چولپانلارنىڭ باشقىلارنىڭ بىلىشىنى خالىمايدىغان مەخپىيەتلىكلىرى
7 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 6042:قېتىم كورۇلدى
   گەرچە ھەممىمىز چولپانلارنىڭمۇ ئادەتتىكى ئادەم ئىكەنلىكىنى بىلسەكمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ ئېكرانىدىكى مۇكەممە ئىپادىلىرىنى كۆرۈپ ئادەتلىنىپ قالغاچقا، ئۇلارغا نىسبەتەن ھەمىشە بىر خىل سىرلىق ھەم خىيالى تۇيغۇسىدا بولىمىز. ئەمىلىيەتتە نۇرغۇن چولپانلارنىڭ ئۆزگىچە ئادەتلىرى بار بولۇپ، بەزىدە ھەتتا ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى كىشىلەرمۇ بەرداشلىق بىرەلمەي قالىدۇ.
1. بىراد.پىتىر: يۇيۇنۇشقا ئۆچ
     بىراد.پىتىر ھوللىۋودتىكى داڭلىق چولپانلارنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇنىڭ يۇيۇنۇشنى ياقتۇرمايدىغان ئادىتىنى، كىنو ساھەسىدىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ئاساسى جەھەتتىن بىلىدۇ. ئۇ ئادەتتە يۇيۇنۇشقا ئۆچ بولۇپلا قالماي، ئۇ يەنە ئىنسانلار كۈندە مۇنچىغا چۈشۈپ يۇيۇنمىسىمۇ بولىدۇ دەپ قارايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئۇنىڭ قارىشىچە، سوپۇن بولسا، بىر دۆۋە زەھەرلىك ماددىلاردىن تۈزۈلگەن بۇيۇم بولۇپ، بەدەنگە ۋە يەرشارىغا زىيانلىق ئىكەن.
2. روبىرت.پاتتىنسون: چېچنى يۇيۇشقا ئۆچ
    قان شورىغۇچى ئالۋاستىنىڭ رولىنى ئالغان ئارتىستلارنىڭ ھەممىسى پاكىزلىققا ئۆچمۇ نىمە بىلمىدۇق؛ يۇيۇنۇشنى ياقتۇرمايدىغان بىراد.پىتىرلا ئەمەس، قان شورىغۇچى ئالۋاستىنىڭ رولىنى ئالغان يىڭى بىر ئەۋلاد ئارتىست روبىرت.پاتتىنسونمۇ چېچىنى يۇيۇشقا ئىنتايىن ئۆچ ئىكەن. روبىرتنىڭ دىيىشىچە، ئۇنىڭ چېچىنى يۇيىشى ھاجەتسىز ئىكەن ھەمدە باشقىلارنىڭ بۇنىڭغا قانداق قارايدىغانلىقىغىمۇ پەرۋا قىلمايدىكەن. ئۇنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئۇ ئىلگىرى ھەتتا ئالتە ھەپتىدە بىر قېتىم چېچىنى يۇيۇپ سىناپمۇ باققان ئىكەن.
3. ۋاڭ لىخۇڭ: تۆشۈك پايپاق كىيىشكە ئامراق

    مەلۇم بىر تېلىۋىزىيە پىروگىراممىسىدا، تاۋجى ۋاڭ لىخۇڭنىڭ تۆشۈك پايپاق كىيىشنى ياخشى كۆرىدىغانلىقى ۋە كىيىم ئىشكابىدا تاشلىۋىتىشكە كۆز قىيمىغان، يىرتىلىپ تىشىلىپ كەتكەن بىر مۇنچە پايپاق بار ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى. كۆپچىلىك پىروگىرامما جەريانىدا ۋاڭ لىخۇڭنى ئايىغىنى سېلىۋىتىشكە قىستىغان ئىدى، ئويلىمىغان يەردىن، ۋاڭ لىخۇڭنىڭ كىيىۋالغان پايپىقى راستىنلا تۆشۈك چىقىپ قالدى.
4. بېكىنھام: ئۆزىنى مەجبۇرلاش پىسخىكىسى
    بېكىنھامنىڭ غەلىتە ئادىتى، يۇيۇنۇشنى ياقتۇرمايدىغان بىراد.پىتىر بىلەن قارمۇ-قارشى بولۇپ، بېكىنھامدا ئېغىر دەرىجىدە پاكىزلىق ئادىتى بار؛ ئۇنىڭ رەتلىك ھەم پاكىزىلىققا بولغان تەلىپى ھەتتا ئۆزىنى مەجبۇرلاش پىسخىكىسى دەرىجىسىگە بېرىپ يەتكەن بولۇپ، بېكىنھام ئۆزىمۇ بۇ نوقتىنى ئۇچۇق ئىتراپ قىلغان.
5. سۇڭ جۇڭجى: بېشىنى چوقۇم كىيىم كېيگەن ھالەتتە يۇيۇش
    قىزلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئىرىشكەن كورىيەلىك ئەر چولپان سۇڭ جۇڭجى ئىلگىرى، ئۆزىنىڭ بېشىنى يۇيغان ۋاقىتتا چوقۇم كىيىم كىيىپ ئاندىن يۇيىدىغانلىقىنى ۋە يۇيۇنغان ۋاقىتتا چوقۇم ئالدى بىلەن ئۈستۈنكى يېرىم بەدىنىنى، كەينىدىن ئاندىن ئاستىنقى يېرىم بەدىنىنى يۇيىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.
6. جوننىي.دىپ: قونچاق ئويناشنى ياخشى كۆرۈش
    جوننىي.دىپ، باربىي قونچىقى يېغىپ ساقلاش ھەۋەسكارى؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ سانى چەكلىك بولغان باربىي قونچاقلىرىنى يېغىپ ساقلاشنى ياخشى كۆرىدۇ؛ مەسىلەن، بىيانس، مۈشۈك پادىشاھ قاتارلىقلارنىڭ قايتا ئۇچراتقىلى بولمايدىغان قونچاقلىرىنى يېغىپ ساقلايدۇ.
7. كەيتى.پېررىي: ئۆزىنى مەجبۇرلاش كىسىلى

