مۇھەببەت ھەققىدىكى سۇئال-جاۋاپلار
7 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 5812:قېتىم كورۇلدى
     1. ئۇ زادى مىنى ياخشى كۆرەمدۇ يوق؟
     ئەمىلىيەتتە، سىز بۇنىڭ جاۋابىنى ئاللىقاچان بىلىپ بولغان؛ سىز پەقەت بۇنى ئىتراپ قىلىشنى خالىمىغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە سۇئالدىكى "زادى" دىگەن بۇ سۆزگە قانچىلىغان ئازاپ-ھەسرەتلەر يۇشۇرۇنغان، بۇنى سىز باشقىلاردىن تېخىمۇ ئوبدان بىلىسىز.
     2. قانداق قىلغاندا ئىلگىرىكى ئوغۇل(قىز) دوستىنى ئايرىلىپ كەتكىنىگە پۇشايمان قىلىدىغان قىلىپ قويغىلى بولىدۇ؟
    سىز ئىلگىرىكى ئوغۇل(قىز) دوستىڭىزنى سىزدىن ئايرىلىپ كەتكىنىگە پۇشايمان قىلدۇرماقچى بولغان ۋاقتىڭىزدا، بۇ، ئەگەر قارشى تەرەپ خالىغانچە بىرەر ئىش قىلسا، سىزنىڭ ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ كەتكەنگە پۇشايمان قىلىدىغىنىڭىزنى ئىسپاتلايدۇ.
     3. ئايرىلىپ كەتكەندىن كىيىن يەنە دوست بولۇپ ئۆتكىلى بولامدۇ؟
     ئەمىلىيەتتە، سىزنىڭ ئىتىبار بىرىدىغىنىڭىز ئۇنىڭ بىلەن دوست بولۇپ ئۆتۈش ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ بىلەن قايتا ئالاقىلىشىشقا باھانە چىقامدۇ يوق دىگەن مەسىلە. ئەمما ئىسىڭىزدە بولسۇنكى، ئايرىلىپ كەتكىنىڭىز، بىر-بىرىڭلارنىڭ مۇھەببىتىگە ھۆرمەت قىلغىنىڭلار، ئايرىلىپ كەتكەندىن كىيىن دوست بولۇپ ئۆتمىگىنىڭلار، كىيىنكى نۆۋەتلىك مۇھەببىتىڭىزگە ھۆرمەت قىلغىنىڭىزدۇر.
      4. نىمە ئۈچۈن بىر-بىرىگە ماس كەلمەيدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ ئايرىلىپ كەتمەيدۇ؟
     چۈنكى، ئەينى ۋاقىتتا مۇھەببەتلەشكەندە، ماس كىلىدىكەنمىز دەپ ئەمەس بەلكىم بىر-بىرىنى ياخشى كۆرگەنلىكتىن مۇھەببەتلەشكەن.
     5. مۇھەببەت نىمىشقا ئۆزگىرىپ كىتىدۇ؟
     مۇھەببەت ئۆزگىرىدۇ. مۇھەببەت سۇسلاپ كىتىدۇ، خۇددى ئەينى ۋاقىتتا چوڭقۇرلىغانغا ئوخشاش؛ مۇھەببەت يوق بولىدۇ، خۇددى ئەينى ۋاقىتتا تۇيۇقسىز شەكىللەنگەنگە ئوخشاش.
     6. مۇھەببەتلىشىپ، زادى قايسى دەرىجىگە يەتكەن ۋاقىتتا ئاندىن توي قىلىش كىرەك؟
     مۇھەببەتلىشىپ، "ھازىر كاللامدا سىزنىڭ كەمچىلىكلىرىڭىزلا بار، ئەمما مەن يەنىلا سىز بىلەن توي قىلسام دەيمەن" دىگەن دەرىجىگە يەتكەندە توي قىلىش كىرەك.
     7. قىزلار ئوغۇللارنى قوغلىشىشى كىرەكمۇ يوق؟
     كىرەكمۇ يوق ئەمەس، بەلكى جۈرئەت قىلالامسىز يوق؟ ئەمىلىيەتتە، ئەگەر سىز قوغلاپ كەلتۈرۋالسىڭىز، بۇ سىزنىڭ بىڭسىڭىز؛ ئەگەر قوغلاپ كەلتۈرەلمىسڭىز، بۇ بىر ھىكايىڭىز بولىدۇ. شۇڭا قوغلاشسىڭىز نىمىشقا بولمىغۇدەك؟
     8. ئاشىق-مەشۇقلار جىدەللىشىپ قالغاندا، زادى ئەرلەر ئالدى بىلەن كەچۈرۈم سورىشى كىرەكمۇ ياكى ئاياللارمۇ؟
    مۇھەببەتلىشىش دەسلەپكى مەزگىللىرىدە مۇھەببىتى چوڭقۇرراق بولغان تەرەپ ئاۋال كەچۈرۈم سورايدۇ(چۈنكى ئايرىلىپ قېلىشتىن قورقىدۇ)؛ مۇھەببەتلىشىش ئاخىرقى مەزگىلىدە، ھىسياتى قالمىغان تەرەپ ئاۋال كەچۈرۈم سورايدۇ(چۈنكى ئاۋارىچىلىقتىن قورقىدۇ).
     9. ئۆزىمىز چوڭقۇر سۆيگەن ئادەمنى قانداق ئۇنتۇپ كىتىش كىرەك؟
     بىز ھەمىشە، ئىرىشەلمىگەننى ئونتىيالمىدىم دەپ ئاتىۋالىمىز. ئەمىلىيەتتە ئۇنتۇپ كەتسەك ئاندىن ياخشى كۆرمەيدىغان بولىمىز ئەمەس، بەلكى ئاۋال ياخشى كۆرمەيدىغان بولساق، ئاندىن ئۇنتۇپ كىتەلەيمىز.
     10. سىز ياخشى كۆرىدىغان ئادەمنى تاللامسىز ياكى سىزنى ياخشى كۆرىدىغان ئادەمنى تاللامسىز؟
     تاللاش پۇرسىتى بار بولسا، بۇنى مۇھەببەت دىگىلى بولمايدۇ. ھەقىقى مۇھەببەت بولسا، "سىز بولمىسىڭىز قەتئى بولمايدۇ" دىگەنلىكتۇر.
 

