تاتلىق ياڭيۇنىڭ پايدىسى ۋە دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلار
7 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 39802:قېتىم كورۇلدى
    تاتلىق ياڭيۇ، تۇرمۇشىمىزدا كۆپ ئۇچرايدىغان يىمەكلىك؛ تاتلىق ياڭيۇنىڭ ئۇزۇقلۇق قىممىتى ۋە ئۈنۈمى ئوخشاشلا ئىنتايىن يۇقىرى ئىكەنلىكىنى ھەممەيلەن بىلىدۇ، ئەمما تاتلىق ياڭيۇ ئىستىمال قىلىشتا دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلارنى بىلىدىغانلار ئاز بولۇشى مۇمكىن. بۈگۈن بىز مۇشۇ ھەقتە كۆپچىلىككە چۈشەنچە بىرىمىز.
تاتلىق ياڭيۇنىڭ ئۈنۈمى
    تاتلىق ياڭيۇنىڭ ئۇزۇقلۇق تەركىبى ئىنتايىن مول بولۇپ، ئۇ ئۇزۇقلۇقشۇناسلار تەرپىدىن، ئۇزۇقلۇق تەركىبى ئەڭ تەكشى بولغان ساغلام يىمەكلىك دەپ نام بىرىلگەن. ياۋرۇپالىقلار بولسا تاتلىق ياڭيۇنى "ئىككىنچى بولكا" دەپ ئاتايدۇ.
1. تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇپ زەھەر ھەيدەش
    تاتلىق يۇڭيۇ تەركىبىدە زور مىقداردا، ئاسان ھەزىم بولمايدىغان يىمەكلىك تالا ماددىسى بار بولۇپ، ئۇ ھەزىم قىلىش سۇيۇقلۇقىنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىنى غىدىقلاپ، ئاشقازان-ئۈچەينىڭ قىمىرلىشىنى كۈچەيتىدۇ ھەمدە بۇ ئارقىلىق تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇپ، بەدەندىكى زەھەرنى ھەيدەيدۇ؛ بولۇپمۇ، ياشانغانلاردىكى قەۋزىيەتنى ياخشىلاشتا، بىرقەدەر ياخشى ئۈنۈم كۆرسىتىدۇ.
2. قان بېسىمنى تۆۋەنلىتىشكە پايدىلىق
    تاتلىق ياڭيۇنىڭ قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىشتىكى ياردەمچىلىك رولى، ئۇنىڭ تەركىبىدىكى مول مىقداردىكى كالى ماددىسىدىن كىلىدۇ. ئەگەر ئادەم بەدىنى يىتەرلىك مىقداردىكى كالى ماددىسى قوبۇل قىلسا، ئۇنداقتا قان تەركىبىدىكى ئارتۇق ناترى ماددىسىنى چىقىرىۋىتىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. كالى تەركىبى مول بولغان يىمەكلىكلەرنى ئىستىمال قىلغاندا، يەنە تېخى بەدەندىكى مىنرالنى ماددىلارنىڭ تەڭپۇڭلىقىنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ ھەمدە ئەڭ ئاخىرىدا، بەلگىلىك دەرىجىدە قان بېسىمنى تۆۋەنلىتىش ئۈنۈمى كۆرسىتىدۇ.
3. يۈرەك قان تۇمۇرلىرىنى قوغدايدۇ
     تاتلىق ياڭيۇ تەركىبىدىكى كالىي، فولىن كىسلاتاسى، ۋىيتامىن A، ۋىيتامىن B، كاروتىن قاتارلىق ماددىلار بىرقەدەر مول بولۇپ، بۇ ماددىلارنىڭ ھەممىسىنىڭ يۈرەك قان تۇمۇر كىسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولى بار.
تاتلىق ياڭيۇ ئىستىمال قىلغاندا دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلار
    1. ئاشقازان ۋە ئۆت ئىقتىدارى ئاجىز بولغان، ھەزىم قىلىشى ئاستا ھەمدە قورسىقى ئىسىلىپ قالغان كىشىلەر ئىمكان قەدەر تاتلىق ياڭيۇ يىمەسلىكى كىرەك. بۇندىن باشقا، ئاشقازىنى ئېچىشىپ قالغان، ئاشقازان يارىسى بار بىمارلارمۇ تاتلىق ياڭيۇ يىمەسلىكى كىرەك.
    2. تاتلىق ياڭيۇنى شوخلا بىلەن بىرگە يىيىشكە بولمايدۇ، بولمىغاندا ئاشقازانغا تاش چۈشۈش خەۋىپى كىلىپ چىقىدۇ.
    3. بىر قېتىمدا بەك كۆپ ئىستىمال قىلىشقا بولمايدۇ. تاتلىق ياڭيۇنىڭ ساخارىد تەركىبى كۆپ بولۇپ، ئاسانلىقچە ھەزىم بولمايدۇ. ئەگەر بەك كۆپ يەۋەتكەندە، قوساق ئىسىلىش، ئاشقازان ئاغرىش قاتارلىق ئالامەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ئەرلەر قانداق ئايال كىشىنى كۆڭلىدىن چىقىرۋىتەلمەيدۇ

نۇرغۇن ئاياللارنىڭ ئۆزىنىڭ مۇستەقىل تەپەككۇر بوشلۇقى بار بولۇپ، مۇھەببەت جەھەتتە ھىسياتقا ئۆزىنىڭ ئېڭى بويىچە مۇئامىلە قىلىدۇ؛ بۇ سەۋ

راك كىسەللىكىگە قارشى تۇرىدىغان يىمەكلىكلەر

ئاشقازان راكىنىڭ كۆرۈلىشى، يىمەك-ئىچمەك ئادىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك؛ ئەمىلىيەتتە ئاشقازان راكىلا ئەمەس، چوڭ ئۈچەي راكى، جىگەر راكى، ئاش

دىققەت! بۇ ئەھۋاللارمۇ ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدىگەنگە باراۋەر

لىكىن، بەزى ماشىنا ئىگىلىرى، تەلەي سىناش پىسخىكىسىدا بولۇپ، "ھاراقنى كۆپ ئىچمىدىم، ماشىنا ھەيدىسەم بولىۋىرىدۇ" دەپ قارايدۇ؛ نەتىجىدە،

تاماقتىن كىيىنكى يېرىم سائەت، كۈتۈنۈشتىكى ئالتۇن مەزگىل

تاماقتىن كىيىن 15مىنۇت ئارام ئېلىپ، بەزىبىر يىنىك مۇزىكالارنى ئاڭلاڭ ھەمدە ئازراق چاي ئىچىپ بىرىڭ، ئەمما كۆپ بولۇپ كەتمەسلىكى كېرەك.

ھەقىقىي ئىلمىي ئورۇقلاش ئۈچۈن چوقۇم 90 كۈن قەتئىي داۋاملاشتۇرىمىز

ئادەم تېنىدىكى ياغ ھۈجەيرىسىنىڭ خاتىرىسى بولۇپ، بۇ دەل تېز سۈرئەتتە ئورۇقلاپ بولغاندىن كېيىن ناھايىتى تېز ئەسلىگە كېلىپ قىلىشنىڭ ئاسا

ئادەم نېمىشقا بۇرنىنى كوچىلاشقا ئامراق كېلىدۇ

ئىگىلەشلەرگە ئاساسلانغاندا، %91 ئادەم بۇرنىنى كوچىلايدىكەن؛ قالغان %9 ئادەم بولسا، ھەر نېمە دېگەن بىلەنمۇ بۇرنىنى كوچىلايدىغانلىقىنى ئې

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号