ئۆزئارا كىلىشىپ ئاشنا ئوينايدىغان ئەر-خوتۇنلارنى ئاڭلاپ باققانمۇ
7 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 5858:قېتىم كورۇلدى
    ئىگىلەشلەرگە ئاساسلانغاندا، ئامىرىكىلىق بىر جۈپ ئەر-خوتۇن، ئېچىۋىتىلگەن ئەر-خوتۇنلۇق مۇناسىۋىتىنى تەرغىپ قىلىدىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىسىنىڭ ئۆز ئالدىغا ئون نەچچىدىن ئاشنىسى بار ئىكەن؛ تېخى ئۇلارنىڭ دىيىشىچە، بۇ خىلدىكى تويلىشىش مۇناسىۋىتى، ئۇلارنىڭ توي تۇرمۇشىنى تېخىمۇ مۇستەھكەم قىلىدىكەن.
    بۇ يىل 28ياشقا كىرگەن لورا بىلەن مايك ئىككىسى 2015-يىلى توي قىلغان بولۇپ، تويدىن كىيىن، ھەر ئىككىسى ئون نەچچىدىن ئاشنا تۇتىۋالغان. بۇ ئەر-خوتۇنلار، بەش ياشلىق بالىسى يىئىن بىلەن بىرگە ئامىرىكىنىڭ تېكساس شىتاتىدا تۇرىدىكەن. لورا بولسا خېرىدارلار مۇلازىمىتى مەسلىھەتچىسى بولۇپ، ئۇنىڭ دىيىشىچە، ئوخشىمىغان كىشىلەر بىلەن ئۇچرىشىشقا چىقىش، ئۇنىڭ تۇرمۇشىنىڭ بىر قىسمى ئىكەن.
    لورانىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، توي قىلغاندىن بويان، ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىسى، قارشى تەرەپنىڭ يالغۇز ئۆزىگىلا تەئەللۇق ئەمەسلىكىنى بىلىدىكەن. لورا ھازىر ھەر ئايدا ، ئاز دىگەندىمۇ ئىككى ئۈچ نەپەر باشقا باشقا ئەر كىشى بىلەن ئۇچرىشىشقا چىقىدىكەن.
    مايكمۇ ھەمىشە سىرتلارغا چىقىپ ئاشنا ئوينايدىغان بولۇپ، ئەر-خوتۇن ئىككىسى تېخى بىرگە ئولتۇرۇپ، ئۆزلىرىنىڭ ئاشنىلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى ئۈستىدە مۇھاكىمە قىلىشىدىكەن. ئۇلارنىڭ مۇناسىۋىتى گەرچە بۇنداق ئەقىلگە سىغمىغۇدەك دەرىجىدە ھەيران قالارلىق بولىسمۇ، ئەمما ھەر ئىككىسى، ئائىلىگە ۋە ئوغلىمىزغا مەسئۇل بولۇشىمىز كىرەك دەپ قارايدىكەن.
    ئەر-خوتۇن ئىككەيلەن، ھەمىشە پىكىر ئالماشتۇرۇپ تۇرغاچقا، بۇ خىل قىلمىش مۇناسىۋىتىمىزنى تېخىمۇ مۇستەھكەم قىلىدۇ دەپ قارايدىكەن. ئۇلارنىڭ ئوخشاش بولمىغان ئادەم بىلەن بىنورمال مۇناسىۋەتتە بولۇش تالاغا قاراش ھىسابلانمايدۇ دەپ بىلىدىغان بولۇپ، ئۇلار پەقەت ئىھتىياجىمىزنى قاندۇرۇشىمىز ئۈچۈن، تېخىمۇ كۆپ ھەمراھقا ئىھتىياجلىق بولىمىز دەپ قارايدىكەن. ئەلۋەتتە، ئەر-خوتۇن ئىككىسى، ناگاندا بىر بۇ ئىش ئۈچۈن قارشى تەرەپكە ھەسەت قىلىدىغان بولۇپ، ئەمما ئۇلار بۇنى نورمال ئەھۋال دەپ قارايدىكەن.
    مايك بىلەن لورا ئالى مەكتەپتىكى ۋاقتىدىلا تۇنۇشىدىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار 2011-يىلى، لورا بۇ خىل ئېچىۋىتىلگەن ئەر-خوتۇنلۇق مۇناسىۋىتىنى تەرغىپ قىلغۇچىغا ئايلانغاندىن كىيىن، ئاندىن ئۇ ئىككىسى مۇھەببەتلىشىشكە باشلىغان ھەم توي قىلغان.

ئەرلەر قانداق ئايال كىشىنى كۆڭلىدىن چىقىرۋىتەلمەيدۇ

نۇرغۇن ئاياللارنىڭ ئۆزىنىڭ مۇستەقىل تەپەككۇر بوشلۇقى بار بولۇپ، مۇھەببەت جەھەتتە ھىسياتقا ئۆزىنىڭ ئېڭى بويىچە مۇئامىلە قىلىدۇ؛ بۇ سەۋ

راك كىسەللىكىگە قارشى تۇرىدىغان يىمەكلىكلەر

ئاشقازان راكىنىڭ كۆرۈلىشى، يىمەك-ئىچمەك ئادىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك؛ ئەمىلىيەتتە ئاشقازان راكىلا ئەمەس، چوڭ ئۈچەي راكى، جىگەر راكى، ئاش

دىققەت! بۇ ئەھۋاللارمۇ ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدىگەنگە باراۋەر

لىكىن، بەزى ماشىنا ئىگىلىرى، تەلەي سىناش پىسخىكىسىدا بولۇپ، "ھاراقنى كۆپ ئىچمىدىم، ماشىنا ھەيدىسەم بولىۋىرىدۇ" دەپ قارايدۇ؛ نەتىجىدە،

تاماقتىن كىيىنكى يېرىم سائەت، كۈتۈنۈشتىكى ئالتۇن مەزگىل

تاماقتىن كىيىن 15مىنۇت ئارام ئېلىپ، بەزىبىر يىنىك مۇزىكالارنى ئاڭلاڭ ھەمدە ئازراق چاي ئىچىپ بىرىڭ، ئەمما كۆپ بولۇپ كەتمەسلىكى كېرەك.

ھەقىقىي ئىلمىي ئورۇقلاش ئۈچۈن چوقۇم 90 كۈن قەتئىي داۋاملاشتۇرىمىز

ئادەم تېنىدىكى ياغ ھۈجەيرىسىنىڭ خاتىرىسى بولۇپ، بۇ دەل تېز سۈرئەتتە ئورۇقلاپ بولغاندىن كېيىن ناھايىتى تېز ئەسلىگە كېلىپ قىلىشنىڭ ئاسا

ئادەم نېمىشقا بۇرنىنى كوچىلاشقا ئامراق كېلىدۇ

ئىگىلەشلەرگە ئاساسلانغاندا، %91 ئادەم بۇرنىنى كوچىلايدىكەن؛ قالغان %9 ئادەم بولسا، ھەر نېمە دېگەن بىلەنمۇ بۇرنىنى كوچىلايدىغانلىقىنى ئې

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号