ئىچمىدىم، ماشىنا ھەيدىسەم بولىۋىرىدۇ" دەپ قارايدۇ؛ نەتىجىدە،

تاماقتىن كىيىنكى يېرىم سائەت، كۈتۈنۈشتىكى ئالتۇن مەزگىل

تاماقتىن كىيىن 15مىنۇت ئارام ئېلىپ، بەزىبىر يىنىك مۇزىكالارنى ئاڭلاڭ ھەمدە ئازراق چاي ئىچىپ بىرىڭ، ئەمما كۆپ بولۇپ كەتمەسلىكى كېرەك.

ھەقىقىي ئىلمىي ئورۇقلاش ئۈچۈن چوقۇم 90 كۈن قەتئىي داۋاملاشتۇرىمىز

ئادەم تېنىدىكى ياغ ھۈجەيرىسىنىڭ خاتىرىسى بولۇپ، بۇ دەل تېز سۈرئەتتە ئورۇقلاپ بولغاندىن كېيىن ناھايىتى تېز ئەسلىگە كېلىپ قىلىشنىڭ ئاسا

ئادەم نېمىشقا بۇرنىنى كوچىلاشقا ئامراق كېلىدۇ

ئىگىلەشلەرگە ئاساسلانغاندا، %91 ئادەم بۇرنىنى كوچىلايدىكەن؛ قالغان %9 ئادەم بولسا، ھەر نېمە دېگەن بىلەنمۇ بۇرنىنى كوچىلايدىغانلىقىنى ئې

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号