بىز ئادەتتە، ئەرلەرنىڭ مۇھەببىتىنىڭ ئۆزگىرىپ كىتىشى ۋە تالاغا قارىشىنىڭ بەلگىلىك سەۋەبى بار بولىدۇ دىيىشىمىز؛ توي قىلىپ بولغان ئەرلەر شۇنچە كۆپ تۇرسا، نىمە ئۈچۈن سىزنىڭ ئىرىڭىزلا تالاغا قارايدۇ؟ سىرتتا ئاياللار شۇنچە كۆپ تۇرسا، ئىرىڭىز نىمىشقا بۇ ئاشنىسىنى ئۇنتىيالماي، ئۇنىڭغا شۇنچە بىرىلىپ كىتىدۇ؟ بەزى ئەرلەر تېخى تالاغا قارىغاندىن كىيىن، ئۆزىنىڭ بارلىق زىھنىنى ئاشنىسىغا قارىتىپ، ئائىلىسى بىلەن ئايالىنى پۈتۈنلەي ئۇنتۇپ قالىدۇ، ئەرلەرنىڭ بۇنداق قىلىشى زادى نىمە ئۈچۈن؟

ئەمىلىيەتتە، ئەرلەرنىڭ ئاشنا تۇتىۋالغاندىن كىيىن ئۆيىگە قايتىشنى خالىماس بولۇپ قېلىشى، بۇ ئۈچ سەۋەپتىن بولىدۇ.
ئاشنىسىنىڭ جىسمانىيىتىنى كۆزلىگەنلىكتىن بولىدۇ
كۆپ قىسىم كىشىلەرنىڭ قارىشىچە، ئاياللار مۇھەببەت ئۈچۈن تالاغا قارايدۇ، ئەرلەر بولسا جىنسىيەت ئۈچۈن تالاغا قارايدۇ. بۇنىڭدىن كۆرۈۋىلىشقا بولىدۇكى، ئەرلەر مۇھەببەت بولمىسىمۇ تالاغا قاراۋىرىدىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ كۆزلەيدىغىنى ئاشنىسىنىڭ چىرايلىق كەلگەن چىرايى ۋە بەدىنىدۇر. چۈنكى توي قىلغىلى كۆپ يىل بولغانلىقتىن، ئايالى ئۆزىنى ھەرقانچە ياخشى ئاسرىسىمۇ، ھەرقانچە چىرايلىق ھەم لاتاپەتلىك بولسىمۇ، ئىرىگە نىسبەتەن ئىنتايىن تۇنۇش ھىسابلىنىدۇ ھەمدە بۇ سەۋەپلىك ئىرىگە نىسبەتەن جەلىپ قىلىش كۈچىنى يوقاتقان بولىدۇ؛ شۇڭا ئەرلەر، يىڭىلىق تۇيغۇسىغا ئىگە ئاياللارغا تېخىمۇ قىزىقىدۇ.
بولۇپمۇ، ئەرلەر ئاشنىسىنى تۇلۇق چۈشىنىپ بولالمىغان ھەم "بويسۇندۇرۇپ بولالمىغان" ۋاقىتتا، ئۇلار بۇ ئايال كىشىنى قەدىرلىك ھىس قىلىدۇ؛ ئەمىلىيەتتە ئۇلارنىڭ كۆزلەيدىغىنى، باشتىن-ئاخىرى ئاشنىسىنىڭ چىرايى ۋە ئۇنىڭدىكى يىڭىلىق تۇيغۇسى بولىدۇ.

