تاماكا تەركىبىدىكى نىكوتىننىڭ زىينىنى تازىلايدىغان ئىككى خىل سۇ
7 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 6828:قېتىم كورۇلدى
    دادامنىڭ ھەممى يىرى ياخشى، ماڭا ئامراق، تاماققا ئۇستا، ھەمىشە مەن بىلەن بىللە ئوينىشىپ بىرىدۇ؛ ئۇنىڭ پەقەت بىرلا بولمايدىغان يىرى، تاماكا خۇمارى كۈچلۈك. ئانام بىلەن ئىككىمىز دادامنىڭ تاماكا چىكىشىگە بەك ئۆچ، بەزىدە ئۇنىڭ قارىداپ كەتكەن چىشلىرىغا قاراپ، ئۇنىڭ ئۆپكىسىدىن ئەنسىرەپ قالىمىز. بىراق ئۇنى نۇرغۇن قېتىم تاماكا تاشلاشقا دەۋەت قىلغان بولساقمۇ، ئۇ يەنىلا تاشلاپ بولالمىدى.
   كىيىنچە، تاماكىنى بۇنداق كۆپ چىكىۋەرسە بولمايدىغانلىقىنى دادام ئۆزىمۇ ھىس قىلىپ يەتتى؛ چۈنكى تاماكا تەركىبىدىكى نىكوتىن، ئادەمنىڭ ئۆپكىسىگە ئىنتايىن زىيانلىق ئىدى. بىراق دادام تاماكىنى يا تاشلاپ بولالمىسا، زادى قانداق قىلىش كىرەك؟ كىيىنچە مەن بىر ساغلاملىق ۋە كۈتۈنۈش مۇتەخەسسىسىدىن مەسلىھەت سورىسام، ئۇ ماڭا تۆۋەندىكى ئىككى خىل سۇنىڭ نىكوتىننىڭ "تەبىئى دۈشمىنى" ئىكەنلىكىنى، ئەتىگەن كەچتە بىر ئىستاكاندىن ئىچىپ بەرسە، تاماكا زەھىرىنى تازىلاپ، ئۆپكىنى پاكىزە ھەم ساغلام قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بەردى.
قارا سامساق سۈيى(قارا سامساق چىلانغان سۇ)
    تۇرمۇشىمىزدا سامساق كۆپ ئۇچرايدۇ، ئەمما قارا سامساقنى بىلىدىغانلار ئىنتايىن ئاز؛ بىراق ئسىمىدىنلا بىلىۋىلىشقا بولىدۇ، قارا سامساق قارا رەڭدە كىلىدۇ. ئاق سامساق تائام تەييارلاشتا كۆپ ئىشلىتىلىدىغان تەم خۇرۇچى بولۇپ، ئۇنىڭ ئىنتايىن ياخشى بولغان ۋىروس ئۆلتۈرۈش رولى بار؛ ئەمما قارا سامساقنىڭ ئاساسلىق رولى بولسا، ئۆپكە قسىمدا ئۇزۇن مەزگىل تاماكا چەككەنلىك سەۋەبىدىن يېغىلىپ قالغان زەھەرلىك ماددىلارنى پارچىلاش ۋە بەدەن سىرتىغا چىقىرۋىتىش بولۇپ، ئۇنىڭ "ئۆپكە تازىلىغۇچى" دىگەن نامى بار.
ھەسەل سۈيى
    نۇرغۇن ئاياللار ھەسەل تەڭشەلگەن سۇ ئىچىشنى ياخشى كۆرىدۇ، چۈنكى ئۇلار ھەسەل سۈيى مىنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىدۇ دەپ قارايدۇ. بىراق ئەمىلىيەتتە، ھەسەل سۈيىنىڭ ئاساسلىق ئۈنۈمى زەھەر ھەيدەشتۇر. تاماكىنى كۆپ چىكىدىغان  كىشىلەر ئەتىگەن كەچتە بىر ئىستاكاندىن ھەسەل سۈيى ئىچىپ بەرسە، ئۆپكىدىكى تاماكا زەھىرىنى تازىلاپلا قالماي، يەنە ئۆپكە قىسىمدىكى زەخمىگە ئۇچرىغان ھۈجەيرىلەرنى ياخشىلاپ ئوڭشايدۇ ھەمدە ئۆپكىمىزنى تېخىمۇ ساغلام قىلىدۇ.
    قارا سامساق سۈيى ۋە ھەسەل سۈيىنى كۆپلەپ ئىچىپ بەرسەك، گەرچە ئۆپكە قىسىمنى تازىلاش ئۈنۈمىگە ئىرىشكىلى بولسىمۇ، ئەمما تاماكا چىكىشنىڭ ئادەم بەدىنىگە بولغان زىيىنىنى يەنىلا پۈتۈنلەي يوقاتقىلى بولمايدۇ؛ شۇڭا، ئۆزىمىزنىڭ تەن ساغلاملىقىمىز ۋە ئەتراپىمىزدىكى كىشىلەرنىڭ سالامەتلىكى ئۈچۈن تاماكىنى ئىمكان قەدەر ئاز چەككەن ياخشى.