ئەرلەر قانداق ئايال كىشىنى كۆڭلىدىن چىقىرۋىتەلمەيدۇ

نۇرغۇن ئاياللارنىڭ ئۆزىنىڭ مۇستەقىل تەپەككۇر بوشلۇقى بار بولۇپ، مۇھەببەت جەھەتتە ھىسياتقا ئۆزىنىڭ ئېڭى بويىچە مۇئامىلە قىلىدۇ؛ بۇ سەۋ

راك كىسەللىكىگە قارشى تۇرىدىغان يىمەكلىكلەر

ئاشقازان راكىنىڭ كۆرۈلىشى، يىمەك-ئىچمەك ئادىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك؛ ئەمىلىيەتتە ئاشقازان راكىلا ئەمەس، چوڭ ئۈچەي راكى، جىگەر راكى، ئاش

دىققەت! بۇ ئەھۋاللارمۇ ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدىگەنگە باراۋەر

لىكىن، بەزى ماشىنا ئىگىلىرى، تەلەي سىناش پىسخىكىسىدا بولۇپ، "ھاراقنى كۆپ ئىچمىدىم، ماشىنا ھەيدىسەم بولىۋىرىدۇ" دەپ قارايدۇ؛ نەتىجىدە،

تاماقتىن كىيىنكى يېرىم سائەت، كۈتۈنۈشتىكى ئالتۇن مەزگىل

تاماقتىن كىيىن 15مىنۇت ئارام ئېلىپ، بەزىبىر يىنىك مۇزىكالارنى ئاڭلاڭ ھەمدە ئازراق چاي ئىچىپ بىرىڭ، ئەمما كۆپ بولۇپ كەتمەسلىكى كېرەك.

ھەقىقىي ئىلمىي ئورۇقلاش ئۈچۈن چوقۇم 90 كۈن قەتئىي داۋاملاشتۇرىمىز

ئادەم تېنىدىكى ياغ ھۈجەيرىسىنىڭ خاتىرىسى بولۇپ، بۇ دەل تېز سۈرئەتتە ئورۇقلاپ بولغاندىن كېيىن ناھايىتى تېز ئەسلىگە كېلىپ قىلىشنىڭ ئاسا

ئادەم نېمىشقا بۇرنىنى كوچىلاشقا ئامراق كېلىدۇ

ئىگىلەشلەرگە ئاساسلانغاندا، %91 ئادەم بۇرنىنى كوچىلايدىكەن؛ قالغان %9 ئادەم بولسا، ھەر نېمە دېگەن بىلەنمۇ بۇرنىنى كوچىلايدىغانلىقىنى ئې

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号