ئاشنىسىنىڭ مۇلايىملىقىنى كۆزلىگەنلىكتىن بولىدۇ
بىز ئىنچىكىلىك بىلەن دىققەت قىلساق، نۇرغۇن ئەرلەر تالاغا قارىغاندىن كىيىن، ئاشنىسىغا بەكرەك يان باسىدىغانلىقىنى بايقايمىز؛ ئۇلار ھەمىشە ئاشنىسىنى ئاجىزراق ۋە قوغداشقا ئىھتىياجلىق بولغان تەرەپ ھىس قىلىدۇ؛ تالاغا قارىغانلىقىنى ئايالى بىلىپ قېلىپ، ئائىلىسىگە قايتقان تەقدىردىمۇ، ئۇلار كۆڭلىدە يەنە ئاشنىسىدىن ئەنسىرەيدۇ.
بۇ، ئۈچىنچى شەخىسنىڭ ئەرلەرنىڭ قوغداش ئىسىتىكىنى قوزغاپ، ئۇلارغا ئۆزىنى مۇھىمدەك ھىس قىلدۇرغانلىقى سەۋەبىدىن بولۇپ، ئەرلەر ئايالى ئۈستىدىن بۇنداق تۇيغۇغا ئىگە بولالمايدۇ. ئىرى بار ئاياللار ئادەتتە، ئايال جەڭچىگە بەكرەك ئوخشاپ قالىدۇ؛ بولۇپمۇ ئۇزۇن مەزگىل بىرگە تۇرمۇش كەچۈرگەندىن كىيىن، ئۇلار ھەمىشە كىچىك نوقتىلارغا بەك دىققەت قىلىپ كەتمەيدۇ ھەمدە ئۆزىنى ئاسراشقىمۇ بەك ئىتىبار بىلەن قاراپ كەتمەيدۇ؛ بۇنداق ئەھۋالدا، ئەرلەر خوتۇنىنى ئايال كىشىگە ئوخشىمايدىغاندەك، مۇلايىم ئەمەس ھەم كۆڭەلمۇ چۈشەنمەيدىغان ھىس قىلىپ قالىدۇ.

ئاشنىسىنىڭ مۇھەببىتىنى كۆزلىگەنلىكتىن بولىدۇ
كۆپ قىسىم ئەرلەرنىڭ ئېيتىشىچە، بەزىدە تالاغا قاراشنىڭ ئۇلارغا ئېلىپ كىلىدىغان خۇشاللىقى ئاشنىسى ئەمەس، بەلكى ئايالىدىن ئوغۇرلۇقچە كۆڭۈل خوشى قىلغانلىقىدىن شەكىللەنگەن ھاياجانلىق تۇيغۇسى ئىكەن. تالاغا قارىغان ئەر كىشى ۋە ئۇنىڭ ئاشنىسى ئوتتۇرسىدىكى مۇھەببەت، بەزىدە ئۇنچە بەك چوڭقۇر بولۇپ كەتمەسلىكى مۇمكىن؛ ئەمما خەتەرگە تولغان ھاياجانلىق تۇيغۇسى ۋە يىڭىلىق تۇيغۇسى، ئەرلەرنىڭ بۇ خىل تۇيغۇدىن ئۆزىنى تارتىپ چىقىرالماس قىلىپ قويىدۇ.
ئەر-خوتۇنلار ئارىسىدىكى مۇھەببەت، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ خوراپ بارىدىغان بولغاچقا، ئەرلەر ۋە ئاشنىسى ئوتتۇرسىدىكى مۇھەببىتى، ئۇلاردا ئاسانلا قانائەت تۇيغۇسى پەيدا قىلىدۇ. ئەرلەر ئەگەر بىرەر ئايال كىشىگە قارىتا كۆڭۈل يۈگۈرتۈپ قالسىلا، ئۇنىڭدىن زىرىكمىگۈچە ياكى ئۇنىڭغا پۈتۈنلەي ئىرىشمىگۈچە، ئۇلارنىڭ نەزىرىنىڭ باشقا تەرەپكە يۆتكىلىشى تەس بولىدۇ.

ئاخىرىقى سۆز
تالاغا قارىغان ئەرلەر ھەمىشە ئائىلىدىن زىرىكىش ھىس قىلغانلىقى، ئايالىنىڭ خاپا قىلىشىغا چىدىيالىمىغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ تالاغا قاراشتىكى باھانىسى قىلىۋالىدۇ. بىلىشىمىز كىرەككى، ھەرقانداق مۇھەببەت ئاددىيلىشىشقا ۋە سۇسلىشىشقا قاراپ يۈزلىنىدۇ، ھەرقانداق ئادەم بارغانسىرى تۇنۇش بولۇپ كىتىشكە قاراپ ماڭىدۇ؛ ئەمما بۇلار، ئەرلەرنىڭ شاللاقلىقىنىڭ باھانىسى بولۇپ قالماسلىقى كىرەك. ئەر-خوتۇنلار ئوتتۇرسىدا، ئاسىيلىق قىلىش ۋە تالاغا قاراش كۆرۈلمەسلىكى كىرەك؛ ئەگەر راستىنلا قارشى تەرەپتىن زىرىكىش ھىس قىلسىڭىز، ئۇچۇق ئېيتىش كىرەك. بۇنداق ئالداش خارەكتىرىنى ئالغان قىلمىش، رىئاللىقنى ئۆزگەرتەلمەيلا قالماي، يەنە ئوتتۇراڭلاردىكى كۆپ يىللىق مىھرى-مۇھەببەتكە تەسىر يەتكۈزىدۇ.