ئەرلەر قانداق ئايال كىشىنى كۆڭلىدىن چىقىرۋىتەلمەيدۇ

نۇرغۇن ئاياللارنىڭ ئۆزىنىڭ مۇستەقىل تەپەككۇر بوشلۇقى بار بولۇپ، مۇھەببەت جەھەتتە ھىسياتقا ئۆزىنىڭ ئېڭى بويىچە مۇئامىلە قىلىدۇ؛ بۇ سەۋ

راك كىسەللىكىگە قارشى تۇرىدىغان يىمەكلىكلەر

ئاشقازان راكىنىڭ كۆرۈلىشى، يىمەك-ئىچمەك ئادىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك؛ ئەمىلىيەتتە ئاشقازان راكىلا ئەمەس، چوڭ ئۈچەي راكى، جىگەر راكى، ئاش

دىققەت! بۇ ئەھۋاللارمۇ ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدىگەنگە باراۋەر

لىكىن، بەزى ماشىنا ئىگىلىرى، تەلەي سىناش پىسخىكىسىدا بولۇپ، "ھاراقنى كۆپ ئىچمىدىم، ماشىنا ھەيدىسەم بولىۋىرىدۇ" دەپ قارايدۇ؛ نەتىجىدە،

تاماقتىن كىيىنكى يېرىم سائەت، كۈتۈنۈشتىكى ئالتۇن مەزگىل

تاماقتىن كىيىن 15مىنۇت ئارام ئېلىپ، بەزىبىر يىنىك مۇزىكالارنى ئاڭلاڭ ھەمدە ئازراق چاي ئىچىپ بىرىڭ، ئەمما كۆپ بولۇپ كەتمەسلىكى كېرەك.

ھەقىقىي ئىلمىي ئورۇقلاش ئۈچۈن چوقۇم 90 كۈن قەتئىي داۋاملاشتۇرىمىز

ئادەم تېنىدىكى ياغ ھۈجەيرىسىنىڭ خاتىرىسى بولۇپ، بۇ دەل تېز سۈرئەتتە ئورۇقلاپ بولغاندىن كېيىن ناھايىتى تېز ئەسلىگە كېلىپ قىلىشنىڭ ئاسا

ئادەم نېمىشقا بۇرنىنى كوچىلاشقا ئامراق كېلىدۇ

ئىگىلەشلەرگە ئاساسلانغاندا، %91 ئادەم بۇرنىنى كوچىلايدىكەن؛ قالغان %9 ئادەم بولسا، ھەر نېمە دېگەن بىلەنمۇ بۇرنىنى كوچىلايدىغانلىقىنى ئې

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号