    كەيتى.پىررىمۇ ئۆزىنى مەجبۇرلاش پىسخىكىسى بار سەنئەتكارلارنىڭ ۋەكىلىنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ چىشىنىڭ ئاق رەڭنى ساقلىشى ۋە ئېغىزىدا غەلىتە پۇراقلارنىڭ بولۇپ قالماسلىقىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرىدۇ؛ بۇ سەۋەپلىك ئۇ ئادەتتە يېنىدا ئىككى تال چىش چوتكىسى ئېلىپ يۈرىدۇ ھەمدە ھەركۈنى ئالتە قېتىم چىشىنى چوتكىلايدۇ.

ئەرلەر قانداق ئايال كىشىنى كۆڭلىدىن چىقىرۋىتەلمەيدۇ

نۇرغۇن ئاياللارنىڭ ئۆزىنىڭ مۇستەقىل تەپەككۇر بوشلۇقى بار بولۇپ، مۇھەببەت جەھەتتە ھىسياتقا ئۆزىنىڭ ئېڭى بويىچە مۇئامىلە قىلىدۇ؛ بۇ سەۋ

راك كىسەللىكىگە قارشى تۇرىدىغان يىمەكلىكلەر

ئاشقازان راكىنىڭ كۆرۈلىشى، يىمەك-ئىچمەك ئادىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك؛ ئەمىلىيەتتە ئاشقازان راكىلا ئەمەس، چوڭ ئۈچەي راكى، جىگەر راكى، ئاش

دىققەت! بۇ ئەھۋاللارمۇ ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدىگەنگە باراۋەر

لىكىن، بەزى ماشىنا ئىگىلىرى، تەلەي سىناش پىسخىكىسىدا بولۇپ، "ھاراقنى كۆپ ئىچمىدىم، ماشىنا ھەيدىسەم بولىۋىرىدۇ" دەپ قارايدۇ؛ نەتىجىدە،

تاماقتىن كىيىنكى يېرىم سائەت، كۈتۈنۈشتىكى ئالتۇن مەزگىل

تاماقتىن كىيىن 15مىنۇت ئارام ئېلىپ، بەزىبىر يىنىك مۇزىكالارنى ئاڭلاڭ ھەمدە ئازراق چاي ئىچىپ بىرىڭ، ئەمما كۆپ بولۇپ كەتمەسلىكى كېرەك.

ھەقىقىي ئىلمىي ئورۇقلاش ئۈچۈن چوقۇم 90 كۈن قەتئىي داۋاملاشتۇرىمىز

ئادەم تېنىدىكى ياغ ھۈجەيرىسىنىڭ خاتىرىسى بولۇپ، بۇ دەل تېز سۈرئەتتە ئورۇقلاپ بولغاندىن كېيىن ناھايىتى تېز ئەسلىگە كېلىپ قىلىشنىڭ ئاسا

ئادەم نېمىشقا بۇرنىنى كوچىلاشقا ئامراق كېلىدۇ

ئىگىلەشلەرگە ئاساسلانغاندا، %91 ئادەم بۇرنىنى كوچىلايدىكەن؛ قالغان %9 ئادەم بولسا، ھەر نېمە دېگەن بىلەنمۇ بۇرنىنى كوچىلايدىغانلىقىنى ئې

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号