چەتئەللىك ئايال ئوڭۇشلۇق ھالدا بەشكىزەك قىز تۇغدى
7 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 5811:قېتىم كورۇلدى
    ئىگىلەشلەرگە قارىغاندا،  ئامىرىكا خىيوستوندىكى بىر دوختۇرخانىدا، بىر ھامىلدار ئايال بەشكىزەك قىز تۇغقان بولۇپ، بۇ، يېقىنقى 50يىلدىن بىرى، ئامىرىكا تارىخىدىكى تۇنجى بولغان ھەمدە ھەممىسى قىز تۇغۇلغان بەشكىزەك بوۋاق ئىكەن. ئەينى ۋاقىتتا، دوختۇر پەقەت 4مىنۇت ۋاقىت سەرپ قىلىپلا، ئوپراتسىيە قىلىپ تۇغدۇرۇشنى تۈگىتىپ، ھامىلدار ئايالنىڭ ئوڭۇشلۇق تۇغۇشىغا ياردەملەشكەن؛ بۇ قېتىم تۇغۇلغان بەشكىزەك بوۋاقنىڭ ئىچىدە ئىككىسى، بىر ئۇرۇقلانغان تۇخۇمدىن تۇغۇلغان بوۋاقلار ئىكەن. ھازىر بۇ بەش بوۋاق ھەممىسى بىر يېرىم ياشقا كىرىپ قالغان بولۇپ، نۆۋەتتە ئۇلارنىڭ سالامەتلىكى ئىنتايىن ياخشى ئىكەن.
    ئەر-خوتۇن ئىككەيلەننىڭ،  ئەينى ۋاقىتتىكى بەشكىزەككە ھامىلدار بولغانلىقىنى بىلگەن ۋاقتىدىكى ئىشىنەلمەي قالغانلىرى، ھازىرمۇ ئۇلارنىڭ ئىنىق ئىسىدە. ئىرى ئادام بۇيىل 34 ياشقا كىرگەن بولۇپ، ئۇنىڭ دىيىشىچە، ئەينى ۋاقىتتا، تەكشۈرۈش ئەسۋابىدا بەشكىزەك بوۋاق كۆرۈلگەن ۋاقىتتا، ئۇ ھەيران قالغانلىقىدىن قولىدىكى قەھۋەنىمۇ چىڭ تۇتالماي، ئېغىزىنى ئېچىپلا قالغان ھەمدە نەچچە كۈن ئۆتكەندىن كىيىن، ئاندىن بۇنىڭ راستىلىقىغا ئىشىنەلىگەن؛ ئايالى دانىيىلمۇ ئەينى ۋاقىتتا كۆزلىرىگە ئىشىنەلمەي قالغان؛ چۈنكى ئۇلار ئىلگىرى ئىككى يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ ئاندىن تۇنجى قىزى بىلايىكنى تۇغقان ئىدى، ئەمما ئويلىمىغان يەردىن بۇ قېتىم بىراقلا بەشكىزەك بوۋاققا ھامىلدار بولغان.
    ھامىلدارلىق مەزگىلىدە، دانىيىل ھەركۈنى دىگۈدەك چوڭ يەپ چوڭ ئىچىپ، ئوتتۇرا ھىساپ بىلەن ھەركۈنلۈكى 4500كىلوكالورىيە ئىنىرگىيە قوبۇل قىلغان. كىيىنچە ئۇنىڭ چاقچاق قىلىپ ئېيتىشىچە، ھامىلدارلىق مەزگىلىدە، ئۇ غايەت زور مەخلۇققا ئايلىنىپ قالغان بولۇپ، ھەتتا دۈمچە قىسىملىرىمۇ سېمىز گۆشلەرگە تولۇپ كەتكەن ئىكەن.
    كۆپ ھامىيلىلىك ھامىلدارلىق، ھامىلدار ئايال ۋە ھامىلىگە قارىتا چوڭ بىر خەتەر ھىسابلىنىدىغان بولۇپ، ئازراقلا ئىھتىيات قىلمىغاندا تاساددىبى ئەھۋاللارنىڭ كىلىپ چىقىشىدىن ساقلانغىلى بولمايتتى. دانىيىل ھامىلدار بولۇپ 28 ھەپتىلىك بولغان ۋاقىتتا، ئۇنىڭ قورسىقىدىكى تېخى تۇغۇلمىغان بوۋاقلار، چەكلىك بولغان بوشلۇقنى(بالىياتقۇ بوشلۇقى) تالىشىشقا باشلىغان بولغاچقا، دوختۇرلار بۇ ئالاھىدە ئەھۋالنى كۆزدە تۇتۇپ، ئۇنى ئوپراتسىيە قىلىش ئارقىلىق تۇغدۇرۇشنى قارار قىلغان.

ئەرلەر قانداق ئايال كىشىنى كۆڭلىدىن چىقىرۋىتەلمەيدۇ

نۇرغۇن ئاياللارنىڭ ئۆزىنىڭ مۇستەقىل تەپەككۇر بوشلۇقى بار بولۇپ، مۇھەببەت جەھەتتە ھىسياتقا ئۆزىنىڭ ئېڭى بويىچە مۇئامىلە قىلىدۇ؛ بۇ سەۋ

راك كىسەللىكىگە قارشى تۇرىدىغان يىمەكلىكلەر

ئاشقازان راكىنىڭ كۆرۈلىشى، يىمەك-ئىچمەك ئادىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك؛ ئەمىلىيەتتە ئاشقازان راكىلا ئەمەس، چوڭ ئۈچەي راكى، جىگەر راكى، ئاش

دىققەت! بۇ ئەھۋاللارمۇ ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدىگەنگە باراۋەر

لىكىن، بەزى ماشىنا ئىگىلىرى، تەلەي سىناش پىسخىكىسىدا بولۇپ، "ھاراقنى كۆپ ئىچمىدىم، ماشىنا ھەيدىسەم بولىۋىرىدۇ" دەپ قارايدۇ؛ نەتىجىدە،

تاماقتىن كىيىنكى يېرىم سائەت، كۈتۈنۈشتىكى ئالتۇن مەزگىل

تاماقتىن كىيىن 15مىنۇت ئارام ئېلىپ، بەزىبىر يىنىك مۇزىكالارنى ئاڭلاڭ ھەمدە ئازراق چاي ئىچىپ بىرىڭ، ئەمما كۆپ بولۇپ كەتمەسلىكى كېرەك.

ھەقىقىي ئىلمىي ئورۇقلاش ئۈچۈن چوقۇم 90 كۈن قەتئىي داۋاملاشتۇرىمىز

ئادەم تېنىدىكى ياغ ھۈجەيرىسىنىڭ خاتىرىسى بولۇپ، بۇ دەل تېز سۈرئەتتە ئورۇقلاپ بولغاندىن كېيىن ناھايىتى تېز ئەسلىگە كېلىپ قىلىشنىڭ ئاسا

ئادەم نېمىشقا بۇرنىنى كوچىلاشقا ئامراق كېلىدۇ

ئىگىلەشلەرگە ئاساسلانغاندا، %91 ئادەم بۇرنىنى كوچىلايدىكەن؛ قالغان %9 ئادەم بولسا، ھەر نېمە دېگەن بىلەنمۇ بۇرنىنى كوچىلايدىغانلىقىنى ئې

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号